شى جىنپىڭنىڭ جياڭسۇدىكى نۇتۇقى خىتاينىڭ دۇنياغا خوجا بولۇش قارا نىيىتىدىن بېشارەت بەرگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2023.07.14
xijinping-jiangsu-ziyaret ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جياڭسۇنىڭ سۇجۇ سانائەت باغچىسىنى تەكشۈرگەن ۋاقىتتىكى كۆرۈنۈش، 2023-يىلى 5-ئىيۇل، سۇجۇ
gov.cn

شى جىنپىڭنىڭ ئالدىنقى ھەپتە جياڭسۇ زىيارىتىدە قىلغان سۆزىدە، «خىتاينى قۇدرەت تاپقۇزۇش، پەن-تېخنىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش» نى تەكىتلىشى؛ خىتاي مىللەتچىلىكى ۋە خىتايچە دۆلەت باشقۇرۇش مودېلىنى دۇنياغا كېڭەيتىشنى تەشەببۇس قىلىشى، خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

خىتاي تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە جياڭسۇ ئۆلكىسىدە زىيارەتتە بولغان. ئۇ، 7-ئىيۇل كۈنى جياڭسۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇزۇن بىر نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇ نۇتۇقىدا «جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش» نامىدىكى خىتاي مىللەتچىلىكىنى ئۇرغۇتۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭى بۆسۈش يارىتىش؛ خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى بۈگۈنكى خىتاينىڭ ھەم دۇنيانىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىغا ئايلاندۇرۇش؛ خىتايدا دۆلەت ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ رەقەملەشكەن ئۆرنىكىنى يارىتىپ، ئۇنى دۇنياغا كېڭەيتىش دېگەندەك نۇقتىلار بويىچە خىتاينىڭ سىياسىي ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى شەرھلىگەن.

شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇرغان چەت ئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر، ئۇنىڭ جياڭسۇدا قىلغان سۆزلىرىنىڭ خىتاي خەلقىدە ئەشەددىي مىللەتچىلىكنى ئۇرغۇتۇپ، خىتاينىڭ دۇنياغا خوجا بولۇش سىياسىي قارا نىيىتىدىن بېشارەت بەرگەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» دېگەندەك خىتاي مىللەتچىلىكىنى ئۈزلۈكسىز تەكىتلەپ كەلمەكتىكەن. شى جىنپىڭ جياڭسۇدا قىلغان سۆزلىرىدە، «جۇڭخۇا مىللىتىنى كۈچلەندۈرۈش» ، «خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، زامانىۋىلاشقان خىتاي مەدەنىيىتىنى دۇنياغا نامايان قىلىش» دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن. نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ئاجىزلىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي خەلقىدە ئەشەددىي خىتاي مىللەتچىلىكىنى ئۇرغۇتۇش ئارقىلىق، دۆلەت ئىچىدە ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش، تاشقىي دۇنياغا نىسبەتەن خىتاينىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق مودېلىنى دۇنياغا كېڭەيتىش نىيىتىنى كۆرسىتىدىكەن.

ئامېرىكادىكى «پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى» نىڭ باشلىقى ياڭ جيەنلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «خىتاي مىللەتچىلىكى» خىتاي كومپارتىيە ھاكىمىيىتىنىڭ قورالى بولۇپ، ئىچكىي جەھەتتە خىتاي پۇقرالىرىدا «ئەشەددىي خىتاي مىللەتچىلىكىنى كۈچەيتىش، خىتايغا ئوخشىمايدىغان ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش؛ تاشقىي جەھەتتە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ دېموكراتىك سىستېمىسىغا قارشى ھالدا خىتاينىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق مودېلىنى دۇنياغا كېڭەيتىش» نى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

