خىتاينىڭ ب د ت ئومۇمىي مۇنازىرىسىگە يانداش پائالىيەتنى توسىماقچى بولۇشى نارازىلىق قوزغىدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2023.09.19
BethVanSchaack ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يەر شارى جىنايى ئىشلار ئەدلىيەسىگە مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى بەت ۋان شاك (Beth Van Schaack) كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ 2023-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى پارلامېنت بىناسىدا، «روسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ۋەھشىيلىكىنىڭ جاۋابكارلىقى» توغرىسىدىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەردى. 2023-يىلى 31-ماي، ۋاشىنگتون
REUTERS

ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 2023-يىللىق ئومۇمىي مۇنازىرىسى 19-سېنتەبىر كۈنى باشلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئومۇمىي مۇنازىرىدە ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە ھۆكۈمەتلەر باشلىقلىرى ب د ت باش شتابىغا جەم بولۇپ، نۆۋەتتىكى دۇنيا تەرتىپىدىكى جىددىي مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئاقىللار ئامبىرى بولغان «ئاتلانتىك كېڭىشى» ۋە ھەمدە «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» بىرلىكتە ب د ت ئومۇمىي مۇنازىرىسىگە يانداش بىر پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ، خەلقئارانىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تارتماقچى بولغان.

مەزكۇر پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئادالەتكە ئېرىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە بولىدىغان بولۇپ، يىغىندا ھۆكۈمەت ئەربابلىرى، دىپلوماتلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە تەتقىقاتچىلاردىن بولۇپ نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك مېھمانلار سۆزگە چىقىدىكەن. يىغىنغا ب د ت غا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى تەكلىپ قىلىنغان.

ھالبۇكى، مەزكۇر يىغىن ئېچىلىشتىن ئاۋۋال، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ئۆمىكىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئۆمىكىگە مەخپىي خەت يېزىپ، ئۇلارنى بۇ يىغىنغا قاتناشماسلىققا چاقىرغانلىقى ئاشكارىلاندى. خىتاينىڭ ئەۋەتكەن خېتى رەسىمى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغاندىن كېيىن، كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىدى. مەزكۇر خەتتە ئېنىق قىلىپ، «بىز بۇ ئىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىمىزنى ‹شەرەپ بىلەن› بىلدۈرىمىز، سىلەرنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىڭلارنىمۇ خىتايغا قارشى بۇ پائالىيەتكە قاتناشماسلىققا كۈچلۈك دەۋەت قىلىمىز» دېيىلگەن.

مەزكۇر خەتتە يەنە بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئىككى ئورۇن «خىتايغا قارشى داڭلىق تەشكىلاتلار» دەپ ئەيىبلەنگەن بولۇپ، بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ «خىتاينىڭ ئىشىغا ئارىلاشقانلىق» بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. خىتاينىڭ ب د ت دىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خېتىدە يەنە مۇنۇلار دېيىلگەن:

«ئۇلار يالغاننى ئويدۇرۇپ، ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلماي شىنجاڭ ھەققىدە يامان غەرەزلىك خاتا ئۇچۇرلارنى تارقىتىشقا قىزىقىدۇ. ئۇلار يەنە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىي قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى بۇزۇپ، خىتاينىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلماقچى. »

يۇقىرىقى بۇ خەت ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ساھىبخان ئورۇنلارنىڭ بىرى بولغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «كىشىنى چۆچۈتىدىغان ھەرىكەت» دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ھەرقايسى دۆلەت باشلىقلىرى يىغىلىپ دۇنيا مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان بىر يىغىن مەزگىلىدە، كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەجبۇرىيىتى بولغان ئەزا دۆلەتنىڭ باشقا ئەزا دۆلەتلەرنى بۇ پائالىيەتكە قاتناشماسلىق توغرىسىدا تەھدىت قىلىشى كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ چۆچۈتىدىغان بىر ناچار ھەرىكەت. بىز ئەزا دۆلەتلەرنى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە ئاتلانتىك كېڭىشى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ يانداش پائالىيەتكە چوقۇم قاتنىشىشقا ھەمدە ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى مۇنازىرىسىدىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرىمىز. »

