ياپونىيە ئاساھى شىمبون گېزىتى: شى جىنپىڭ يېڭى سىياسەت بەلگىلەپ، قارشى كۈچلەرنى باستۇرۇپ، ئۆز كۈچىنى نامايەن قىلماقچى

0:00 / 0:00

ياپونىيەدىن چىقىدىغان «ئاساھى شىمبۇن گېزىتى» نىڭ 4 - مارتتىكى سانىدا «شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى نېمە قىلماقچى؟»، «شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە قارشى كۈچلەر ۋە تېررورغا يول قويمايدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالىلەر بېسىلغان.

ماقالىدە 5 - مارت كۈنى شى جىنپىڭ يىتەكچىلىكىدىكى ھاكىمىيەت 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىنى باشلايدىغانلىقىنى، شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى ئۆز ئوبرازىنى تىكلەش، ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن خەلق ئالدىدا مىڭ تىرىشسىمۇ، ئەمما ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى يوشۇرۇن ئاجىزلىقلىرىنىڭ يەنىلا ئاشكارىلىنىپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە «شى جىنپىڭنىڭ ئارزۇسى تولىمۇ ئىگىز يەرگە ئېسىلغان ئارزۇ. ئۇ، بۇ ئارزۇسىغا يىتىش ئۈچۈن تولىمۇ كۆپ بەدەل تولەشكە دۇچ كېلىدۇ» دېيىلگەن.

ماقالىدە شۇنداقلا شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ خىتايدىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەرگە، تېررورلۇققا ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ياپونىيە تېلېۋىزورلىرىدىكى شى ھەققىدىكى خەۋەرلەر
ياپونىيە تېلېۋىزورلىرىدىكى شى ھەققىدىكى خەۋەرلەر


ئاساھى شىمبۇن گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالىدە شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ خىتايدىكى چىرىكلىك ۋە پارىخورلۇققا زەربە بېرىشتە تۈرتكىلىك ھەرىكەتتە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە، خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 9 - فېۋرالدىكى پروگرامىسىدا كۆرسىتىلگەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دۇڭگۇەن شەھىرىدىكى بىر قىسىم مېھمانخانا ۋە پاھىشىخانىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى بايان قىلىنغان.

ماقالىدە خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەزكۇر پروگراممىسىدىن كېيىن، گۇاڭدۇڭدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ رايوندا مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە 18372 پاھىشخانە بايقىلىپ، 920 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بايان قىلغان.

ماقالىدە دېيىلىشىچە، شى جىنپىڭ سىياسىتىنىڭ تۈپ مەقسىتى بولسا، جەمئىيەتتىكى بۇ خىل چىرىك ھادىسىلەرگە زەربە بېرىش بولۇپ، تېخى يېقىندىلا خىتايدىكى يەر - زېمىن مىنىستىرلىقىدىكى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پارا ئالغان 31 ئەمەلدار ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلغان. خۇ جىنتاۋ ھاكىمىيىتىدىكى 9 - نۇمۇرلۇق ئەرباب جۇ يۈڭكاڭ باشچىلىقىدا يۈزدىن ئوشۇق ئەمەلدار ئىقتىسادىي مەسىلە سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە ھەتتا بەزى مىنىستىرلارمۇ بارىكەن.

ماقالىدە « شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى كۇنمىڭدىكى ۋەقەگە خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى مېڭ جيەنجۇنى ئۆزى بىۋاستە ۋەقەنى تەكشۈرۈپ كېلىشكە ئەۋەتتى. شى جىنپىڭ ئازسانلىق مىللەتلەر رايونىنى باستۇرۇش ئۈچۈن «بۆلگۈنچى، تېررورچى» دېگەن ناملارنى قوللىنىپ ئۇلارنى قاتتىق باستۇردى. ئۇ، تېررورغا قارشى تۇرۇشنى يولغا قويدى. ئۇ،ھەمىشە سېنكاكۇ ئارىلى، جەنۇبىي دېڭىز، دېڭىز - ئوكيانلاردىكى خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا كۆتۈرۈپ چىقىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتىنى قۇردى. ئۆزى مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. بۇ كومىتېتنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇش، دۆلەتلەر ئارا توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان» دېيىلگەن.

ماقالىدە يەنە شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى خەلق قۇرۇلتىيىدا ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى ۋە كۈچىنى تولۇق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل 1 - ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىچكى موڭغۇلىيىدە زىيارەت بولغانلىقىنى بايان قىلىنىپ «خىتاينىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ كۆرۈنۈشلەرنى قايتا - قايتا كۆرسىتىپ شى جىنپىڭنىڭ خەلقلەر بىلەن مەڭگۈ بىرگە تۇرىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلدى، بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب ئۆزىنىڭ كۆيۈمچان، خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقچىل داھى ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىشتۇر» دېيىلگەن.

ماقالىدە دېيىلىشىچە، خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان، خىتاينىڭ دېموكراتىيەلىشىشىنى ياقىلايدىغان بىر قىسىم زاتلارنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەتنىڭ ئىسلاھات قىلىنىشىغا قارشى بولۇپ، ئۇلار نامراتلارغا يار - يۆلەك بولۇش ئارقىلىق، ئۆزلىرىگە بولغان قارشى كۈچلەرنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

ماقالىدە يەنە، بۇ قېتىمقى خەلق قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى يېڭى سىياسەت بەلگىلەپ، ھاكىمىيەتكە قارشى كۈچلەرنى باستۇرۇپ، ئۆز كۈچىنى نامايەن قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى مۇختارجان ئابدۇراخمان شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئازسانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتى ئۈستىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى:

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.