خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇئاۋىنى جاڭ مىڭ رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلدى

0:00 / 0:00

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، تۈركىيەدە 15 - ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن دۆلەت رەئىسىمىز رەجەپ تاييپ ئەردۇغاننى ۋە ھۆكۈمىتىمىزنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، خىتاي تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ مىڭ 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 6 - كۈنىگىچە دۆلىتىمىزدە رەسمىي زىيارەت ئېلىپ بارماقتا دېيىلگەن.

خەۋەردە ئېيتىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تۈركىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراق قوبۇل قىلىدىكەن. ئىگىلىشىمىزچە، جاڭ بۈگۈن چۈشتىن كېيىن تۈركىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراق بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈركىيە - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئاتوم ئېنېرگىيەسى ساھەسىدىكى ھەمكارلىق توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

بىز بۇ زىيارەت توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى بىۋاسىتە تۈركىيەدىن ھال سورىماي، ۋەكىل ئەۋەتىشىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە بۇ زىيارەتتە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى 15 - ئىيۇل ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ كونا ئىتتىپاقداش دۆلىتى ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋىتىدە بىرئاز مەسىلە چىققانلىقىنى، بۇنى كۆرگەن خىتاينىڭ تۈركىيەنى يېنىغا تارتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، تۈركىيە قېيىن ۋەزىيەتتە قالغان بۇنداق بىر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنى تازىلاشقا تىرىشىدىغانلىقىنى، ئەمما مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇئاۋىنى جاڭ مىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىدىكەن. بۇ ھەقتە سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، تۈركىيە قانۇنى بويىچە قۇرۇلغان بۇ ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى تۈركىيەنىڭ ئېتىۋەتمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييپ ئەردوغان 9 - ئاينىڭ بېشىدا خىتايغا بېرىشتىن بۇرۇن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇئاۋىنى جاڭ مىڭنىڭ تۈركىيە زىيارىتى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.