شى جىنپىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى خەلقئارا ئاخباراتلار كۆپ كۆرۈلۈشكە باشلىغان مەزگىلدە، خىتاينىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«ۋال سترېت ژۇرنىلى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ بۇلارنى بېيجىڭدا ئېچىلغان خىتاينىڭ شىنجاڭ سىياسىتى ھەققىدىكى ئىككى كۈنلۈك يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغا.

ئۇ شەنبە كۈنى مۇنداق دېگەن: «ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيىسى پۈتۈنلەي توغرا.»

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىغىنغا خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە رەھبەرلىرى، مەركەز ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى قاتناشقان.

شى جىنپىڭ ئۇلارغا شىنجاڭ ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىر سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە تونۇشقا بۇيرۇغان.

ئۇ يەنە، «شىنجاڭ مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ ھەممە جايلىرىدىكى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرنىڭ تولۇق ئىتتىپاقلىشىشى لازىملىقى» نى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەت بېيجىڭدا ئېچىلغان بۇ يىغىن 2014-يىلىدىن بۇيان شىنجاڭ مەسىلىسى توغرىسىدا ئېچىلغان تۇنجى مۇھىم يىغىن بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلىنىڭ ئاخىردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىغا قاراتقان سىياسىتىنى جىددىي ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ ۋە ھۆكۈمەت ساھەسىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىپ تاشلىغان، 2017-يىلىدىن باشلاپ مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرنى «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامىغان.

كېيىن بۇلارنىڭ بىر قىسىمىنىڭ قۇل ئەمگىكىگە تۇتۇلغانلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارشى مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈلگەنلىكى قاتارلىق سىرلار ئاشكارىلانغان. ئوخشىمىغان ئاخباراتلاردا بۇ سىياسەتلەر «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «نوپۇس قىرغىنچىلىقى» ۋە «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» قاتارلىق كەلىمەلەر بىلەن سۈرەتلەنگەن.

بۇنىڭ ئالدى-كەينىدە خىتاينىڭ مەزكۇر سىىياسىتى سەۋەبلىك خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش پىكىرلىرى ئۇلغايغان، ئامېرىكا ئۇيغۇر ئېلدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە قولى بار چېن چۇەنگو قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلارغا جازا ئېلان قىلغان، 30 دىن ئارتۇق خىتاي شىركىتى قارا تىزىملىككە ئېلىنغان ئىدى.

«ۋال سترېت ژۇرنىلى گېزىتى» نىڭ كۆرسىتىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئوچۇق ئاشكارا ۋە ئەڭ كۈچلۈك رەۋىشتە قوللىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.