رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي رەئىسى بىلەن ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئۇچرىشىشى نېمىنىڭ بېشارىتى؟

0:00 / 0:00

تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 3 قېتىم كۆرۈشىدىغان بولۇشى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالماقتا. مەلۇم بولغىنىدەك تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 6-ئاينىڭ 15-كۈنى تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبىدە چاقىرىلغان «5-نۆۋەتلىك ئاسىيا ھەمكارلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇش كېڭىشىنىڭ يىغىنى» جەريانىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەنىدى. تۈركىيەدىكى دۆلەت تېلېۋىزىيىسى ت ر ت، خابەر ۋە باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 6-ئاينىڭ 28-29-كۈنلىرى ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان «گ20» دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنى جەريانىدىمۇ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشىدىكەن. مەزكۇر يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رەسمىي زىيارەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بېيجىڭغا بېرىپ 7-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدا شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشىدىكەن. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن ئۇچرىشىشى نېمىدىن بېشارەت بېرىدۇ؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى ئايدىن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپى پروفېسسورى دوكتور قۇتاي قاراجا ئەپەندى ۋە ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ يىل 2-ئايدىن تارتىپ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشكە باشلىغانلىقىنى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئىككى دۆلەت رەئىسلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن بۇنداق ئۇچرىشىشىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا قەدەم تاشلايدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

2016-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ۋە 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەنىدى. دىپلوماتىيىلىك قائىدە بويىچە بۇ نۆۋەت خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈركىيەگە زىيارەت ئېلىپ بېرىشى كېرەك ئىدى. لېكىن، بۇنىڭ ئەكسىچە 7-ئاينىڭ 2-كۈنى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتايغا زىيارەت ئېلىپ بارىدىكەن. بۇنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن ئىستانبۇلدىكى ئايدىن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپى پروفېسسورى دوكتور قۇتاي قاراجا ئەپەندى مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت جىددىي ۋەزىيەتتە تۇرغان بۈگۈنكى كۈندە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قەرز پۇل ئېلىش جەھەتتىن تۈركىيە ئۈچۈن مۇھىم بىر دۆلەتكە ئايلاندى. شۇڭا بۇ ئەھۋال تۈركىيەنىڭ خىتايغا قارشى دەيدىغان سۆزلىرىگىمۇ توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ. دۆلەت رەئىسىمىزنىڭ 7-ئايدا خىتايغا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىگىمۇ مۇشۇنداق قارىشىمىز كېرەك. ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتسە، رۇسىيە بىلەن خىتايغا يۆلىنىشنى ئويلاۋاتىدۇ. مەنچە خىتايغا بۇ مەقسەت بىلەن زىيارەت ئېلىپ بارماقچى».

1990-يىللارنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بەزى چەكلىمىلەرگە ئۇچرىغانىدى. شۇڭا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇچرىشىشلىرى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالماقتا. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىشىشنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، لېكىن بۇرۇنقىدەك زور تەسىرى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پروفېسسور دوكتور قۇتاي قاراجا ئەپەندى تۈركىيەنىڭ ھازىرچە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى توڭلىتىپ قويغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا خالىغىنىنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مەسىلىسى ھازىر تۈركىيە بىلەن خىتاي توڭلىتىپ قويغان بىر مەسىلىدۇر. ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيە خېلى بۇرۇنلا توڭلىتىپ قويغان، ھازىر خىتايمۇ توڭلىتىپ قويدى. چۈنكى خىتاي خالىغىنىنى قىلىۋاتىدۇ. مەن تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى داۋاملىق توڭلىتىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيمەن».

تۈركىيە ھۆكۈمىتى «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسىدە ئىككى يىل سۈكۈتتە تۇرۇۋالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يىل ئىككىنچى ئايدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باياناتچىسى بىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئارقا-ئارقىدىن بايانات بېرىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەنىدى. لېكىن يېقىندىن بۇيان قايتىدىن سۈكۈتكە چۆمدى. تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تاجىكىستاندا سۆزلىگەن سۆزىدە پەلەستىن، سۈرىيە مەسىلىلىرىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاخرەتتىن يوقۇش ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇمنى قوبۇل قىلغان، يەنى تەستىقلىغان بولىدۇ. شۇڭا بىز بۇنى قوبۇل قىلمايمىز. ھۆكۈمىتىمىز داۋاملىق ھالدا بۇ ھەقتە بايانات بېرىشى، باياناتتىن سىرت بۇ مەسىلىنى داۋاملىق سۈرۈشتە قىلىشى كېرەك. بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىز خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا ‹بىز خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايمىز› دەيدۇ. بۇ، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە كۆز يۇمغانلىق بولىدۇ. شۇڭا بىز خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇشنى داۋام قىلىمىز».