خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ چاغان بايرىمى مۇراسىمىغا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ قاتنىشىشى غۇلغۇلا قوزغىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2023.01.23
xitay-istanbul-konsoli-chaghan-uyghur-2.jpg ئارىلىرىدا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ باربولغان، خىتاينىڭ ئىستانبۇل باش كونسۇلىنىڭ چاغانلىق پائالىيىتىگە قاتناشقۇچىلاردىن بىر كۆرۈنۈش، 2023-يىلى 17-يانۋار، ئىستانبۇل، تۈركىيە.
Social Media

خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇل ۋەكىلى نامدىكى تىۋېتتىر ھېسابىدىن 18-يانۋار كۈنى ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 17-يانۋار كەچتە خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇل ۋەكىلى ۋۇ جيەن ۋە كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، پائالىيەتكە ئىستانبۇلدىكى ئاتالمىش «ئۇيغۇر سانائەتچى ۋە سودىگەرلەر جەمئىيىتى» نىڭ كاتتىۋېشى سابىر بۇغدا قاتارلىق بىر قانچە ئۇيغۇرنىڭ قاتنىشىشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى.

خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇل ۋەكىلى نامدىكى تىۋېتتىر ھېسابىدا تۆت پارچە رەسىم تارقىتىلغان بولۇپ، رەسىمدىكى كىشىلەر ئارىسىدا ئىستانبۇلدىكى ئاتالمىش ئۇيغۇر سودا سانائەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ كاتتىۋېشى سابىر بوغدا قاتارلىق 6-5 ئۇيغۇر ئورۇن ئالغان. بۇ رەسىم ۋە ئۇچۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغاندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.

رەسىملەردىكى، ئۇيغۇر سەنئەتچىلەرنىڭ مىللىيچە كىيىملەر بىلەن سەھنىدە دولان ئۇسۇلى ئويناۋاتقان كۆرۈنۈشلەر دىققەتتىن تارتتى. ئۇيغۇر ژۇرنالىست مۇھەممەد ئېلى ئاتايۇرت بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، مەزكۇر دولان ئۇسۇلى ئوينىغان سەنئەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن ئالاھىدە كەلتۈرۈلگەن كەسپى سەنئەتچىلەر ئىكەنلىكىنىڭ ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاينىڭ ئىستانبۇل باش كونسۇلىنىڭ چاغانلىق پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش، 2023-يىلى 17-يانۋار، ئىستانبۇل، تۈركىيە.

خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇل ۋەكىلى نامدىكى تىۋېتتىر ھېسابىدا، «ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ئەنئەنىۋى چاغان بايرىمىنى تەبرىكلىدۇق» دېگەندەك ئۇچۇرلار بىلەن رەسىملەر ھەمبەھىرلەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر پائالىيەت ئىستانبۇلدىكى شاڭرىلا مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي دائىرلىرى پائالىيەتكە خىتايلاردىن سىرت يەنە كۆپ ساندا تۈركلەر ۋە ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقانلىقىنى يازغان بولسىمۇ. لېكىن رەسىمدىكى زالغا قارىغاندا 100 ئەتراپىدا كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىنىڭ رەسمىي تور بېتىدىكى مەلۇماتلاردا خىتاي باش كونسۇلخانىسى بۇ چاغان پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىن بەش كۈن بۇرۇن، يەنى 12-يانۋار خىتاي باش كونسۇل ۋەكىلى ۋۇ جيەننىڭ باشچىلىقىدىكى كونسۇلخانا خادىملىرى ئىستانبۇلدىكى «ئۇيغۇر سانائەتچىلەر ۋە سودىگەرلەر جەمئىيىتى» نى زىيارەت قىلغانلىقى ۋە مەخسۇس ئاتالمىش «شىنجاڭلىق مۇھاجىرلار» بىلەن «ئىسسىق باھار» تېمىسىدا بايراملىشىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقى، پائالىيەتكە 30 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر، مۇئاۋىن باش كونسۇل ۋاڭ فېي ۋە كونسۇلخانە خىزمەتچىلىرىنىڭ قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي باش كونسۇلى ۋەكىلى مەزكۇر ئۇچرىشىشقا قاتناشقان 30 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرغا «چاغانلىق ھەدىيە بۇيۇملىرى تارقىتىپ بەرگەن ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ۋە خىتاينىڭ ئاتالمىش «يېڭى دەۋرىدىكى تەرەققىيات نەتىجىلىرى» نى تونۇشتۇرغان. ئۇ، ئۆتكەن 10 يىلدا «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دا قولغا كەلتۈرۈلگەن تەرەققىيات ۋە نەتىجىلەرنى تونۇشتۇرۇپ، مەزكۇر ئۇيغۇرلاردىن چەت ئەللىكلەرگە ۋەتىنىنى ئەنە شۇنداق تونۇشتۇرۇشنى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىكتە چىڭ تۇرۇشنى، ئۆزلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىككى خەلق ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى كۈچەيتىشكە تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ ئىستانبۇل باش كونسۇلىنىڭ چاغانلىق پائالىيىتىدە دولان ئۇسۇلى ۋە باشقا نومۇر كۆرسىتىۋاتقان ئارتىسلار، 2023-يىلى 17-يانۋار، ئىستانبۇل، تۈركىيە.

ئىستانبۇلدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت خىتاي باش كونسۇلخانىسىنىڭ مەزكۇر چاغانلىق پائالىيىتى ھەققىدا پىكىر بايان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچ ئىش بولمىغاندەك خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى تەبرىكلەشكە قاتنىشىشى ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەئەتى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى:

ئابدۇرېشىت ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ خەلقئاراغا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھىچقانداق ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بۇ خىل پائالىيەتلەرگە ئۇيغۇرلارنى قاتناشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ، يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە پەقەت خەلقئارانى ۋە بىر قىسىم نادان خەلقىمىزنى ئالداش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن ناھايىتى ئىناق-ئىتتىپاق ئىچىدە ياخشى ئۆتۈۋاتىمىز دېگەن چۈشەنچىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ئاشۇ ئۇيغۇرلارنى كوزىر قىلىپ قوللىنىۋاتىدۇ».

ئابدۇرېشىت ئەپەندى سۆزىدە ھازىر دۇنيادا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ۋە كورۇنا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قەبىھلەرچە يۈرگۈزگەن سىياسىتى سەۋەبىدىن خىتايغا قارشى سەلبىي قاراشلار ئوتتۇرىغا چىققان بىر ۋەزىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرسىتىش، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەر بىلەن ناھايىتى ياخشى ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈۋاتقاندەك، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى ياخشىدەك بىر ئوقۇمنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ژۇرنالىست مۇھەممەد ئېلى ئاتايۇرت بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى خەلقئارالاشقان بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ئۆزلىرىنى ئۇيغۇرلار بىلەن ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈۋاتقاندەك، ئۇيغۇرلارنىڭ باي-باياشات ياشاۋاتىدۇ دېگەندەك چۈشەنچە پەيدا قىلىش ئۈچۈن ۋەتەندىن ئۇيغۇر سەنئەتچىلەرنى ئىستانبۇلغا كەلتۈرۈپ سەھنىگە چىقىرىۋاتقانلىقىنى، بىراق بۇ خىل ئالدامچىلىقلارغا دۇنيانىڭ ئىشەنمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.