ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىلغان 28 خىتاي مۇئەسسەسەسىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى
2019.10.08
ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتى 7-ئۆكتەبىر بىر قارار چىقىرىپ، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىلغان 28 خىتاي مۇئەسسەسەسىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى.
مەزكۇر قارا تىزىملىككە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ج خ ئورگانلىرى، داڭلىق سۈنئىي ئەقىل تېخنولوگىيە شىركەتلىرى قاتارلىقلار كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشى ۋە ئامېرىكىغا مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىشى پۈتۈنلەي چەكلەندى.
قاراردا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ھەمدە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى 18 شەھەر- ناھىيە دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى، بىڭتۇەنگە قاراشلىق بىر ج خ ئورگىنى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاينىڭ 8 چوڭ يۇقىرى تېخنىكا شىركىتىنىڭ قارا تىزىملىككە ئېلىنغانلىقى كۆرسىتىلدى.
قاراردا بۇ مۇئەسسەسىلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسەت مەنپەئەتىگە زىت ھەرىكەتلەردە بولغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى.
سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر روسس: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدىكى ئېتنىك ئاز سانلىقلارنىڭ ۋەھشىيانە باستۇرۇلۇشىغا چىداپ تۇرالمايدۇ
قاراردا مۇنداق دېيىلدى: «بولۇپمۇ، بۇ مۇئەسسەسەلەر خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى، ئۇيغۇرلار، قازاقلار ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا قارىتىلغان كۆلەملىك مەجبۇرىي تۇتۇپ تۇرۇش، يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىبلەش ھەرىكىتى قاتارلىقلاردا سادىر بولغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە خورلاشلارغا چېتىلغان.»
ئامېرىكا سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر روسس، مەزكۇر تىزىملىك مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە سودا مىنىستىرلىقى خىتايدىكى ئېتنىك ئاز سانلىقلارنىڭ ۋەھشىيانە باستۇرۇلۇشىغا چىداپ تۇرالمايدۇ ۋە چىداپ تۇرمايدۇ» دېدى.
گوردون چاڭ: خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى بۇنىڭدىن ئالاھىدە ئەندىشە قىلىشى كېرەك
ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئوبزورچى گوردون چاڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ تىزىملىك ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن خىتاي سىياسىتىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنى كۆرۈپ يېتىشى كېرەككى، ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە خىتاي بىر يامان غەرەزلىك شەخس دەپ قارىلىدۇ. بۇ تىزىملىك ئامېرىكىنىڭ نەچچە ئون يىللاپ داۋام قىلىپ كەلگەن خىتاي بىلەن باغلىنىش سىياسىتىنى ئۆزگەرتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى بۇنىڭدىن ئالاھىدە ئەندىشە قىلىشى كېرەك. ئۇلار ئامېرىكىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپلا قالماستىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇلارنى ھازىر بىر دۈشمەندەك كۆرىدىغان بولدى.»
تىزىملىككە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ج خ نازارىتى ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى 18 ج خ ئورگىنى كىرگۈزۈلگەن.
ئۇلار تۆۋەندىكىچە: ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى، ئالتاي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ج خ ئىدارىسى، سانجى تۇڭگان ئاپتونوم ئوبلاستى ج خ ئىدارىسى، قۇمۇل شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى، قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ج خ ئىدارىسى، شىخەنزە شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى، تۇمشۇق شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى، تۇرپان شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى، ۋۇجياچۈ (ئوتۇنكوزا) رايونلۇق ج خ ئىدارىسى، شىنجاڭ ساقچى ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ ئىشلەپ چىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى ج خ ئىدارىسى ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ج خ ئىدارىسى.
سوفىي رىچاردسون خانىم: بۇ تىزىملىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە
بۇ ھەقتە توختالغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون خانىم مەزكۇر تىزىملىكنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن 8 چوڭ خىتاي يۇقىرى تېخنىكا شىركىتى ۋە شىنجاڭدىكى ج خ نازارىتى ۋە ئۇنىڭ بارلىق تارماقلىرىنى بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈشى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ بېيجىڭ دائىرىلىرىگە بېسىم پەيدا قىلىپ، سىياسىي قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىنىڭ تاقىلىشىغا تۈرتكە بولغۇسى.»
