خىتاي ياۋروپا پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» غا قارشى «خىتاي دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نى قۇرغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.01.10
Yawropa-parlamenti-uyghur-dostluq-guruppisi-1.jpg ياۋروپا پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 19-ئۆكتەبىر، بىريۇسسېل، بېلگىيە.
RFA/Ekrem

بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا 8-يانۋاردىن بۇيان پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقان د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى پائالىيەتلىرىنى چەكلەش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يېقىندا «خىتاي دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نى قۇرۇپ چىققان.

مەلۇم بولغىنىدەك، ياۋروپا پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» 2017-يىلى 19-ئۆكتەبىردە قۇرۇلغان ئىدى. بۇ گۇرۇپپىغا ئەزا 10 دىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزالىرى ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ، جۈملىدىن جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ ب د ت يىغىنلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا كۈنتەرتىپكە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇپلا قالماي، 4-ئۆكتەبىر يەنە ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك 15 ماددىلىق قارارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولغان ئىدى. بۇ ھال ئۆزىنى چوڭ دۆلەت ساناپ كېلىۋاتقان، دۇنيا سىياسىي سەھنىلىرىدىكى تەسىرىگە ئىشىنىپ، ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ كېلىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىنى قاتتىق بىئارام قىلغانلىقى مەلۇم. 

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەت سەرخىللىرىنى لاگېرلارغا قاماپ يوقىتىش سىياسىتى يۈرگۈزسە، يەنە بىر تەرەپتىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى بوغۇش، چەكلەش ۋە يوقىتىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن پۈتكۈل چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلماقتىكەن. ئۆتكەن يىلى خىتاي تەرەپ ب د ت غا ئەرز سۇنغان بولۇپ، 21-ئاپرېل كۈنى ب د ت نىڭ نيۇ-يوركتىكى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا د ئۇ ق نى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن مەركىزى گېرمانىيەدىكى «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ ب د ت دىكى كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشنى ھەمدە دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ب د ت غا كىرىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي يەنە دولقۇن ئەيسانى «تېررورلۇق» تۆھمەتلىرى بىلەن قايتا ئەيىبلىگەن، دولقۇن ئەيسانىڭ خەلقئارا ساقچىدا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان «تېررورىست» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ھالبۇكى، بۇ چاغدا خەلقئارا ساقچى دولقۇن ئەيسا ئۈستىدىن چىقىرىلغان، 20 يىل داۋاملاشقان تۇتۇش بۇيرۇقىنى 1-فېۋرال ئەمەلدىن قالدۇرۇپ بولغان ئىدى. نەتىجىدە ئامېرىكا، گېرمانىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرىنىڭ قاتتىق قارشى تۇرۇشى بىلەن خىتاي بۇ مەقسىتىگە يېتەلمىگەن، د ئۇ ق رەئىسىنىڭ ب د ت دىكى پائالىيەتلىرى تامامەن ئەسلىگە كەلگەن ئىدى. ئەمما بۇ مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمىگەن خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىپلوماتىك كۈچىگە تايىنىپ ئەمدى بۇ ئويۇننى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئوينىماقتا شۇنداقلا د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويۇش قەدىمىنى باسماقتا ئىكەن. 

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىن سىقىپ چىقىرىش مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە، بۈگۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

«ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى» نىڭ خادىمى لۇسىيە پاررۇچى خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋەكىللەر گۇرۇپپىسى بولۇپ ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېلىپ بارغان بىر قاتار پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى خادىمى لۇسىيە، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ۋە د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى رايىن ئەپەندىلەر ياۋروپا پارلامېنتىدا 8-يانۋاردىن 10-يانۋارغىچە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى بىرلىكتە ئېلىپ باردۇق. ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىمىزدىكى 5-ئايدا سايلام ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، بۇ سايلامدا بەزى پارلامېنت ئەزالىرى سايلامغا قاتناشمايدۇ ۋە بىزگە ناتونۇش بولغان يەنە بەزى كىشىلەر پارلامېنتقا يېڭىدىن ئەزا بولۇپ كىرىدۇ. بىز ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىغا ئەزا بولغان كونا پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىش ۋە يەنىمۇ كۈچەيتىش، يېڭىدىن پارلامېنتقا ئەزا بولماقچى بولغان كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇش مەقسىتىدە پائالىيەتلىرىمىزنى قانات يايدۇرۇۋاتىمىز. پارلامېنتتا ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، خىتاي دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ زىيانكەشلىكلىرىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. بىز يەنە كۆپلىگەن پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن 5-ئايدىكى سايلامغا قەدەر ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېلىپ بارىدىغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنىڭ پىلان-پروگراممىلىرىنى ئورتاق مۇزاكىرە قىلدۇق. زىيارىتىمىزنى ناھايىتى نەتىجىلىك بولدى، دېيەلەيمىز.»

«ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىمۇ د ئۇ ق رەئىسى بىلەن بىرگە ياۋروپا پارلامېنتىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ تېخىمۇ كۆپ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئىلھام توختىنى 2019-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» ۋە «ساخاروف مۇكاپاتى» غا نامزات كۆرسىتىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.