گۇاڭخۇي گوروھىنىڭ تېكساسقا سالغان مەبلىغى ئامېرىكا سىياسىيونلىرى ۋە مۇھىت قوغدىغۇچىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن
2021.08.19

خىتاي مىلياردېر سۇن گۇاڭشىننىڭ ئامېرىكانىڭ تېكساس شتاتى ۋال ۋېردې ناھىيەسىدە «تەنھا يۇلتۇز شامال ئېلېكتر ئىستانسىسى» قۇرۇشقا مەبلەغ سېلىشى، نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ مۇھىت ئاسراش، دۆلەت بىخەتەرلىكى ھەمدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى سەزگۈر بىر نۇقتىغا ئايلانغان.
«فوربېس» ژۇرنىلى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2016-يىل «گۇاڭخۇي ئۆي-مۈلۈك شىركىتى» نىڭ دىرېكتورى، مىلياردېر سۇن گۇاڭشىننىڭ ئامېرىكادىكى بىر تارماق شىركىتى 110 مىليون دوللار ئاجرىتىپ، تېكساس شىتاتىدىن زېمىن سېتىۋالغان. سۇن گۇاڭشىن بۇ تارماق شىركىتى ئارقىلىق ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تېكساس شىتاتىنىڭ مېكسىكا چېگرىسىغا يېقىن ۋال ۋېردى ناھىيەسىدىن تەخمىنەن 140 مىڭ ئاكر (ئىنگىلىز موسى) زېمىن سېتىۋالغان بولۇپ، بۇنىڭدىن 15 مىڭ ئىنگىلىز مو يەرنى ئامېرىكانىڭ بىر شامال ئېنىرگىيەسى ئېلىكتىر شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ، ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇشقا ئىشلەتكەن، كېيىن بۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى تېكساس شتاتىنىڭ ئېلېكتر تورىغا قېتىلغان.
2019-يىلى سۇن گۇاڭشىن توك چىقىرىدىغان 46 دانە چاقپېلەكنى كۆپەيتمەكچى بولغاندا، شۇ ئەتراپتىكى ئاھالىلەر ۋە مۇھىتنى قوغدىغۇچىلار ئۇنىڭغا قارشى چىققان. قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، سۇن گۇاڭشىن ئامېرىكا GH لاۋلىن ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ ئۇچقۇچىلىرى ئۇچۇش مەشىقى قىلىدىغان رايونغا ھەجىمى ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ، ئېگىزلىكى 700 ئىنگلىز چىسى كېلىدىغان شامال تۇربىنى ئورنىتىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن. ئۇلار بىر خىتاي شىركىتىنىڭ ئامېرىكادىكى شامال ئېنىرگىيەسى ئېلېكتر ئىستانسىسىنى كونترول قىلىشى، تېكساسنىڭ ئېلىكتىر تورىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ، ھەتتا ئۇنى پالەچ قىلىپ قويىدۇ، دەپ قارىغان.
6-ئاينىڭ 7-كۈنى تېكساس شىتاتىنىڭ باشلىقى گرېگ ئاببوت بۇ تۈرگە قارشى «تەنھا يۇلتۇز ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قوغداش قانۇنى» غا ئىمزا قويغان.
تېكساستا بۇ يىل 7-ئاينىڭ 18-كۈنى «تەنھا يۇلتۇز ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قوغداش قانۇنى» رەسمي ماقۇللانغان. مەزكۇر قانۇن بويىچە خىتاي، روسىيە، ئىران ۋە شىمالىي كورىيە پۇقرالىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى شىركەتلەرنىڭ تور بىخەتەرلىكى، خەۋەرلىشىش، خەتەرلىك تاشلاندۇق ياكى سۇ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرى بىلەن باغلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشىغا يول قويۇلمايدىكەن.
ئامېرىكا 4-خەۋەر قانىلىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، سۇن گۇاڭشىننىڭ شامال ئىنېرگىيىسى دېھقانچىلىق مەيدانىغا قارشى چىققۇچىلاردىن جەي ئاۋىلا، شامال كۈچى دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئېلېكتر تورىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
تېكساس پارلامېنتىنىڭ كونسېرۋاتىپلاردىن بولغان ئىجرائىيە دىرېكتورى جۇلى لېۋېي مۇنداق دېگەن: «چەت ئەللىك گۇمانلىق مەبلەغ سالغۇچىلار بار، بىز يېقىندا گاز تۇرۇبا يولى خاككېرلىرىنى بايقىغىنىمىزدەك، ئۇلار دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا يامان غەرەزدە بولماقتا.»
