ئامېرىكا، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئامېرىكا پۇقرالىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شەنبە كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى جەريانىدا تىبەت ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلاردا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان 8 ئامېرىكا پۇقراسىنى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008.08.23

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى سۇزان ستىۋەن، شەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا،" بىز مەزكۇر كىشىلەرنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدۇق ۋە ئۇلارنىڭ مەسىلسىنى يېقىندىن كۈزۈتىۋاتىمىز" دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىن خەلقئارا جامائەتكە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سەۋىرچانلىقنى ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن پايدىلانمىغانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقنى تەكىتلىگەن ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى،" ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى جەريانىدا، كىشىلەرنىڭ ئۆز پىكرىنى ئەركىن ئازادە بايان قىلىش ۋە دىنىي ئەركىنلىك قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپلىرىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىدۇ" دېگەن.

ئۇ نىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ خادىملىرى تىبەتنى قوللىغۇچى پائالىيەتچىلەر بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، پائالىيەتچىلەر قيىن - قىستاققا ئۇچرىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ساقچى دائىرىلىرى، سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتكە قاراتقان سىياسىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتىن كېيىن، " جەمئىيەت ئىنتىزامىنى بۇزغانلىقى" ئۈچۈن 6 چەتئەل پۇقراسىغا 10 كۈنلۈك تۈرمە جازاسى بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.

پەيشەنبە كۈنى بولسا، يەنە ئىككى ئامېرىكا، بىر ئەنگىلىيە ۋە بىر گېرمان پۇقراسى، بېيجىڭدا ئولىمپىك تەنھەرىكەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەيدانغا يېقىن بىر جايدا تىبەتنى قوللاپ نامايىش ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

جۈمە كۈنى ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ماندا ماككوۋەن ئىسىملىك 41 ياشتىكى ئەنگىلىيە پۇقراسى بىر ئايالنىڭ 31 ئاۋغۇست كۈنى، يەنى 10 كۈنلۈك تۈرمە جازاسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، خىتايدىن چىقىرىۋېتىلىدىغانلىقىنى ئۇختۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئولىمپىك جەريانىدا نارازىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان چەتئەللىكلەرگە قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتكەن. دەسلەپتە نارازىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان چەتئەللىكلەرنى بىر ياكى ئىككى كۈندىن كېيىن خىتايدىن چىقىرىۋەتكەن بېيجىڭ دائىرىلىرى ئەمدى ئۇلارنى 10 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئاندىن چېگرىدىن قوغلاپ چىقارماقتا ئىكەن.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.