خىتاي بىلەن رۇسىيە يادرو كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە پىلانىنى تەنقىد قىلدى

رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترى مېدۋىدېۋنىڭ ( Dmitry Medvedev ) خىتاي زىيارىتىدە، خىتاي بىلەن رۇسىيە جۈمە كۈنى بىر مىليارد دوللارلىق يادرو ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە پىلانىغا قارشى بىر مەيداندا مۇستەھكەم تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.05.23

 رۇسىيە كېلىشىمدىكى بىر مىليارد دوللارنىڭ يېرىمىنى خىتايغا يادرو يېقىلغۇ قويۇقلاش ئەسلىھەسى قۇرۇپ بېرىشكە سەرپ قىلىپ، قالغان 500 مىليون دوللارغا خىتاينى يېرىم قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇران بىلەن تەمىنلەيدىكەن. مەزكۇر كېلىشىم رۇسىيىنىڭ خىتاي يادرو سانائىتىدىكى رولىنى كۈچەيتىدۇ، دەپ قارالماقتا.

ئىككى دۆلەت رەھبىرى جۈمە كۈنى قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ يەر شارى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى قۇرۇش پىلانى " ئىستراتېگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق ۋە مۇقىملىققا ياكى قىرغىنچى قوراللارنى كونترول قىلىش يولىدىكى خەلقئارا تىرىشچانلىققا پايدىسىز " دەپ كۆرسەتتى. خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، "مېدۋېدېۋنىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن تۇنجى چەتئەل زىيارىتىنى خىتايدا ئېلىپ بارغانلىقىنى ماختاپ، " بۇ زىيارەت بىزنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىمىزنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى، يېڭى پەللىگە كۆتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ' دەپ سۆزلىدى. مېدۋېدېۋ بولسا " بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزدە ئاقساقلىقنىڭ بولماسلىقى ناھايىتى مۇھىم " دەپ ئەسكەرتىدۇ.
 لېكىن رۇسىيە كومېرسانت گېزىتىدە جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان "ئىستراتېگىيىلىك مەسىلىلەر ' دېگەن ماۋزۇدىكى بىر ماقالىدە، رۇسىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دوستلۇقى ئېنېرگىيە ۋە قورال - ياراق ھەمكارلىقىدىكى ئىختىلاپلار تۈپەيلىدىن تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى يازدى.

ماقالىدە " شەرقىي سېبىر - تىنچ ئوكيان نېفىت تۇرۇبىسىنىڭ تارمىقى شۈبھە ئاستىدا قالغانلىقى "، رۇسىيە، خىتاينىڭ 38 دانە ھەربىي ترانسپورت ئايرۇپىلانى سېتىۋېلىش پىلانىنىڭ يوققا چىققانلىقىدىن خاپا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.