خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانى بارغانسېرى كىرىزىسقا پاتماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.08.22
xitay-iqtisadi-shanghai-yuk-sanduq-yukdan بىر يۈك ماشىنىسى شاڭخەي ئەتراپىدىكى ياڭشەن پورتىدىكى يۈك ساندۇقى رايونىدا كېتىۋاتىدۇ. 2012-يىلى 23-مارت، شاڭخەي
REUTERS

«خەتەرلىك رايون: خىتاي بىلەن توقۇنۇشنىڭ يېتىپ كېلىشى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى مايكول بېكلى (Michael Beckley) 19-ئاۋغۇست كۈنى «نيۇ-يورك ۋاقتى» ژۇرنىلىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنى ئالغا سىلجىتىدىغان پاراۋوزلۇق رولىنى بارغانسېرى يوقىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانىغا سېلىۋاتقان مەبلىغى، بېرىۋاتقان قەرزىنىڭ ئازلاۋاتقانلىقىنى، چۈنكى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۇنىڭغا مادارى يەتمەي ھالسىراپ قالغانلىقىنى، ئاقىۋەتتە خىتايغا قەرزدار دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى ئاستىلىتىپ، ھەتتا ئۇلارنى ۋەيران بولۇش گىردابىغا سۆرەۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

«خىتاي قالدۇرۇپ كەتكەن ئاسارەت» ناملىق بۇ ماقالىدە ئاپتور خىتاي بىلەن بىر مەھەل شېرىكلەشكەن ۋە ئارقىدىن ئىقتىسادى ۋەيران بولغان دۆلەت ۋېنېزۇئېلانى مىسال ئالىدۇ. 

2000-يىللاردا ، ۋېنېزۇئېلانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى  ھيۇگو چاۋېز (Hugo Chavez) ئۆز دۆلىتىنىڭ كەلگۈسىنى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خىتايغا باغلاپ، خىتايدىن نەچچە ئون مىليارد دوللار مەبلەغگە ئېرىشكەن ۋە بۇ قەرزنى نېفىت بىلەن قايتۇرىدىغان بولغان. خىتاي ۋېنېزۇئېلانىڭ نېفىتىنى بولۇشىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولدىن ئېلېكتىر ئىستانسىسىغىچە بولغان ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن. 2010-يىل نېفىت باھاسى تۆۋەنلىگەن، خىتاينىڭ نېفىت ئېھتىياجى ئۇنىڭ ئىقتىسادى بىلەن تەڭ ئاستىلىغان. ۋېنېزۇئېلانىڭ نېفىت ئېكسپورتى كىرىمى تۆۋەنلەپ، 2011-يىلدىكى 73 مىليارد دوللاردىن 2016-يىلى 22 مىليارد دوللارغا چۈشۈپ قالغان. 2014-يىلى، ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىقتىسادى گۇمران بولۇپ، خەلقى ئەخلەت ساندۇقىدىن يېمەكلىك ئىزدەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان، جىنايەتلەر كۆپەيگەن، سەككىز مىليونغا يېقىن ئادەم بۇ دۆلەتتىن قېچىپ كەتكەن. خىتاي بولسا ۋېنېزۇئېلاغا بېرىدىغان قەرزىنى ئاساسەن ئۈزۈپ تاشلاپ، تاماملانمىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تاشلاپ قويغان.

ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى رايموند كو، ۋېنېزۇئېلا يولۇققان بۇ پالاكەتنىڭ باشقا دۆلەتلەردىمۇ يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «شۇنداق، بۇ ئىشلار باشقا دۆلەتلەردىمۇ يۈز بېرىدۇ. مېنىڭچە مەسىلە شۇ يەردىكى، بۇ يەردىكى قەرز بېرىش ۋە قەرز قايتۇرۇش ئۇسۇلى ئېنىق ئەمەس، كۆپىنچە سودا يەڭ ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. توختام-كېلىشىملەر ئاۋازغا قويۇلمايدۇ. قەرز ئالغۇچى دۆلەتنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە  خىتاينىڭ قەرزىنى قايتۇرۇش كۈچىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەك تەس. ئەمەلىيەتتە ئۇ كىرىزىس ئاللىقاچان يۈز بەردى. بىز سىرىلانكا بىلەن پاكىستاننىڭ ئەھۋالىنى كۆردۇق، ئۇلار خىتاينىڭ قەرزىنى قايتۇرالمايۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ قەرزلەر مەخپىي كېلىشىم بىلەن بېرىلگەن».

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى قەيسەر مىجىت خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قەرز تۇزاقلىرىغا چۈشكەن دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئاۋاز چىقارمايدىغان دۆلەتلەرگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.   

ماقالە ئاپتورىنىڭ قارىشىچە، ۋېنېزۇئېلانىڭ خىتايغا بەك تايىنىشى خىتايدىن ئاگاھ بولۇشقا بېرىلگەن ئەڭ بالدۇرقى سىگنال بولسىمۇ، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇنىڭغا سەل قارىغان. كېيىنكى يىللاردا خىتاي بىلەن تەڭ گۈللىنىشنى تەمە قىلىپ يۈرگەن ئون نەچچە دۆلەت خىتاي ئىقتىسادىنىڭ توختاپ قېلىشىغا ئەگىشىپ، پۇل-مۇئامىلە قىيىنچىلىقى ۋە قەرزنى قايتۇرۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. خىتاي ئۇ قەرزلەرنى بىكار قىلىشنى رەت قىلغان.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، 2008-يىلدىكى يەر شارى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن، دۇنيا ئىقتىسادى بىر قۇتقۇزغۇچىغا موھتاج بولغان بولۇپ، خىتاي بۇ رولنى ئوينىغان. 2008-يىلدىن باشلاپ، خىتاي 9 يىلدا ئۆز ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا 29 تىرىللىيون دوللار مەبلەغ سالغان بولۇپ، بۇ يەر شارى GDP (ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى) سىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىرىگە تەڭ كېلىدىكەن. 2008-يىلدىن 2021-يىلغىچە خىتاي دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشىنىڭ 40 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن. خىتاي دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ سودا شېرىكىگە ئايلانغان. ۋېنېزۇئېلاغا ئوخشاش، نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تاۋار ئېكسپورتى ئۈچۈن پۇل تاپىدىغان يېڭى بازار ئىكەنلىكىنى بايقىغان، ئەمما ئۇلار بۇنىڭغىلا تايىنىپ قېلىپ، ئۆز ئىقتىسادىنىڭ كاساتلىشىشىغا يول ئاچقان.