ياڭ جىيەنلى مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى يېقىنقى 30-40 يىل داۋامىدا ئىككى خىل ئۇسۇلغا تايىنىپ، ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ساقلاپ كەلدى. ئۇنىڭ بىرى، ئىقتىسادنى تېزلىكتە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئۈنۈمىنى ئىسپاتلىماقچى بولدى. يەنە بىرى، خىتاي مىللەتچىلىكىنى قوزغاپ كەلدى. ھالبۇكى، ئاتالمىش مىللەتچىلىك ئەمەلىيەتتە خىتاي خەلقىنىڭ مىللەتچىلىكىنى ئۇرغۇتۇشنى نىشان قىلغان. چۈنكى خىتايدا خىتاي مىللىتى زور كۆپچىلىكنى ئىگىلەيدۇ، يەنە كېلىپ خىتاي ھاكىمىيىتىنى خىتايلار ئىدارە قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرىنى جۇڭخۇا ئەجدادلىرىنىڭ ۋارىسلىرى ياكى خىتاي مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلغۇچىلار، دەپ تەشۋىق قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار يەنە ئاتالمىش ‹جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش› دېگەن شوئارلار ئارقىلىق، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىشقا ۋە خىتاي خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.»

ياڭ جيەنلى ئەپەندى يەنە شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ نۆۋەتتە قايتىدىن خىتاي مىللەتچىلىكىنى كۆتۈرۈپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ھازىرقى شارائىتتا خىتاي ئىقتىسادى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدەك تېز تەرەققىي قىلالمىدى. خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتە نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى. شۇڭا شى جىنپىڭنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ قانۇنىي ئورنىنى ساقلاپ قېلىشىمۇ بىر مەسىلىگە ئايلاندى. مۇشۇنداق شارائىتتا، ئۇ ئۈزلۈكسىز ھالدا مىللەتچىلىك تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشكە مەجبۇر بولماقتا.»

ياڭ جىيەنلى ئەپەندى، نۆۋەتتە خىتايدا داۋام قىلىۋاتقان خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا پەيدا قىلىۋاتقان خەۋپلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «دۆلەت سىرتىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاتالمىش خىتاي مىللەتچىلىكى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى دېموكراتىيەسىگە قارشى تۇرۇش، دۇنياغا ئۆز تەسىر كۈچىنى كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان. دۆلەت ئىچىدە بولسا خىتاي شوۋىنىزمى، يەنى ئەشەددىي خىتاي مىللەتچىلىكى ئارقىلىق، باشقا مىللەتلەرگە زەربە بېرىشنى نىشان قىلغان.»

ياڭ جىيەنلى سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە باشقا مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىدە ئېنىق ئىپادىلەنگەن. شى جىنپىڭنىڭ جياڭسۇدا قىلغان سۆزلىرىدە دەل خىتاي مىللەتچىلىكىنى ئۇرغۇتۇش مەقسەت قىلىنغان. ئۇ سۆزىدە خىتاي مىللەتچىلىكىنى ئاشكارا تەرغىب قىلغان. يەنى ئۇ خىتايدا زور كۆپ قىسىمنى تەشكىل قىلىدىغان خىتاي مىللىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشقا چاقىرغان. ئۇ بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭ نۆۋەتتە خىتايدىكى باشقا مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى دەل مىللىي قىرغىنچىلىق ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدۇر. ئاز دېگەندىمۇ ئۇ مەدەنىيەت، دىنىي ئېتىقاد ۋە تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن باشقا مىللەتلەرنىڭ مىللىي خاسلىقىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. مانا بۇلار خىتاي مىللەتچىلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ دەل ئۆزىدۇر.»

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئانالىزچىلاردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى تەرغىب قىلىۋاتقان خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ مەقسىتى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ نۆۋەتتە خىتاي خەلقىدە ئەشەددىي خىتاي مىللەتچىلىكىنى قوزغاش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياغا خوجا بولۇش سىياسىي قارا نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ خىل قارا نىيىتى دۇنياغا تەھدىت بولماقتا ئىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، شى جىنپىڭ تەرغىب قىلىۋاتقان خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان خەلقلەر بولۇپ، خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى بۇنىڭ ئەڭ روشەن ئىسپاتى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.