خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى، خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان فرانك ۋولف ۋە كىرستوفېر سىمىتنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان.
فرانك ۋولف ۋە كىرستوفېر سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، " بۇ ۋەقە ۋە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا ئېلىنغان باشقا تەدبىرلەر، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتىگە سەۋەب بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ" دېگەن.
رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇندىن بېرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەت مەسىلسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان فرانك ۋولف ۋە كرىستوفېر سىمىت خىتاي ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەر جەريانىدا، 734 مەھبۇسنىڭ تىزىملىكىنى سۇنۇپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن تۈرمىدە يېتىۋاتقان مەزكۇر سىياسىي ۋە دىنىي پائالىيەتچىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
ھەر ئىككىسى جۇمھۇرىيەتچى بولغان فرانك ۋولف ۋە كىرىستوفېر سىمىت مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، ئىسىم تىزىملىكى مۇناسىۋەتلىك خىتاي دائىرىلىرىگە سۇنۇلغان مەزكۇر سىياسىي ۋە دىنىي مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالىدا بىر ئۆزگىرىش بولمىغىچە، پرېزىدېنت بۇش بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشماسلىقى كېرەك، دېگەن.