كوندا لىزا رايىس خىتاينى زىيارەت قىلدى
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.06.29
2008.06.29
لېكىن ئۇ،خىتايغا يېتىپ كەلگەن شۇ كۈنىلا سىچۈئەننىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان جايىغا بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالىنى كۆردى ھەم تونۇشتۇرۇشلارنى ئاڭلىدى. شىنخۇئانىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، رايىس خانىم جۇڭگونىڭ ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرىغا يۇقىرى باھا بەرگەن.
ئۇ، خىتاينىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىدا خەلقئارا جەمىيەتنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى ھەمدە قوبۇل قىلىشىنى ماختاپ، بۇنى بىرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دېڭىز بۆرىنىڭ ئاپىتىگە ئۇچرىغان كىشىلەرگە كۆرسەتمەكچى بولغان ياردەملىرىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە ئۆزگىچىلىكىنى كۆرسەتكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
كوندا لىزا رايىس سىچۈەن سەپىرىدىن كېيىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جىئېچى بىلەن رەسمىي كۆرۈشۈپ، سۆھبەت ئېلىپ بارغان. سۆھبەت جەريانىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، تەيۋەن مەسىلىسى، شىمالىي كورىيە مەسىلىسى قاتارلىق كۆپ مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.
رايىس خانىمنىڭ بۇ ئۇچرىشىشىدا تىبەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندىمۇ يوق، ھازىرچە نامەلۇم بولمىسىمۇ، لېكىن خىتاي تەرەپ دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان رەسمىي سۆھبەتنىڭ پات يېقىندا ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئارىلىقتا خىتاي بۇ سۆھبەتنى توختىتىپ قويغان ئىدى.