تىزىملىككە يەنە، خىتاينىڭ «داخۋا تېخنولوگىيە شىركىتى»، «خىكۋىژىن» كۆزىتىش ئاپپاراتى ياشاش شىركىتى قاتارلىق دۇنياۋى ئورۇن ۋە نوپۇزغا ئىگە داڭلىق شىركەتلەر، «مەگۋى»، «سەنستايم»، «يىتۇ تېخنولوگىيەسى» قاتارلىق سۈنئىي ئەقىل شىركەتلىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن.
ئامېرىكىدىكى ئادۋوكات نۇرى تۈركەلنىڭ قارىشىچە، بىر شىركەتنىڭ ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرىپ قېلىشى، ئۇ شىركەتنىڭ ھالاكەتكە يۈز تۇتقانلىقىنىمۇ كۆرسىتىدىكەن.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دۇنيادا ياسىلىۋاتقان كۆزىتىش كامېرالىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى خىتاينىڭ «خىكۋىژىن» شىركىتى ئىشلەپ چىقىرىدىكەن. ئۇنىڭ 34 مىڭ نەپەر خىزمەتچىسى بولغاندىن سىرت، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نەچچە ئون تارماق شىركەتلىرى بار ئىكەن.
«داخۋا تېخنولوگىيە شىركىتى» بولسا 16 مىڭ خىزمەتچىسى ۋە شىمالىي ئامېرىكا، ياۋروپا قاتارلىق قىتئەلەردە تارماق شەرتلىرى بولغان چوڭ تىپىكى سۈنئىي ئەقىل شىركىتى ھېسابلىنىدىكەن.
«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ كۆرسىتىشىچەمۇ، ئامېرىكىنىڭ بۇ شىركەتلەرنى قارا تىزىملىككە ئېلىشى ئۇلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىدا كېڭىيىش ۋە دۇنياۋى سېتىش ئىشلىرىنى قىيىنچىلىققا ئۇچراتسا، «يىتۇ» ۋە «مەگۋى» قاتارلىق كىچىكرەك شىركەتلەرنى تېخىمۇ زور زىيان تارتقۇزىدىكەن.
قارا تىزىملىك ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتىنىڭ ئالدىغا توغرا كەلدى
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي مۇئەسسەسەلىرىگە قاراتقان قارا تىزىملىكى يېقىندا ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتىنىڭ ئالدىغا توغرا كەلدى.
بۇ تىزىملىكنىڭ مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئېلان قىلىنىشى، ئامېرىكىنىڭ سودا سۆھبىتىدە ئۈستۈنلۈك قازىنىشىنى مەقسەت قىلغانمۇ، دېگەندەك سوئاللارغا سەۋەب بولماي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە.
ھالبۇكى سوفى رىچاردسوننىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ سودا سۆھبىتى بىلەن ئانچە كۆپ ئالاقىسى يوق.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بەلكى بەزى كىشىلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سودا سۆھبىتىگە پايدىلىق بولغانلىقى ئۈچۈنلا بۇ تىزىملىكنى مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئېلان قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، دېيىشى مۇمكىن. ئەمما، بۇ شىنجاڭدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قايتۇرۇلغان بىر ئىنكاستۇر. بۇ تىزىملىك تېخىمۇ بۇرۇنراق چىقىرىلغان، ھەمدە خەلقئارا ماگنىتىسكىي قانۇنى يۈرگۈزۈلگەن بولسا تېخىمۇ ياخشى بولار ئىدى. لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ بارلىق ج خ سىستېمىسىنى قارا تىزىملىككە ئېلىشتەك بۇنچە كۈچلۈك پوزىتسىيەدە بولۇشى ئەلۋەتتە ئالدىغا قاراپ ئېلىنغان ئىنتايىن مۇھىم بىر قەدەمدۇر.»
خىتاينىڭ مەزكۇر قارار تىزىملىككە قايتۇرغان ئىنكاسى مۈجمەل بولدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۋاڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئامېرىكىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىققا چاقىردى ۋە خىتاينىڭ كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ، خىتاينىڭ قانداق تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقىنى شەرھلىمىدى.
ئامېرىكىنىڭ ئىنكاسلىرى داۋام قىلماقتا
خىتاينىڭ 1.5 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان تۈركىي خەلقلەرنى ئاتالمىش قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا خىتاينىڭ مەزكۇر قىلمىشىنى ئەيىبلەپ كەلگەن ۋە بىر قىسىم ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئالغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىلگىرى خوتەندە زاۋۇت قۇرۇپ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان «تەيدا شىركىتى» نىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكىدا چەكلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا تاشىقى ئىشلار مىنىستىرى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە بىۋاسىتە قولى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا ئېمبارگوسى قويغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.