خىتاي ھۆكۈمىتى 1-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلىدى، لېكىن خىتاينىڭ بۇ يىللىق خاتىرىلەش پائالىيىتى پۈتكۈل دۆلەتنى ئىقتىسادىي كاساتچىلىق ۋە بىخەتەرلىك تەھدىتى قاپلىغان، خىتاينىڭ غەرب بىلەن مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشىنى جاۋابكارلىققا تارتىش سادالىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە ئېلىپ بېرىلدى. خىتاي بۇ يىللىق دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەشتە ئالدىنقى يىللاردىكىدەك چوڭ كۆلەملىك پارات ئۆتكۈزۈپ، ھەربىي كۈچىنىڭ ھەيۋىسى نامايان قىلمىغان. بۇ يىللىق تەبرىكلەش پائالىيىتى تيەنئەنمېن مەيدانىدا بايراق چىقىرىش، جۇڭنەنخەينى قوغدايدىغان ئازادلىق ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ مۇراسىمى قاتارلىقلار بىلەن چەكلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما چەت ئەلدىكى خىتاي دىپلوماتىك ئورگانلىرىنىڭ تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» يەنە سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان. خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق ئاتالمىش «شىنجاڭدىكى شاد-خۇراملىق» نى نامايان قىلماقچى بولغانلىقى مەلۇم.
بۇ جەھەتتە ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزگەن پائالىيىتى ئالاھىدە دىققەت قوزغىماقتا. پائالىيەتتە، خىتاي ئارتىسلىرىغا ئەنئەنىۋى ئۇيغۇرچە كىيىم ۋە دوپپىلار كىيدۈرۈلۈپ، ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» دېگەن نامدا سەھنىگە ئېلىپ چىققان.
ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن، ئەنگلىيە جەمئىيىتىدىكى نوپۇزلۇق زاتلار، ئەمەلدارلار ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرى تەكلىپ قىلىنغان بۇ پائالىيەتتە، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تالاش-تارتىشتىكى خىتاي مۇزىكانتى ۋاڭ لوبىڭنىڭ «چۈمبىلىڭنى ئېلىۋەت» ناملىق مۇزىكىسىغا ئۇسسۇل ئوينالغانلىقى مەلۇم بولماقتا. ھالبۇكى، ۋاڭ لوبىڭ ۋە ئۇنىڭ «چۈمبىلىڭنى ئېلىۋەت» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مۇزىكىلىرى، 1980-ۋە 1990-يىللىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرىغان. ئەينى ۋاقىتتا ۋاڭ لوبىڭ، ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىلىرى ۋە خەلق ئاھاڭلىرىنى ئوغرىلاپ، ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشتەك «ئىجادىيەت ئوغرىلىقى» بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.
ھالبۇكى، ئەنگلىيەلىك پائالىيەتچى، ئادۋوكات، «خەلقئارا پارلامېنتلار خىتاي ئىتتىپاقى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى لۇك دې پۇلفورد (Luke de Pulford) نىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەمەلىيەتتە خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ پائالىيەتنى غەرەزلىك ۋە پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرغان. لۇك دې پۇلفورد 1-ئۆكتەبىر رادىيومىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ خىل ئۇسسۇلنى ئورۇنداش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى قاتتىق رەنجىتتى. شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق ئەنگلىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاسىنى سىناپ باققان بولدى. شۇنىڭدەك پائالىيەتتە يەنە (خىتاينىڭ) تارتقان ‹100 يىللىق خورلۇق› تا ئەنگلىيەنىڭ ئوينىغان رولى ھەققىدە كەمسىتىش خاراكتېرلىك تەنبىھ بېرىلگەن. بۇ ئۇلارنىڭ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە قىلغان بىۋاسىتە خىرىس ۋە كەمسىتىشىدۇر. ئۇلار بۇنى غەرەزلىك ۋە پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرغان».
لۇك دې پۇلفۇردنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ ئارقىلىق، ئەنگلىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق ئىنكاستا بولىدىغانلىقىنى سىناپ باقماقچى ئىكەن. لۇك دې پۇلفپورد مۇندا دەيدۇ: «ئۇلار بۇ ئارقىلىق شۇنى كۆرمەكچى بولغان، يەنى بۇنىڭغا قارىتا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ھەر قانداق بىر ئىنكاستا بولامدۇ-يوق؟ ئەگەر ھېچقانداق بىر ئىنكاستا بولمىسا، ئۇلار داۋاملىق تېخىمۇ ئېغىر ھاقارەت خاراكتېرلىك زورلىغۇچى دىپلوماتىك خاھىشىنى داۋاملاشتۇرماقچى. شۇڭا، بۇ ئەنگلىيە ئۈچۈن بىر سىناق».
