ياۋروپا بىرلىكى، بايقۇت خىتاينى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ دەپ ئەسكەرتتى
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر خەۋىرى
2008.04.24
2008.04.24
ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ پارىژدا ئۈچ قېتىم ئۆچۈرۇلىشى ۋە مەشئەلنىڭ تەنھەرىكەتچىلەر تەرىپىدىن ئەمەس ئاپتۇۋۇزدا ئېلىپ مېڭىلىشى، بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرىدا مەغلۇبىيەت تۇيغۇسى پەيدا قىلغان بولۇپ، بۇلار نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن فرانسىيىنىڭ خىتايدىكى شىركىتى carrefour نىڭ ماللىرىنى بايقۇت قىلغان ئىدى.
تۈنۈگۈن يەنى 23 - ئاپرىل كۈنى ياۋروپا بىرلىكى تىجارەت كومىتېتىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى Joerg Wuttke ئەپەندى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، بايقۇت خىتاينى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرغان.
ۋۇتكى سۆزىدە Carrefour دا سېتىلىۋاتقان ماللارنىڭ %95 نىڭ خىتاي ماللىرى ئىكەنلىكىنى ھەم Carrefour دا 40 مىڭ خىتاي خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ سۆزىدە يەنە: " سىز بايقۇت دەپ ۋارقىراۋاتقان ۋاقتىڭىزدا قارشى تەرەپمۇ جىم تۇرمايدۇ، ياۋروپادىمۇ خىتاي ماللىرى بايقۇت قىلىنىدۇ، فرانسىيىلىكلەر خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلسا، زىيان تارتقۇچى تەرەپ خىتاي بولىدۇ. ئەگەر ئۆزارا ئۆچ ئېلىش داۋام قىلسا، ئىشنىڭ نەدە توختايدىغانلىقى ئەستىن چىقماسلىقى كېرەك دەپ ئەسكەرتكەن.
نۆۋەتتە غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى داۋاملىشىۋاتقان خىتايدىكى ئاممىۋىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، بىر تەرەپتىن خىتاي دائىرلىرىنى خوش قىلسىمۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئەندىشىگە سالماقتا. ھۆكۈمەتنىڭ ئەندىشىسى نامايىشلارنىڭ كونترولدىن چىقىپ كېتىپ ئاقىۋەتتە مەۋجۇت ھاكىمىيەتكىمۇ تەھدىت سېلىپ قېلىش ئېھتىماللىقىدۇر.