ئاقساراي ئالىي سوتنىڭ ھۆكۈمى "تېررورچىلار" نىڭ ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلىشىگە يول ئېچىشىدىن ئەنسىرەيدۇ
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.07.04
2008.07.04
ئامېرىكا ئالي سوت مەھكىمىسى 6 - ئايدىكى قارارىدا گۈەنتانامودىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئامېرىكا فېدېرال سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرز قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ھۆكۈم قىلغان. ئالىي سوتنىڭ مەزكۇر قارارىغا ئاساسەن ۋاشىنگتون رايونىدىكى بىر فېدېرال ئەرزىيەت سوتى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنى پەرھات خۇزەيفانىڭ ئەرزىنى كۆرۈپ چىقىپ، گۈەنتانامو ھەربىي كوللىگىيىسىنىڭ ئۇنىڭ ھەققىدىكى قارارىنى ئاغدۇرغان ئىدى.
ئەرزىيەت سوتى پەرھاتنى " دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس،" دەپ قارىغان شۇنداقلا ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ياكى باشقا بىر جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئالىي سوتنىڭ تۇتقۇنلار ھوقۇقىغا دائىر قارارى بۇش ھۆكۈمىتىدە گۈەنتانامودىكى 270 نەپەر تۇتقۇننى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى مۇنازىرىگە سەۋەب بولدى.
ئاقساراينىڭ باياناتچىسى دانا پەرىنو خانىم، پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئالىي سوت قارارىغا بولغان نارازىلىقىنى مۇنداق يەتكۈزۈدۇ، " مەن شۇنى ئېيتالايمەنكى، ئارىمىزدا ھېچكىم خالىد شەيخ مۇھەممەتنىڭ مەھەللىمىزدە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ". خالىد شەيخ مۇھەممەد گۈەنتانامودىكى ئەڭ خەتەرلىك ئۇنسۈرلارنىڭ بىرى، دەپ قارىلىۋاتقان كىشى بولۇپ، تېگى - تەكتى يەمەنلىك بۇ تۇتقۇن 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ پىلانلىغۇچىسى، دەپ قارالماقتا.
ئامېرىكا فېدېرال ئەرزىيەت سوتى " پەرھات - گېيتىس" ئەرزىدە پەرھاتنى قويۇپ بېرىشكە بۇيرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى قەيەرگە قويۇپ بېرىشنى تىلغا ئالمىغان. ئۇنىڭ قەيەرگە قويۇپ بېرىلىشى يەنىلا ھۆكۈمەتنىڭ ئىختىيارىدىكى مەسىلە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.