خىتاي باشقا دۆلەتلەرگە بىر تىرىللىيون ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك قەرز بەرگەن، بۇلار ئاساسلىقى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىگە سالغان مەبلىغىدىن ئىبارەت بولغان .ئەمما خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ناچارلىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاينىڭ چەت ئەلگە سالىدىغان مەبلىغى ئازلىغان، 2016-يىل سالغان مەبلىغى 87 مىليارد دوللار بولغان بولسا، 2020-يىلدىن كېيىن سالغان مەبلىغى 4 مىليارد دوللارغا چۈشكەن. 

ئاپتور مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بىلگىنىمىزدەك، خىتاينىڭ گۈللىنىشى سىجىل بولمىدى. خىتاي كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشنى كۆزلىگەن ئۈنۈمسىز سىياسەتلەر قوللاندى، ئاقىۋەتتە ئۆزىنى قەرزگە بوغۇپ قويدى. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئىگىلىك تىكلەشنى توسۇپ، ئىسلاھاتقا قارشى تۇردى، ئامېرىكانىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى قوغدىشىغا تۈرتكە بولدى. شى تەختكە چىققان ئون يىلدىن بۇيان، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى زور دەرىجىدە ئاستىلىدى، بەزى مۇتەخەسسىسلەر بولسا ئۇنىڭ توختاپ قالغىنىغا ئىشىنىدۇ».

خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چۆكۈشى خىتايغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىش چۈشى كۆرۈۋاتقان دۆلەتلەرگە زەربە بېرىدىكەن. دوكتور رايموند كو مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر بىز خىتاي ئىقتىسادىنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بۇنىڭ تەسىرىگە دىققەت قىلىۋاتىدۇ، بەلكىم مال باھاسى ئۆسۈپ كېتىدۇ. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە كەلسەك، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئىقتىسادى ئاستىلاپ قالغان خىتاي پۈتۈن كۈچىنى يەنىلا ياسىمىچىلىققا مەركەزلەشتۈرىدۇ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن بۇ بىر مەسىلە، چۈنكى ئۇلارمۇ كۆپلەپ مال ئىشلەپچىقىرىپ، سىرتقا ئېكسپورت قىلىشنى ئويلايدۇ. ئەگەر خىتاي بۇ ئىشنىڭ بېشىدا تۇرۇۋالسا، ئۇلار ئۆز ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈشكە چارە تاپالمايدۇ. شۇڭا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن بۇ ئۈستى-ئۈستىلەپ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقتۇر».

تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، خىتايدىكىGDP نىڭ ھەر بىر پىرسەنت تۆۋەنلىشى ئۇنىڭ سودا شېرىكلىرىنىڭ ئىقتىسادىنىمۇ روشەن ئاستىلىتىپ قويىدىكەن. بىر تۈركۈم دۆلەتلەر خىتايغا قىلغان ئېكسپورتىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش ۋە دۇنيا بازىرىنى مونوپول قىلىش ئۈچۈن ئۆز شىركەتلىرىگە غايەت زور مىقداردا قەرز، تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىۋاتقان ھەمدە ئەرزان ماللىرىنى دۇنياغا تۆكمە قىلىپ سېتىۋاتقان بولۇپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ شىركەتلىرى بىلەن ئادىل بولمىغان رىقابەتكە كىرگەن. مەسىلەن، خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق توك ئاپتوموبىللىرى ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بازىرىغا كىرمەكچى بولغان. ھالبۇكى، قارشى تەرەپمۇ بوش كەلمەي، خىتايغا ئېغىر باج قويماقچى بولغان. ئومۇمەن ئېيتقاندا، خىتايغا دو تىككەن دۆلەتلەر ئىچىدە كەلگۈسىدە ۋېنېزۇئېلادەك ئاقىۋەتكە قالىدىغان دۆلەتلەرنىڭ چىقىشى مۇمكىن ئىكەن. ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ خىتاينى سودا جەھەتتە قىسماققا ئېلىشى كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىقتىسادىي جەڭ، جۈملىدىن پۇل-مۇئامىلە جېڭىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى بولۇپ، نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن.

دوكتور قەيسەر مىجىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى بىلەن دۇنيا ئىقتىسادىمۇ ئاستىلاپ قالىدۇ دېيىشنىڭ مەلۇم ئاساسى بولسىمۇ، ئۇنىڭدا يەنە كىلىمات ئۆزگىرىشى، كوۋىد يۇقۇمى، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، بەزى دۆلەتلەردىكى سىياسىي داۋالغۇش دېگەندەك ئامىللارنىڭمۇ تەسىرى بولىدىكەن. ئۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادى ناچار ۋاقىتلاردىمۇ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىپ مېڭىۋەرگەنلىكىنى، شۇڭا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ خىتاي بىلەن مۇقەررەر باغلىنىشى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.