رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا، پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى يۇقىرى پەللىگە چىققان، خىتاينىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەن بىر مەزگىلدە بېيجىڭدا يېقىندا ئېچىلىدىغان «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارالىق يىغىنى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ خىتاي ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە جەلپ قىلماقتا.
رويتېرىس (Reuters) نىڭ 2023-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈندىكى مەخسۇس خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ 10-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭدا 10-ئاينىڭ 17-18-كۈنلىرى خەلقئارالىق يىغىن ئۆتكۈزىدىكەن. بۇ يىغىنغا كىملەر كېلىدۇ؟ يىغىندا قانداق قارارلار ئېلىنىدۇ؟ بۇ قىزىق تېما بولماقتا.
لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن «بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى كۆككە كۆتۈرگەن بولۇپ، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىنىڭ ئۇچۇر ئىشخانىسى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ھەققىدە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: « ‹بىر بەلباغ، بىر يول› ھەمكارلىقى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ يېڭى پۇرسەتلەرنى ھازىرلاپ، خەلقئارا سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن يېڭى سەھنە ھازىرلاپ بەردى ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان دۆلەتلەردە خىتاي تېخنىكىسىنى ئىشلىتىلىپ بۇ دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى كۈچەيتىلدى. خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىدى» .
خىتاي دائىرىلىرى «بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ نەتىجىلىرىنى قانچە كۆككە كۆتۈرسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئېرىشكەنلىرىنىڭ ئۇنچە زور بولمىغانلىقى، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ نۇرغۇن پىلانلىرىنىڭ ئىشقا ئاشمىغانلىقى ھەتتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقى مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن ئۇتتۇرىغا قويۇلماقتا.
رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پىروفېسسورى، دوكتور شان روبېرتس (Sean R. Roberts) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىدىكى تۈرلۈك ئېغىر مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇ كۆزلىگەن نەتىجىلەرگە ئېرىشەلمىگەنلىكى، ئۇنىڭ نۇرغۇن ئىقتىسادىي تۈرلىرىنىڭ ئاستىلىغانلىقى، مانا شۇ نۇقتىدىن خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى يىغىننى ئېچىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە: «كىمنىڭ بېيجىڭدىكى يىغىنغا كېلىدىغانلىقى ۋە كىمىنىڭ يىغىنغا كەلمەيدىغانلىقىمۇ بەك مۇھىم» دەپ ئەسكەرتتى.
پىروفېسسور روبېرتس مۇنداق دېدى: «بۇ، بېيجىڭ ۋە شى جىنپىڭ ئۈچۈن مۇھىم بىر پائالىيەت. ئۇ، ‹بىر بەلباغ، بىر يول› تۈرىگە قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ بۇ تۈرلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى ھەققىدە كاپالەت بېرىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز ئالدى بىلەن كوۋىد كېسىلى تارقالغاندىن باشلاپ، خىتاي ئىقتىسادىدىكى مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن <بىر بەلباغ بىر يول> تۈرلىرىنىڭ ئاستىلىغانلىقىنى كۆردۇق. مېنىڭچە، خىتاي قايسى دۆلەتلەرگە قانداق قەرز بېرىدۇ؟ خىتاي بۇنىڭغا كۆپ دىققەت قىلىدۇ. چۈنكى، كۆپلىگەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولۇپمۇ كوۋىد-19 دىن كېيىن خىتايدىن ئالغان قەرزلەرنى تۆلەشتە قىيىنچىلىق تارتىۋاتىدۇ. شۇڭا كىمنىڭ بېيجىڭدىكى يىغىنغا كېلىدىغانلىقى ۋە كىمىنىڭ يىغىنغا كەلمەيدىغانلىقى بەك مۇھىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىملەرگە ۋەدە بېرىپ كىملەرگە ۋەدە بەرمەيدىغانلىقى بەك مۇھىم» .
قازاقىستاندىكى گىئو-ئىقتىساد مۇتەخەسسىسى، قازاقىستان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى شېرىپجان نادىروف ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» نى گېئو-سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتى ئۈچۈن بىر قورال ئورنىدا ئىشلەتكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ: «بۇ، مەزكۇر قۇرۇلۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەر ۋە خەلقلەرگە پايدا ئېلىپ كەلمىدى. بىزگە خىتايدىن تېخنىكا ياردىمى كەلمىدى. بۇ خىتاي دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇرۇلغان» دېدى.
لېكىن، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ ماقالىسىدە خىتاينىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى مەدھىيەلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: « ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ياخشىلاشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يەر شارىغا تېخىمۇ زور ئىشەنچ ۋە مۇقىملىق ئېلىپ كەلدى. داۋالغۇش ۋە ئۆزگىرىشلەر بىلەن تولغان دۇنيادا ‹بىر بەلباغ بىر يول› خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا كۆپ پايدا يەتكۈزدى. ئۇ تىنچلىق، تەرەققىيات، باراۋەرلىك، ئادالەت، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك قاتارلىق ئورتاق قىممەت قارىشىنى قوغدايدۇ» .
ھالبۇكى، قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدىكى دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، سىياسەتشۇناس رەھىمجان ھاپىزوف بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ دۇنيا تىنچلىقى ۋە دېموكراتىيەسى ئۈچۈن تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكى كۆرسەتتى. ئۇ: «بۇ قۇرۇلۇش بەك خەتەرلىك. بۇ قۇرۇلۇشقا قاتناشقان ئىقتىسادىي ئاجىز دۆلەتلەر خەتەر ئىچىدە. تاجىكىستان خىتايدىن ئالغان قەرزنى بېرەلمەي، زېمىنىنىڭ %3 نى خىتايغا بېرىشكە مەجبۇر بولدى» دېدى.
دوكتور شان روبېرتس ئاخىردا، خىتاينىڭ غەربنى مەركەز قىلغان دۇنيا تەرتىپىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى:
«مېنىڭچە شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ھازىر مەۋجۇت بولغان دۇنيا تەرتىپىگە جەڭ ئېلان قىلماقچى. بۇ تۈزۈمنى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرغان. بۇ دۇنيا تەرتىپى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىگىچە داۋام قىلغان. شۇڭا مېنىڭچە بۇ تەشەببۇسلارنىڭ ھەممىسى دۇنياۋى تەرتىپنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۇنى خىتايغا تېخىمۇ پايدىلىق قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. خىتاي كۆپلىگەن دوستلارغا ئېرىشىشكە تىرىشىۋاتىدۇ» .
ھەقىقەتەن، مەتبۇئات خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردا «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى رامكىسى ئاستىدا خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ئالاقىلىرىنى كۈچەيتكەن بىر قىسىم دۆلەتلەر، جۈملىدىن پاكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، سىرىلانكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتايدىن ئالغان قەرزلىرى كۆپىيىپ كەتكەن، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خىتايغا كۆپلەپ قەرزگە بوغۇلغان.