ئامېرىكا  نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنى كېچىكىپ تەبرىكلىدى؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز نۇرئىمان تەييارلىدى
2024.10.03
xitay-dolet-bayrimi-75-AP زىيارەتچىلەر بېيجىڭدىكى سودا سارايدا «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەيدىغان كۆرۈنۈش بار ئېكراننىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. 2024-يىلى 2-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ
AP/Ng Han Guan

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋاشىنگتون ۋاقتى 2- ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن سائەت سەككىز، يەنى بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئۆكتەبىر ئەتىگەن سائەت سەككىزدە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېننىڭ خىتاينىڭ 1-ئۆكتەبىردىكى دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەپ يازغان تەبرىك خېتىنى ئېلان قىلغان.

بىلىنكېن تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ھەمكارلىشىپ، دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر توسالغۇلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خىتاي جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىمىزنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرۇپ، ئوچۇق ئالاقىنى ساقلايمىز. بىز خىتاي جۇمھۇرىيىتى خەلقىگە ئالدىمىزدىكى بىر يىلدا تىنچلىق، گۈللىنىش ۋە بەخت تىلەيمىز.»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 1-ئۆكتەبىر ئۆز مۇستەقىللىقىنى تەبرىكلىگەن نىگېرىيە بىلەن سىپرۇسقا، 2-ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلىگەن گىۋىنېيەگە شۇ كۈننىڭ ئۆزىدىلا تەبرىك خېتى ئەۋەتكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 1-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاساسلىقى، ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلىشى ھەققىدە توختالغان بولۇپ، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىغا ئالاقىدار ھېچنېمە دېمىگەن. ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىمۇ خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى ھەققىدە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىغان. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب قايتۇرمىغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنى  2023 يىلى 29-سېنتەبىر ۋە 2022-يىلى 30-سېنتەبىر تەبرىكلىگەن ئىكەن. 

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مايا ۋاڭ  (Maya Wang) بۇ ھەقتە سورىغان سوئالىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب يېزىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ‹مۇقىملاشتۇرۇش› قا ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانىدى، شۇڭا دىپلوماتىك تەرتىپنى كۆزدە تۇتقاندا، ماڭا بۇ ئەھۋال سەل غەلىتە تۇيۇلدى. ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئەمەلىيەتتە خىتاي ئۈچۈن 1-ئۆكتەبىر كۈنى تەبرىكلەيدىغان ئىشلار ناھايىتى ئاز. خىتاي كومپارتىيەسى ئۆتكەن 75 يىلدا خىتايدا ئىنتايىن قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى يۈرگۈزدى. مەدەنىيەت ئىنقىلابى ۋە چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش جەريانىدىكى غايەت زور ئۆلۈم-يېتىمدىن تارتىپ، ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگىچە خىتاي كومپارتىيەسى پۈتۈن خىتايدىكى كىشىلەرنى خورلىدى. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىزچىل يۈرگۈزۈۋاتقان، كىشىلىك ھوقۇققا ئېتىبارسىز قارايدىغان بۇ خىل سىياسىتى خىتاينىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈمىدسىزلىك پەيدا قىلىدۇ. شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، خىتايلار ۋە باشقا رايونلار (تىبەت، ئۇيغۇر) دىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى ئەزەلدىن توختاتمىدى، ئۇلار ئەڭ ئېغىر كۈنلەردىمۇ غايەت زور جاسارىتىنى نامايان قىلدى».

30-سېنتەبىر كۈنى خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسى ساھىبخانلىق قىلغان خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىگە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچىسى دانىيال كرىتېنبرىنك (Daniel Kritenbrink) قاتنىشىپ، قىسقىلا تەبرىك سۆزى قىلغان.

ئۇ سۆزىدە ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ  مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بارلىق ئاماللارنى قىلىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ؛ ئارىمىزدىكى ئىختىلاپلارنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن كونترول قىلىشقا تىرىشىدۇ. شۇنىمۇ ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىز كېرەككى، بىز ئامېرىكا خەلقى بىلەن خىتاي خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى داۋاملىق كۈچەيتىمىز».

ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ خىتاي ۋە تەيۋەن ئىشلىرىغا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك دېرىكتورى سارا بېران(Sarah Beran) مۇ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقان.

خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شيې فېڭ  پائالىيەتتە سۆز قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى بولغان بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى؛  ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، تەڭ پايدا ئالىدىغان،  رەقىب ئەمەس بەلكى شېرىك بولىدىغان دۆلەتلەردىن بولۇشى كېرەكلىكىنى؛ تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئاساسىي يول ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكادىكى خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىغا بۇنداق سوغۇق مۇئامىلىدە بولۇشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ تەيۋەنگە بولغان تەھدىتىنىڭ ئاساسلىق سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى: 

«ئامېرىكا ئادەتتە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بولغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەيدۇ. خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىغا نىسبەتەن بۇنداق ئىرەنشىمەسلىك، كېچىكتۈرۈش پوزىتسىيەسىنى تۇتۇش ئارقىلىق، خىتاينى ‹ئەجەبا ئامېرىكا تەيۋەننىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلىمەكچىمۇ› دېگەندەك ئويغا سالماقچى. ئامېرىكا خىتاينىڭ تەيۋەنگە بېسىپ كېرىش ئېھتىماللىقىغا جىددىي قارىماقتا.  دۇنيا ۋەزىيىتى بەك مۇقىمسىز. ئىسرائىلىيە-ئىران، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئارىسىدىكى ئۇرۇش دۇنيانىڭ ۋەزىيىتىنى بەك قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى. شۇڭا ئامېرىكا خىتاينىڭ بۇ قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تەييار تۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا مېنىڭچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنى ۋاقتىدا تەبرىكلىمەسلىك ئارقىلىق، ئۇلارنى خەتەر بىلەن ئويناشماسلىققا ئاگاھلاندۇرماقچى».

«نىككىي ئاسىيا» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىن 30-سېنتەبىر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا بەرگەن يوليورۇقىدا، «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنى تەيۋەننى مۇداپىئە بۇيۇملىرى ۋە مۇلازىمىتى، ھەربىي تەلىم-تەربىيە ۋە ھەربىي مەشىق بىلەن تەربىيەلەش خىزمەتلىرى ئۈچۈن 567 مىليون دوللار ئاجرىتىشقا بۇيرۇغان.»

ھەپتە ئاخىرى ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا، فىلىپپىن، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىرلەشمە مانېۋىرىدىن كېيىن، خىتاي دۆلەت بايرىمى كۈنى جەنۇبىي دېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن.

30 سېنتەبىر كۈنى خىتاي كومپارتىيەسى رەئىسى شى جىنپىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن،  يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋە چەتئەل دىپلوماتلىرى قاتناشقان 3000 كىشىلىك زىياپەتتە سۆز قىلىپ،  خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە جۇغراپىيەلىك سىياسىي خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا «نامەلۇم  خەتەر، كۈتۈلمىگەن خىرىسلارنى قەتئىي يېڭىش» كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكانىڭ كېلەر ئايدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

پىرېزىدېنت كاندىداتلىرى—جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ نامزاتى ۋە ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، شۇنداقلا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى ۋە ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى كامالا ھاررىسنىڭ ھازىرغىچە خىتايغا قارىتا «قاتتىق» پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.