بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ گوللاندىيەدىكى چاغان پائالىيىتىدە ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ئوينىشى قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلدى
2020.01.29
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا 1-ئاينىڭ 26-كۈنى، گوللاندىيەنىڭ دەنخاگ (گائاگا) شەھىرىدىكى مەدەنىيەت مائارىپ مەركىزىدە خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇيۇشتۇرغان 2020-يىللىق چاغان پائالىيىتىدە بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئېغزىغا ماسكا تاقاپ ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ئويناۋاتقانلىقىغا ئائىت سىن كۆرۈنۈشى تارقىتىلغاندىن كېيىن، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بەزى كىشىلەر 2 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇرنى لاگېرغا سولاپ قويغان خىتاينىڭ چاغان بايرىمىدا خىتاي دىپلوماتلارغا ۋە خىتاي پۇقرالىرىغا ئۇسۇل ئويناپ بېرىشنىڭ نومۇسسىزلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىسە، يەنە بەزى ئۇيغۇرلار، مەزكۇر ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئەركىن دۇنيادا ياشاپ تۇرۇپمۇ خىتاي دىپلوماتلىرى ۋە خىتاي پۇقرالىرى ئۈچۈن ئۇسۇل ئويناپ بېرىشىنىڭ مىللىي غۇرۇر تۇيغۇسىنىڭ يوقلۇقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.
چاغاندا ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ئوينىغان ئايالدىن سىرت يەنە خىتاي دىپلوماتىيە ئورگىنى ئۇيۇشتۇرغان چاغان پائالىيىتىگە باشقا ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتىراك قىلىپ، خىتاي دىپلوماتلار بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ تارقاتقان.
بىز مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان ئالىمجان ئەپەندىگە تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىش سەۋەبلىرىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىدىغان گوللاندىيە شىركىتىدە ئىشلەۋاتقانلىقىنى، خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ پائالىيەتكە قاتناشقانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن باشقا سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگىلى ئۇنىمىدى.
بىز، چاغان پائالىيىتىدە ئۇسۇل ئوينىغان ئۇيغۇر ئايالنى كۆپ ئىزدىگەن ۋە ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇيۇشتۇرغان چاغانلىق پائالىيەتتە ئۇسۇل ئوينىغانلىقىنى بىلىشكە ئىنتىلگەن بولساقمۇ، بىراق ئۇنى تاپالمىدۇق ۋە ئۇنىڭ ئەھۋالىغا ئائىت ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىدۇق. بىراق، بىز بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، بۇ پائالىيەتنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتقان، 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ ھازىرغىچە ھەر ھەپتە ئاخىرىدا ئامىستېردامنىڭ دام مەيدانىدا خىتايغا قارشى يالغۇز كىشىلىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، خىتاينىڭ چاغان كېچىلىكىدە ئۇسۇل ئوينىغان ئايال توغرىسىدا تەپسىلىي ئۇچۇر ئىگىلەشكە تىرىشقان بولسىمۇ ئىگىلىيەلمىگەنلىكىنى بايان قىلدى.
مەلۇم بولغىنىدەك ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى پاش قىلىدۇ. گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى سىياسىي پاناھلىق يولى بىلەن بۇ دۆلەتكە ئورۇنلىشىپ قالغان. ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى بەلكى مەزكۇر ئايالنىڭمۇ شۇنداق پاناھلىق تىلىگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي غۇرۇرىنى، مەدەنىيىتىنى، مىللىي كىملىكىنى، دىنىنى ئاياق ئاستىغا ئېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئۇيغۇر ئايالنىڭ مىللىي قىياپەتلىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتلىرى ئالدىدا ئۇسۇل ئوينىشىنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى ئىزاھلىدى.
گوللاندىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ياۋروپا ئۇيغۇر مائارىپ جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇراخمان ئابدۇللا ئەپەندى ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەر خىل كىشىلەرنىڭ بارلىقى، لېكىن مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە نارازى ئىكەنلىكى، ھەتتا ئۇلارنىڭ خېلى كۆپىنىڭ ۋەتىنىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، ئاتا-ئانىلىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەنلىكى ۋە بىر قىسمىنىڭ يېقىنلىرىنىڭ لاگېرلارغا سولانغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ياۋروپا دۆلەتلىرىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەملىرى بىلەن يېقىن ئالاقىداردا بولىدىغان، خىتاي دىپلوماتىيە ئورگانلىرى ۋە باشقىلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بارلىقىنى، بۇلارنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
بەزى دۆلەتلەردە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ خىل پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاز ئەمەس. بۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك. گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى بۇ مەسىلىدىمۇ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چاغان مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلارنى خىتايچە كىيىنىش، خىتايچە شىر ۋە ئەجدىھا ئۇسۇلى ئويۇنى ئوينىتىش، ياڭگىر ئۇسۇلى ئوينىتىش ۋە باشقا چاغانلىق پائالىيەتلەرگە تەشكىللەۋاتقانلىقى مەلۇم. مۇنداق ئەھۋالدا، خىتاي دىپلوماتىيە ئورگانلىرىنىڭ چاغان بايرىمى ۋە باشقا پائالىيەتلەردە چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ئويناشقا، مۇنداق پائالىيەتكە قاتنىشىشقا تەشكىللىشىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ دېگەن سوئالىمىزغا ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ لاگېر مەسىلىسىدە خەلقئارادا بەكلا ئابرۇيىنى چۈشۈرۈۋالغانلىقىنى، خەلقئارادا ئابرۇيىنى قايتا ياخشىلاش ئۈچۈن، بۇ ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ئوينىتىۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىن چەتئەلدىكى بەزى ئۇيغۇرلارنى يېنىغا تارتىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىگىلىشىمىزچە، بۇ يىل ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىمۇ چاغان پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن بىلەن ناھايىتى ئاز ساندا ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتناشقان. بۇ، بۇرۇنقى يىللارغا قارىغاندا ئەڭ ئاز ئۇيغۇر ئىشتىراك قىلغان چاغان ھېسابلىنىدىكەن.