ياۋرۇپا پارلامېنتىدا چاقىرىلغان دىپلوماتىيە كۇرسىغا د ئۇ ق رەھبەرلىرىمۇ قاتناشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.09.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
yawrupa-duq-dolqun-eysa-diplomatiye-kursi.jpg دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ياۋرۇپا پارلامېنتىدا چاقىرىلغان دىپلوماتىيە كۇرسىدا
RFA/Ekrem

ياۋرۇپا پارلامېنتىدا چاقىرىلغان دىپلوماتىيە كۇرسىغا د ئۇ ق رەھبەرلىرىمۇ قاتناشتى

8-9 - سىنتەبىر كۈنلىرى ياۋرۇپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن دىپلوماتىيە بىلىملىرى كۇرسىغا د ئۇ ق رەھبەرلىرىمۇ قاتنىشىپ، ئۇيغۇر سىياسىي مۇجادىلىسى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغان.

بۈگۈن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى يىغىن مەيدانىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزغا قارىغاندا، ياۋرۇپا پارلامېنتىدا 8 - سىنتەبىر باشلىنىپ 9 - سىنتەبىر ئاخىرلاشقان، تەمسىل قىلىنمىغان مىللەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە كۇرسىنى ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، تىبەت ئادالەت مەركىزى، ئوكىسفورت ئۇنىۋېرىستېتى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەتقىقات كېڭىشى قاتارلىق 4 ئورگان ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا تەكلىپكە بىنائەن د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا بىلەن قۇرۇلتاي ياشلار كومىتېتى رەئىسى غەيۇر قۇربانلار قاتناشقان.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىن مەيدانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ قېتىمقى كۇرسنىڭ مەقسىتى ۋە قىممىتىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. بۇ قېتىمقى كۇرستا يەنە، ب د ت ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى دائىرىسىدە، دۆلەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ پارلامېنتلىرىدا مىللىي دەۋانى قانداق ئېلىپ بېرىشنىڭ يوللىرىمۇ ئۆگىتىلگەن.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ياۋرۇپا پارلامېنتىدا چاقىرىلغان دىپلوماتىيە كۇرسىدا
د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىمۇ بۇ قېتىمقى يىغىندىن ئالغان تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

بۇ خىلدىكى كۇرسلارنى ئېلىپ بېرىش ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تىلغا ئالغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، كۇرستا يەنە ئۇيغۇر مىللىي مۇجادىلىسى جەريانىدا شەكىللەنگەن تەجرىبىلەرنىمۇ تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە، بۇ قېتىمقى كۇرستا دەرس سۆزلىگەن مۇتەخەسسىسىلەرنىڭ سالاھىيىتىنىمۇ تونۇشتۇردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.