ھالبۇكى، ئەنگلىيەدىكى پائالىيەتچى، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش بىرلەشمىسى» نىڭ مەسئۇلى رەھىمە ماھمۇت خانىم، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ پائالىيىتىنى «چېكىدىن ئاشقان نومۇسسىزلىق» دەپ كۆرسەتمەكتە. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇلارنى ھەممىدىن بەك بىئارام قىلغىنى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى قاتتىق دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي قىزلىرىغا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىيىمىنى كىيگۈزۈپ سەھنىگە ئېلىپ چىقىشى بولغان. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىشچىلار پارتىيەسى پالاتا ئەزاسى، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار، مىللەتلەر توپى ۋە تەرەققىيات مىنىستىرلىقىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى كاتېرىن ۋېست (Catherine West) نىڭ تەكلىپ بىلەن قاتنىشىشى دىققەت قىلارلىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان كاتېرىن ۋېست، 25-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش پائالىيىتىدە، خىتاي ئارتىسلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر كىيىملىرىنى كىيىپ ئورۇندىغان ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» نى كۆرگەن. ھالبۇكى، كاتېرىن ۋېست ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ 2021-يىلى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» قارارىنى قوللىغان، شۇنداقلا 2021-يىلى 12-ئايدا لوندون ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى بېكىتىشىنىڭ ئارقىسىدىن ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا خەت يېزىپ، ھۆكۈمەتتىن مەزكۇر مۇستەقىل سوت كوللېگىيەسىنىڭ قارارىنى ئېتىراپ قىلىشىنى ۋە قىرغىنچىلىقتا جاۋابكارلىقى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان پالاتا ئەزالىرىنىڭ بىرىدۇر.
ھالبۇكى، لۇك دېپۇلفورد خىتاي ئەلچىخانىسىدىكى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئەنگلىيە يېڭى ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىر سىناق بولسىمۇ، ئەمما يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ سىناقتىن ئۆتەلمىگەنلىكىنى قەيت قىلماقتا. لۇك دې پۇلفورد مۇنداق دەيدۇ: «ئەپسۇسكى، بىز بۇ سىناقتىن ئۆتەلمىدۇق، چۈنكى يېڭى ھۆكۈمەت ھازىر ئۆزىنى ئىنتايىن ئەندىشە قىلارلىق دەرىجىدە خىتاي بىلەن ھەمكارلىققا تەييارلاۋاتىدۇ. بىراق بۇنىڭ بىلەن ھېچكىم ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىشلىرى مىنىستىرى كاتېرىن ۋېستنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ كۈچلۈك كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى بولۇشتىن يىراقلىشىدۇ، دېمەكچى ئەمەس. شۇڭا، ئۇنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىدا بولغان ئىشلاردىن ئىنتايىن بىئارام بولغانلىقى ئېنىق.»
نۆۋەتتە، مەيلى كاتېرىن ۋېست بولسۇن ياكى ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار، مىللەتلەر توپى ۋە تەرەققىيات ئىشخانىسى بولسۇن، ئۇنىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىدە قىلغان سۆزى ۋە ياكى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە بولغان ئىشلار ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئىنكاس ۋە باياناتتا بولۇپ باقمىغانلىقىنى قەيت قىلىنماقتا. بىز كاتېرىن ۋېستكە خەت يازغان بولساقمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر جاۋاب كەلمىدى. ھالبۇكى، رەھىمە ماھمۇت، ئۇيغۇرلارغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان كاتېرىن ۋېستنىڭ بۇ پائالىيەتكە بىر دىپلومات سۈپىتىدە قاتنىشىپ، «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» نى كۆرۈشكە مەجبۇر قالغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەمەلىيەتتە چەت ئەلدىكى خىتاي دىپلوماتىك ئورگانلىرىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» بىلەن «شاد-خۇرام شىنجاڭ» ئوبرازى يارىتىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئاقلىماقچى بولۇشى، ئۇنىڭ قانچىلىك ھودۇقۇۋاتقانلىقىنىمۇ كۆرسەتمەكتە ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي چەت ئەللەردە ئاتالمىش «شاد-خۇرام شىنجاڭ» ئوبرازى يارىتىشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ يىللىق دۆلەت بايرىمى كوۋىد-19 يۇقۇمىدىن بېرى خىتاي ئىقتىسادى قايتا ئەسلىگە كېلەلمەيۋاتقان، ئۆي-مۈلۈك بازىرىدىكى كىرىزىس ئىقتىسادنىڭ باشقا ساھەلىرىگە كېڭىيىپ، ئىشسىزلىق ئارتقان، مۇقىمسىزلىق كۈچەيگەن، ئۆتكەن ھەپتە ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش، ئۆي سېتىۋېلىشتا تۆلەيدىغان زاكالەت پۇلىنى ئازايتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇشنىڭ بىر قاتار تەدبىرلىرىنى ئېلىشقا مەجبۇر بولغان، شۇنداقلا شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت ئىچىدىكى ئۆزىگە سادىق بولمىغان ئەمەلدارلارنى، چېرىكلىك ياكى باشقا شەخسى سەۋەبلەر بىلەن داۋاملىق تازىلاۋاتقان بىر پەيتتە يېتىپ كەلگەن.