«يەكەن ۋەقەسى»مۇناسىۋىتى بىلەن توكيودا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلۇق
2014.08.10
turmemet-hashim-305.jpg ياپونىيىدىكى يېزا ئىگىلىك پەنلىرى دوكتورى، سۇ ئىنشائاتى مۇتەخەسسىسى تۇرمەمەت ھاشىم ئەپەندى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە نۇتۇق سۆزلىدى. 2011-يىلى 3-ئىيۇل.
RFA


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ھازىر ئاڭلاۋاتقىنىڭلار ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر،ياپون،خىتايدېموكراتلىرىنىڭ نامايىشىنىڭ ئەھۋالى.

ياپونىيەنىڭ توكيو ئەتراپىدا ياشاۋاتقان مەلۇم ساندىكى ئۇيغۇرلار،ياپونلار،خىتاي دېموكراتلىرى جۈمە كۈنى يەنى 8 - ئاۋغۇست كۈنى توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا جەم بولۇپ 28 - ئىيۇل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەكەن قاتارلىق جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى باستۇرۇش داۋامىدا كۆپلىگەن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشقا خەلقارا ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە فوندىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم يېتەكچىلىك قىلدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيە قانىلى نەق مەيدانى سۈرەتكە ئېلىپ تارقاتتى.

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قوللىغۇچى ياپونلار ئاييۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرۈپ نامايىشقا ئىشتىراك قىلدى.

نامايىش باشلىنىشتىن ئىلگىرى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم كۆپچىلىككە سۆز قىلىپ، يېقىندىن بۇيانقى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن يەكەن ناھىيىسىنىڭ ئىلۇشكۇ يېزىسىدىكى ۋەقەلەرگە ئوخشاش كۆپلىگەن ۋەقەلەردە كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

نامايىش داۋامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگۈچى ياپونىيەدىكى بىر قىسىم سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ سۆز قىلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دۆلەت تېررورچىلىقىغا بولغان ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈردى.

نامايىشچىلارنىڭ ۋەكىللىرى سۆزىدە يەنە 1989 - يىلىدىكى 4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسى،1997 - يىلىدىكى 5 - فېۋرال ئىلى ۋەقەسى،2009 - يىلىدىكى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى قاتارلىق ۋەقەلەرنىمۇ ئەسلەپ ئۆتتى.

نامايىشچىلار قوللىرىدىكى پلاكات ۋە بايراقلىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ،«خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈشنى توختات، يەكەن قىرغىچلىقىغا جاۋاب بەر، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك !»دېگەندەك شۇئارلارنى توختىماي توۋلاپ، ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

نامايىش ئاخىرىسىدا دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم نارازىلىق باياناتنامىسىنى ئوقۇپ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ خەت ساندۇقىغا سالدى.

نامايىش چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتىن بەش يېرىمغا قەدەر داۋاملاشتى.

نامايىش ئاخىرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بۈگۈنكى نامايىش ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.