مايك گاللاگېر: «دىنغا قارشى ئۇرۇش ئاچقان خىتاينىڭ مەغلۇپ بولۇشى مۇقەررەر!»
2023.07.12
12-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى، «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئېتىقادچى ئاممىغا بولغان تەھدىتى: دىنلار ئارا مۇنازىرە» ناملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزدى. مەزكۇر يېغىنغا مۇسۇلمانلار، خىرىستىيانلار ۋە بۇددىستلار جامائەتلىرىنىڭ دىنىي رەھبەرلىرى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتىقادچى ئاممىغا ۋە ھەرقايسىي دىنلارنىڭ مۇخلىسلىرىغا يۈرگۈزگەن باستۇرۇشلىرىنى ئاڭلاتتى.
مەزكۇر يىغىنغا ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك گاللاگېر ئەپەندى رىياسەتچلىك قىلغان بولۇپ، ئۇ ئېچىلىش نۇتۇقىدا مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسى شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچلىق يۈرگۈزىۋاتىدۇ. ئۇلار جىنايەتلەرنىڭ ئېچىدىكى ئەڭ ئېغىر جىنايەتنى ئۆتكۈزىۋاتىدۇ. ئۇلار يەنە ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېتنىك گورۇپپىلارنى نىشان قىلغان ئاستا خاراكتېرلىك مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. شىنجاڭ، شاڭخەي، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردا دىنغا قارشى ئۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانخىتاي رەھبەرلىرىنىڭ بۇ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇشى مۇقەررەر، چۈنكى ئۇلار ئېتىادلىق ۋە روھى ئەركىن ئىنسانلار بىلەن ئۇرۇشىۋاتىدۇ.»
يېغىن جەريانىدا، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى، ۋىرجىنىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تەشكىلاتى- «ئادامس مەركىزى» (ADAMS Center) نىڭ ئىمامى مۇھەممەد ماگىد سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق دىنلارغا قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى ئەيىبلىدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن باشلاپ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا سولىدى ۋە ئۇلارغا قارىتا مېڭە يۇيۇش ئېلىپ باردى. تەخمىنەن 900 مىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇر بالىلار ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلدى. بىز ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىدىكى مۇھىم يېمەكلىك پەرھىزلىرىنىڭ بىرى بولغان چوشقا گۆشىنى مۇسۇلمانلارغا مەجبۇرىي يېگۈزگەنلىكىنى كۆردۇق. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى، خىتاينىڭ باستۇرۇشى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان بارلىق ئىنسانلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ.»
ئۇيغۇر جامائىتىگە ۋاكالىتەن ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئىمام ئەنقەر ھاجىم گۇۋاھلىق بەرگەن بولۇپ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ۋە شۇنداقلا ئىسلام دىنىغا قاراتقان باستۇرۇشىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئاڭلاتتى. ئۇ گۇۋاھلىق بېرىش جەريانىدا، ئۆزىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا بىللە ئوقۇغان ساۋاقدىشىنىڭ يۇرتىغا قايتقاندا تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىگە شاھىت بولغانلىقىنى، كېچىك ۋاقتىدا دىن دەرسى بەرگەن ئۇستازىنىڭ يېقىندا تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇلار ئۇچراۋاتقان روھى بېسىملارنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ئەنقەر ھاجىم يىغىندىن كېيىن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يېغىنىدا تۈرمىدە قىينىلىۋاتقان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن روھىي جەھەتتىن ئۆزىنى يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ يېغىنغا يەنە خىتاينىڭ باستۇرۇشلىرىدىن قېچىپ ئامېرىكاغا يەرلەشكەن خىتاي خىرىستىيانلىرى ۋە تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ دىنىي رەھبەرلىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىدەك كەچۈرمىشلىرىنى يىغىن ئەھلى بىلەن ئورتاقلاشتى.