ئاقساراي خىتاينىڭ تىبەتتە نامايىش قىلغان كىشىلەرنى جازالىغانلىقىغا ئەپسۇسلىنىدۇ

ئاقساراينىڭ باياناتچىسى دانا پېرىئو بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، تىبەتتە نامايىش قىلغان 30 كىشىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغانلىقىغا ئامېرىكا ئەپسۇسلىنىدۇ، دېدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩلى ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.04.30

 فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئاقساراينىڭ باياناتچىسى بۈگۈن يەنە 'خىتايدا ھەر قانداق ئادەم خەلقنىڭ پىكىر بايان قىلىش ۋە توپلىنىش ئەركىنلىكى ھەققىدە بەلگىلەنگەن قانۇننى بۇزماسلىقى كېرەك' دەپ تەكىتلىدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزىنىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن دەرھال سۆھبەتلىشىشكە رىغبەتلەندۈردى.

تۈنۈگۈن 4 ‏ - ئاينىڭ 29 ‏ - كۈنى خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان بىر خەۋەردە، ئۆتكەن ئايدا تىبەتتە قالايمىقانچىلىق چىقارغان 30 كىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمىگە ئېلىنغانلىقىنى، ئەمدى بۇلارغا ئوچۇق سوتتا جازا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

ئاسىيا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى سوفى رىچارتسونمۇ ' خىتاي ھۆكۈمىتى گۇناھكار بىلەن گۇناھسىزنى ئايرىشتا ئادىل بولۇشى كېرەك، ئەيىبلەنگۈچىلەرنى ئادۋوكاتسىز قالدۇرۇپ مەخپىي سوتتا سوتلاپ جازا ھۆكۈم قىلماسلىقى كېرەك' دەپ كۆرسەتتى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تىبەتنىڭ لخاسا شەھىرىدە 3 ‏ - ئاينىڭ 10 ‏ - كۈنى دىنى زاتلار توپلىنىپ 1959 ‏ - يىلىدىكى تىبەت قوزغىلىڭىنى خاتىرىلىگەن ئىدى. بۇ نامايىش خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ تىبەت يەنىلا تىنجىمىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.