ئىلھام ماھمۇت: يېڭى ھۆكۈمەت كابىنېتىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئۆزگەرمەيدۇ

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2014.09.08
ilham-maxmut-yaponiye-kabenti.JPG د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇت ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسى ۋە ياپونىيە يېڭى كابىنېتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئوز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2014-يىلى سېنتەبىر، ياپونىيە.
RFA/Qutluq

ياپونىيە ھۆكۈمىتى 3-سېنتەبىر يېڭىدىن كابېنت تەشكىللەپ، سېنكاكۇ ئارىلى، ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسى قاتارلىق نازۇك سىياسىي مەسىلىلەردە خىتاي ۋە كورېيەگە يېقىن بولغان مۆتىدىل قاراشتىكى سىياسەتچىلەرنى ۋەزىپىگە قويۇپ، خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلغان.

ياپونىيە NHK تېلېۋىزىيەسىنىڭ 4-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە قارىغاندا، ياپونىيە يېڭىدىن كابېنت تەشكىللىگەندىن كېيىن، خىتاي تەرەپ ياپونىيە ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلغان ۋە بۇ يىل 11-ئايدا بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنىدا سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما، ياپونىيەدىن چىقىدىغان «يومىئۇرى شىمبۇن گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ ئىنگلىز تىلىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 7-سېنتەبىر خىتاي دېڭىز قوغداش قىسمىنىڭ خەيجىڭ 2149 ماركىلىق پاراخوتى سېنكاكۇ ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىپ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى يەنە قايتىدىن جىددىيلەشتۈرۈپ قويغان.

ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسى ۋە ياپونىيە يېڭى كابىنېتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇت بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.