ئەنگلىيە ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى يېقىنقى 12 ئاي ئىچىدە مۇخبىر سىياقىغا كىرىۋالغان ئۈچ نەپەر خىتاي جاسۇسىنى ئەنگلىيەدىن قوغلاپ چىقارغان.
ئەنگلىيە «تېلېگراف گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئۈچ كىشى ئەسلى خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خادىملىرى بولۇپ، ئەمما ئۇلار ئۆتكەن ئۈچ يىل مابەينىدە ئەنگلىيەگە مۇخبىرلىق ۋىزىسى بىلەن كەلگەن ئىكەن.
ئۇلارنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتى ئەنگلىيە جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنى MI5 تەرىپىدىن بايقالغان ۋە ئۇلار ئەنگلىيەدىن جىمجىت ھالدا قوغلاپ چىقىرىلغان. ھالبۇكى خەۋەردە بۇلارنىڭ كىملىكى ئاشكارىلانمىغان.
ئەنگلىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىتاي جاسۇسلىرى ئەنگلىيەنىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى نىشان قىلغان ئىكەن.
بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا، ئەنگلىيە دائىرىلىرى خىتاي دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى خەۋەر تورى CGTN نىڭ تارقىتىش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلغان ئىدى.