بۇ ۋەقە كەيل باسقا ئوخشاش خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان كۈزەتكۈچىلەرنىڭ ئەندىشىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن. كەيل باس سۇن گۇاڭشىننىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بار ھەربىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە بىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ تېكساسنىڭ ئېلېكتر تورىغا كىرىشىگە يول قويماسلىق كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
تېكساس شىتاتلىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى دوننا كامپبېل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۇن گۇاڭشىن ئارقىلىق تېكساسنىڭ ئېلېكتر تورىغا كىرمەكچى بولغانلىقىنى، ئەگەر شۇنداق بولغاندا تېكساسنىڭ ئېلېكتىر تورىنى كونترول قىلالايدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەر قانداق بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى ئۆزىنىڭ مۈلكى دەپ قارايدۇ.»
كامپبېل مۇنداق دېگەن: «بۇ قانۇن لايىھىسى بىزنىڭ ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىمىزنى دۈشمەن دۆلەتلەردىن قوغداش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ». ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ بىلىشىمچە، بۇ ئامېرىكادىكى ھەرقايسىي شتاتلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ماقۇللانغان قانۇن. بۇ قانۇننىڭ مەقسىتى ‹دۈشمەن دۆلەتلەر› بىلەن مۇناسىۋەتلىك سودا ئورۇنلىرىنىڭ تېكساس شىتاتىنىڭ ئېلېكتر تورى، كومپيۇتېر تورى ۋە تاشلاندۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى قاتارلىق ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھە تورىغا سۇقۇنۇپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر».
خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۆلىشى بىلەن بېيىغان سۇن گۇاڭشىن، ئامېرىكادىكى تارماق شىركىتىگە مەخسۇس ھەربىي ۋە مەمۇرىي خادىملارنى ئىشلەتكەن. بۇ ئەھۋال تېكساستىكى سىياسەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، تېكساس شىتاتىدىن بولغان سابىق دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ۋىل ھارد بۇ ھەقتە مەخسۇس ماقالە يېزىپ، سۇن گۇاڭشىننىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىرغان. چۈنكى خىتاي كومپارتىيەسى بېقىپ سەمرىتكەن سۇن گۇاڭشىندەك مىليادېرلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك جايلارنى تاللاپ زېمىن سېتىۋېلىشى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشى، ئامېرىكانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيانلىق ئىكەن.
سۇن گۇاڭشىننىڭ ئامېرىكاغا سالغان مەبلىغىنى چۆرىدىگەن قالايمىقانچىلىق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا تالاش-تارتىشىغا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتىن ئىبارەت يېڭى سەھنە ھازىرلىغان. بىر قانچە خىل مەنبەلەرگە قارىغاندا، سۇن گۇاڭشىن 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئارمىيەدىن ئايرىلغان. ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى 19 يىل باشقۇرغان سابىق پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇەن بىلەن يۇرتداشلىق مۇناسىۋىتى ۋە قويۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەنلىكى، سۇننىڭ روناق تېشپى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى بايلىق مەنبەلىرىگە ئېرىشىشدە ئالاھىدە رول ئوينىغان.
جورجى-تاۋن ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋاردنىڭ «ياۋروئاسىيا كېسىشىش نۇقتىسى: شىنجاڭ تارىخى» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دېيىلگەن: «2000-يىللارنىڭ بېشىدا سۇن گۇاڭشىن ئۈرۈمچىدىكى ئۆي-مۈلۈك سودىسىنىڭ 60 پىرسەنتىنى كونترول قىلىپ، نەچچە ئونلىغان دۆلەت ئىلكىدىكى شىركەتلەرنى سېتىۋالغان.»
جېيمېس مىلۋارد بىزنىڭ «سۈن گۇاڭشىن پەقەت مىلياردېرمۇ ؟ ئامېرىكا ئۇنى قايسىي تەرەپلەردىن ئېنىق تونۇشى كېرەك؟» دېگەن سىوئالىمىزغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «مېنىڭ كىتابىمدا سۇن گۇاڭشىننىڭ ئىلگىرى خىتاي ئارمىيەسىگە قاتناشقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئۇ 1990-يىللاردىن باشلاپ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سايىسىدا بېيىغان خىتاي مىلياردېرلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. خىتايدا روناق تاپقان ھەر قانداق باينىڭ ئارقىسىدا خۇددى جەك ماغا ئوخشاش چوقۇم خىتاي كومپارتىيەسى بولىدۇ ۋە ئۇلار شەرتسىز كوممۇنىستىك پارتىيەگە بويسىۇنىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتلىرى ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارغا ئەمەس، بەلكى رايوندىكى خىتاي كۈچمەنلىرى ۋە ھۆكۈمىتىگە مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ. خىتاي كومپارتىيىسى بولسا ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. بۇنداق بىر پەيتتە، مىلياردېر سۇن گۇاڭشىن ئەلۋەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا رول ئالماي قالمايدۇ. مېنى ئەجەبلەندۈرگىنى شۇ بولدىكى، سۇن گۇاڭشىننىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن بولغان باغلىنىشى خەۋەرلەردە كۆپ تىلغا ئېلىنمىدى. ھازىرغىچە ئامېرىكا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبلىك جازا ئېلان قىلىنغان خىتاي ئەمەلدارلار تىزىملىكىدە سۇن گۇاڭشىنگە ئوخشاش خىتاي بايلىرى يوق. ئەگەردە خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن بىۋاستە باغلىنىشى بار كىشىلەر ياكى شىركەتلەر ئامېرىكاغا ئىختىيارىچە مەبلەغ سالالىسا، بۇ يالغۇز ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسىگىلا ئەمەس، بەلكى يەنە كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەخلاق قارىشىغىمۇ خىلاپ بولىدۇ، دەپ قارايمەن».
