ئىراقتا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 40 ئادەم ئۆلگەن

ئىراقتا يۈز بەرگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋە ئاپتوموبىل پارتلىتىش ھادىسىلىرىدە ئاز دېگەندە 40 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى موسۇل شەھىرىدە ھۆكۈمەت بىناسى يېنىدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل پارتلىتىش ھۇجۇمىدا 18 ئادەم قازا قىلغان، ئاز دېگەندە 62 ئادەم يارىلانغان.

بۇنىڭدىن سىرت، قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر نىنىۋېخ ئۆلكە باشلىقىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن شەھەر مەركىزىدىكى سودا سارايغا قارىتىپ راكېتا قويۇپ بەرگەن، ئارقىدىن يەنە ئاپتوموبىل پارتلاتقان.

ئىراق ساقچىلىرى، قەست قىلىنغان ئۆلكە باشلىقىنىڭ يارىلانمىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، پەيشەنبە كۈنى غەربتىكى ئەنبار ئۆلكىسىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا 20 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 12 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئىككى نەپەر دۆلەت خادىمىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىر قانچە كۈندىن كېيىن، ئامېرىكا ئارمىيىسى، ئەنبار ئۆلكىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىگە ئائىت مەسئۇلىيەتنى ئىراق تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. بۇ قېتىم يۈز بەرگەن ھۇجۇملارنىڭ ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.