ئامېرىكا ئىككى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىدىن قايغۇرماقتا

ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىخانىسى باياناتچىسى جۈمە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن ۋە مۇسابىقە مەزگىلىدە ئىككى نەپەر خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىدىن قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.08.22

 ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى سۇزان ستېۋېنسوننىڭ ئەسكەرتىشىچە، باش ئەلچى كلارك راندت يېقىندا خىتاي تاشقى ئىشلارمىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە بېيجىڭدىكى بىر يەر ئاستى چېركاۋىنىڭ پوپى خۇا خۇيچى ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى زات خۇ جيانىڭ ئايالى زېڭ جىنيەننىڭ ئىز دېرەكسىز يوقاپ كېتىش ۋەقەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، زېڭ جىنيەن 8 ‏ - ئاۋغۇست كۈنى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن.

زېڭ جىنيەن يوقاپ كېتىپ 3 كۈندىن كېيىن مەخپىي ساقچىلار خۇا خۇيچىنى پرېزىدېنت بۇشنىڭ يەكشەنبىلىك ئىبادەتكە قاتنىشىدىغان چېركاۋغا كېتىۋاتقاندا تۇتۇپ كەتكەن. باياناتچى سۇزان ستېۋېنسون " بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە كىشىلىك ھوقۇققا جۈملىدىن پىكىر ئەركىنلىكى ۋە دىنىي ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىش سەمىمىيىتى كۆرسىتىشكە چاقىرىمىز " دەپ تەكىتلىگەن.

لېكىن ئامېرىكا، باش ئەلچىسىنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلىي دىتاللىرىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاينى ئولىمپىك مەزگىلىدە كىشىلىك ھوقۇقنى، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ياخشىلاش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىدى، دەپ ئەيىبلەۋاتقانلىقى كىشىلەرگە سىر ئەمەس. لېكىن خىتاي بۇ تۈردىكى تەنقىدلەرنى رەت قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.

يېقىندا خىتاي ج خ دائىرىلىرىنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە نامايىش قىلىش رايونى قىلىپ بېكىتكەن بېيجىڭدىكى بىر باغچىدا نامايىش قىلىش ئىلتىماسى سۇنغان بىرى 74 ياش، يەنە بىر 77 ياشلاردىكى ئىككى مومايغا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسى بەرگەنلىكى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.