يۇقىرىقى بۇ ئىككى ئورگان تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان يانداش پائالىيەتتىكى سۆزلىگۈچىلەر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يەر شارى جىنايى ئىشلار ئەدلىيەسىگە مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى بەت ۋان شاك خانىم (Beth Van Schaack) ، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ھەرىكەت مۇلازىمىتى (EEAS) نىڭ كۆپ تەرەپلىك ئىشلارنى باشقۇرۇش دىرېكتورى بېلېن مارتىنېز كاربونېل (Belén Martinez Carbonell) ، ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق سابىق ئالىي كومىسسارى، خەلقئارا تىنچلىق ئىنستىتۇتى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى شاھزادە زەيد رائاد ئەل ھۈسەيىن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇندىن باشقا يەنە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ سۆزلىگۈچىلەر قاتارىدا ئورۇن ئالىدىكەن.

مەزكۇر يىغىننىڭ ساھىبخان ئورۇنلىرىنىڭ بىرى بولغان ئاتلانتىك مۇنبىرىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى، ئادۋوكات رەيھان ئەسەتمۇ بۇ يانداش پائالىيەتتىكى سۆزلىگۈچىلەرنىڭ بىرى. ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ ب د ت دىكى ئومۇمىي مۇنازىرە مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا يول قويۇلماسلىقى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ رادىيومىزغا ئەۋەتكەن ئېلخېتىدە مۇنداق دەپ يازغان: «خىتاي ئۆچ ئېلىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ب د ت نىڭ سابىق ئەمەلدارلىرى ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ خىتاينىڭ توختاۋسىز ۋەھشىيلىكىنى ئاشكارىلىشىنى توسماقچى بولۇۋاتىدۇ. مەن ب د ت نىڭ باش كاتىپى ۋە شۇنىڭدەك باشقا دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ بۇ ئەندىزىسىنى بايقىشىنى، بىزنىڭ تەھلىللىرىمىزنى ئاڭلىشىنى ۋە ھەل قىلغۇچ ھەرىكەت قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ۋەھشىيلىكنى تۈگىتىشىنى تەلەپ قىلىمەن. »

خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باياناتچىسىمۇ «دۆلەت ئوبزورى» تورىغا سۆز قىلىپ، ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ بۇ بېسىمىنى قاتتىق تەنقىد قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ھەر پۇرسەتتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشتىن توختاپ قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تەتقىقاتچى مايا ۋاڭ، ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى مۇنازىرىسىدە ۋە باشقا ھەر پۇرسەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ب د ت دىن ھەرىكەت تەلەپ قىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ھېچ بولمىغاندا كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ دوكلاتى ئۈستىدىن ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشى لازىم، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىز كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكەر تۈركنى ئۆز ئىشخانىسى ئېلان قىلغان دوكلات ئۈستىدىن ئىز قوغلاش قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. ئۇ گەرچە دوكلاتتىن كېيىن تەكشۈرۈش باشلايدىغانلىقىنى دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە كونكرېت بىر پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويمىدى ياكى ھەرىكەت باشلىمىدى. بىز ئۇنىڭ چاققانراق بولۇشىنى تەلەپ قىلىمىز»

ئاتلانتىك كېڭىشى بۈگۈن، يەنى 19-سېنتەبىردە ئېچىلىدىغان بۇ يانداش پائالىيەت ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشىدە ب د ت نىڭ دوكلاتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە زۆرۈر بولغان بىر ئويغىنىش چاقىرىقى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «رايوندا داۋام قىلىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئائىلىلەرنى پارچىلاش، ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى، دىنى ۋە كىملىكىنى باستۇرۇش رېئاللىقى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، خەلقئارا قىلىشقا تېگىشلىك يەنە نۇرغۇن ئىشلار بار. خەلقئارا جەمئىيەت داۋاملىشىۋاتقان ۋەھشىيلىكنى توختىتىشى، ئائىلىلەرنى يېقىنلىرى بىلەن جەم قىلىشى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جازاسىز قېلىشىنى رەت قىلىشى كېرەك. »

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.