ئۇرۇش جىنايەتچىسى، سېربلارنىڭ رەھبىرى رادۇۋان كارادىچ قولغا ئېلىندى

22 - ئىيۇل كۈنى سېربىيە ھۆكۈمىتى 13 يىلدىن بۇيان قېچىپ يۈرگەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۇرۇش جىنايەتچىسىنىڭ بىرى بولغان،سابىق بوسىنىيەدىكى سېربلارنىڭ رەھبىرى رادوۋان كارادىچنى قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رادۇۋان كارادىچ 1990 - يىللارنىڭ بېشىدا يۈز بېرىپ ئۈچ يېرىم يىللار داۋام قىلغان، سېربىيە مۇسۇلمانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون نەچچە مىليون بىگۇناھ خەلقنىڭ قىرىلىشىغا سەۋەب بولغان بوسنىيە ئۇرۇشىنىڭ جىنايەتچىسى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ گائاگادىكى ھەربىي سوتى كارادىچقا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ياۋروپادا يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ ئىنسانىي قىرغىنچىلىقنىڭ جاۋابكارى دەپ دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئۇرۇش جىنايەتچىسىنىڭ بىرى سۈپىتىدە تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن ئىدى.

بېرىتانىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە،سېربىيە پرېزىدېنت ئىشخانىسى خەلقئارا ئاخبارات دائىرىلىرىگە ئۇچۇر تارقىتىپ، ساختا سالاھىيەت بىلەن يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن كارادىچ، سېربىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ 21 - ئىيۇل كۈندىكى جىددىي تۇتۇش ھەرىكىتىدە قولغا چۈشتى " دېگەن.

كارادىچ سېربىيىدە بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇستا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇ يىللاردىن بۇيان مەلۇم بىر شەخسى دوختۇرخانىدا داۋالاش خادىمى سالاھىيىتىدە يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن.

بۈگۈن مىڭلىغان بوسنىيە خەلقى كوچىلارغا چىقىپ رادۇۋان كارادىچنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى تەبرىكلىگەن، گائاگادىكى خەلقئارا ھەربىي سوتىنىڭ باش سودىيىسى ئەڭ چوڭ ئۇرۇش جىنايەتچىسىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى تەبرىكلەپ" بۈگۈن خەلقئارادا ئادىللىقنى گەۋدىلەندۈرىدىغان مۇھىم بىر كۈن، كارادىچنىڭ قولغا ئېلىنىشى ئىنسانىيەتكە جىنايەت ئۆتكۈزگەن ھەر قانداق ئادەمنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى" دېگەن.

ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم غەرب ئەللىرىمۇ سېربىيە دائىرىلىرىنىڭ كارادىچنى قولغا ئالغانلىقىنى تەبرىكلىگەن.