تۈرك مەتبۇئاتلىرى سېرىقبۇيا ۋەقەسىگە كەڭ كۆلەمدە ئورۇن بەردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2013.11.18
yengi-asya-geziti-uyghur-mesilisi.jpg «يېڭى ئاسىيا» گېزىتىدە بېرىلگەن سېرىقبۇيا ۋەقەسى توغرىسىدا تەپسىلىي خەۋەر.
RFA/Erkin Tarim

تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مارالبېشىدىكى سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىنىڭ يەنە ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 11 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرىگە كەڭ كۆلەمدە ئورۇن بەردى. تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ دۆلەت تېلېۋىزىيىسى بىلەن شەخسىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك «شەرقىي تۈركىستاندا يەنە قان تۆكۈلدى»، «شەرقىي تۈركىستان يەنە قالايمىقان بولدى»، «شەرقىي تۈركىستاندا يەنە ۋەقە چىقتى»، «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى يەنە ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلدى» دېگەنگە ئوخشاش تېمىلاردا ئۇچۇر تارقاتتى.

بۇلاردىن باشقا تۈركىيەدىكى «يېڭى ئاسىيا»، «ياۋروپا بۈلتەنى»، «دۇنيا بۈلتەنى» ۋە «يېڭى چاغ» گېزىتلىرىگە ئوخشاش كۆپ ساندا تور گېزىتلىرىمۇ سېرىقبۇيا ۋەقەسى توغرىسىدا تەپسىلىي خەۋەر بەردى. ئەمما تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلمىغانلىقى تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.

تۈركىيەنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىنىڭ يەنە ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى، ۋەقەدە ساقچىلاردىن ئىككى، ھۇجۇمچىلاردىن 9 بولۇپ، جەمئىي 11 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەندىن كېيىن د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيىلىرىدىن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىگە سېرىقبۇيىدا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.