«ئۇيغۇر بىز» تورى 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى ئېلان قىلغان «گىگانت ئاچكۆز ۋاڭ لېچۇەن» ھەققىدىكى بىر ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «سۈن گۇاڭشىن ۋاڭ لېچۇەننىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشتى ۋە جۇڭگودىكى ئاز ساندىكى شەخسىي نېفىتلىك ئىگىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. گۇاڭخۇينىڭ ئۆي-مۈلۈك تەرەققىياتى ئۈرۈمچى بازىرىنىڭ 60 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. گۇاڭخۇي ئۆي-مۈلۈك تەرەققىياتىدا ئالاھىدە مۇناسىۋەتتىن پايدىلىنىپ دۆلەت مۈلكىنى خىيانەت قىلىش ئىنتايىن ئېغىر. 40 كە يېقىن دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانا، نۇرغۇن دۆلەت ئىلكىدىكى مۈلۈكلەر گۇاڭخۇي گۇرۇھىغا قايتا سېتىلدى، بۇنىڭ بىلەن گۇاڭخۇي گۇرۇھى ئۆي-مۈلۈككە نۇرغۇن يەر ئالالايدۇ.»
بۈگۈنكى كۈندە سۇن گۇاڭشىن ۋە ئۇنىڭ گۇاڭخۇي گۇرۇھى 100 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مۈلكى ۋە تۆت پاي چېكى بازىرىغا سېلىنغان غايەت زور سېلىنمىسى بىلەن غايەت زور ئىقتىسادىي ئىمپېرىيەگە ئايلانغان. سۈن گۇاڭشىن 2015-يىلى ئامېرىكادا گۇاڭخۇي ئامېرىكا مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىنى قۇرغان. ئۇنىڭ كالىفورنىيەدە سودا ۋە ئۆي-مۈلۈك ھوقۇقى بار بولغان GH PacVest غا ئوخشاش تارماق شىركەتلەر بار ئىكەن.
«تەنھا يۇلتۇز ئۇل ئەسلىھە قانۇنى» ھازىر تېكساس شىتاتىدا رەسمىي قانۇنغا ئايلانغان. بۇ قانۇن 2021-يىلى 1-سېنتەبىردىن باشلاپ رەسمي يولغا قويۇلىدىكەن، ئەمما GH باياناتچىسىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، سۈن گۇاڭشىن تېخى بۇ پىلانىدىن ۋاز كەچمىگەن.
ھازىر تېكساستىكى مەلۇم بىر يەر-مۈلۈك شىركىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى مۇزەپپەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سۈن گۇاڭشىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تېكساسنى تاللىشىدا بۇ جاينىڭ مەبلەغ سېلىش شارائىتىنىڭ ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ يېقىندا ماقۇللانغان «تەنھا يۇلتۇز قانۇنى» بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن ئالاقىسى بار بولغان خىتايلارنىڭ ئامېرىكاغا خالىغانچە مەبلەغ سېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» قاتارلىق ئامېرىكا مەتبۇاتلىرىدىكى خەۋەرلەردە سۇن گۇاڭشىننىڭ تېكساستا قوزغىغان نازارىلىقى، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى بەزى خاتالىقلارنى ئاشكارىلىدى، دەپ كۆرسىتىلگەن. ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ پېنسىيىگە چىققان خادىمى روبېرت «مەن ئامېرىكانى GH ۋە ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىدىن ئىبارەت تەنھا خوجايىنى ھەققىدە، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزگە ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتلىرى توغرىلىق يۇقىرى ئاۋازدا ئاگاھلاندۇرىمەن،» دېگەن.