خىتاينىڭ ھەر بىر ئامېرىكىلىققا دائىر يېتەرلىك سانلىق مەلۇمات ئوغرىلىغانلىقى مەلۇم

چارشەنبە كۈنى كېڭەش پالاتاسى ئاخبارات كومىتېتىنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەرگەن سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ماتېۋ پوتتىڭگېر خىتاينىڭ تور ھۇجۇمى ۋە باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ھەر بىر ئامېرىكىلىققا ئالاقىدار سەزگۈر ئۇچۇرلارنى ئوغرىلىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

ماتېۋ پوتتىڭگېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئامېرىكا ۋە دۇنيا مىقياسىدا ئوغرىلىغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئىشلىتىپ، سىياسىي رەھبەرلەردىن تارتىپ ئادەتتىكى پۇقرالارغىچە بولغان بارلىق كىشىلەرگە ئائىت ئارخىپ تۇرغۇزالايدىكەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «كىشىلەر ئۈستىدە ئارخىپ توپلاش ئەزەلدىن لېنىنچە ھاكىمىيەتنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى، ئەمما بېيجىڭنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى 5G تورىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەقەملىك تورغا سىڭىپ كىرىشى ھەقىقەتەن بۇنى بىر يېڭى بىر بالداققا كۆتۈردى. شۇڭا، بۇ پارتىيە ھازىر دۇنيادىكى مىليونلىغان چەتئەل پۇقرالىرى ئۈستىدىن ھۆججەت توپلاپ، توپلىغان ماتېرىياللارنى تەسىر كۆرسىتىش، نىشانلاش، قورقۇتۇش، مۇكاپاتلاش، قاقتى-سوقتى قىلىش، يۈزىنى تۆكۈش ۋە ئاخىرىدا بۆلۈپ بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتەلەيدۇ.»

پوتتىڭگېر يەنە مۇنداق دېگەن: «بېيجىڭ دائىرىلىرى ئوغرىلىغان سەزگۈر سانلىق مەلۇماتلار ھەر بىر ئامېرىكىلىق قۇرامىغا يەتكەنلەر ۋە نۇرغۇن بالىلىرىمىز ئۈستىدىن ئارخىپ تەييارلاشقا يېتىدۇ، ئۇلار بېيجىڭنىڭ سىياسىي ئۇرۇش قائىدىسى بويىچە بىر ئادىل ئويۇن ھېسابلىنىدۇ.»

پوتتىڭگېر يەنە چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئاتالمىش ​​بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ ئامېرىكىغا تەسىر كۆرسىتىش تىرىشچانلىقى ھەققىدىمۇ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئىستىخبارات كومىتېتىدا ئېچىلغان ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان تەھدىتىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى تەكىتلىگەن.

كېڭەش پالاتاسى ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ رەئىسى مارك ۋارنېر سۆزىدە ئامېرىكا جامائىتىنىڭ بۇ تەھدىتتىن خەۋىرى تېپىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ «ئادەتتە ئىستىخبارات كومىتېتى ئوچۇق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئاچمايدۇ، ئەمما مۇئاۋىن رەئىسىمىز ماركو رۇبىيو ۋە مەن بولۇۋاتقانلاردىن ئامېرىكا جامائىتىنىڭ خەۋىرى بولۇشى كېرەك دەپ قارايمىز» دېگەن ئىدى.