خىتاي «مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى» ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان جاسۇسنىڭ ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى ھەرىكەتلىرى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.01.18
خىتاي «مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى» ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان جاسۇسنىڭ ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى ھەرىكەتلىرى ئاشكارىلاندى ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى «مى5» ئاشكارىلىغان ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان جاسۇسنىڭ كىرىستىنا لى چىڭكۈي(Christine Ching-Kui Lee).
REUTERS

ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى «MI5» خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان جاسۇسنىڭ ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئەنگلىيەنىڭ ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئەنگلىيەنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل ئورگىنى بولغان «MI5» 13-يانۋار پەيشەنبە كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنى خىتاي جاسۇسى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. ئۇلار بۇ خىتاي جاسۇسىنىڭ ئەنگلىيە پارلامېنتنىڭ سىياسىي يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇقتۇرۇشتا «كىملىكى كىرىستىنا لى چۈڭكۈي دەپ ئېنىقلانغان ​​بىر ئايال خىتاي كومپارتىيەسى تارمىقىدىكى مەركىزى بىرلىكسەپ خىزمەت بۆلۈمى بىلەن بىرگە مەخپىي ھەرىكەت قىلغان. ئۇلار ئەنگلىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەردىكى سىياسىي پوزىتسىيەسىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە پايدىلىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئەنگلىيەدىكى تەسىرگە ئىگە شەخسلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ئۇرۇنغان» دېيىلگەن.

خەۋەردىن قارىغاندا، ئۆزى بىر ئادۋوكات بولغان لى چىڭكۈي ئەنگلىيەدە «خىتاي دوستلۇق جەمئىيىتى» ۋە «ئەنگلىيە-خىتاي قۇرۇلۇش تۈرى» قاتارلىق ئىككى گۇرۇپپا بىلەنمۇ ئوچۇق-ئاشكارا مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى ئەنگلىيەدىكى خىتاي جامائىتىنىڭ ۋەكىلىدەك كۆرسىتىپ تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغانىكەن. ئۇ يەنە ئەنگلىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەرگە، پارلامېنت ئەزالىرى، ئەنگلىيەدىكى ئاممىۋى خىزمەت نامزاتلىرىغا ۋە شۇنىڭدەك سىياسىي ئورۇنلارنىڭ كاندىدات نامزاتلىرىغا ئىئانە قىلىش ئىشلىرىغا كۆپلەپ قاتناشقانىكەن. «MI5» ئۇقتۇرۇشىدا يەنە لى چىڭكۈينىڭ «ب د ت نىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى شەخسلەر بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئالاقە قىلغانلىقىنى، ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى پارلامېنتلار ئارا گۇرۇپپا بولغان ‹پۈتۈن پارتىيە پارلامېنت گۇرۇپپىسى› بىلەنمۇ يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى» بىلدۈرگەن.

مەزكۇر خەۋەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن خەلقئارا ئاخباراتلاردا زور ئىنكاس قوزغىدى ۋە خىتاينىڭ «مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى» ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر قايتىدىن كۈچەيدى.

ئەنگلىيەلىك سىياسەت تەتقىقاتچىسى، «خىتاي ئىشلىرى بويىچە خەلقئارا پارلامېنتلار ھەمكارلىقى» نىڭ باش ماسلاشتۇرغۇچىسى لۇك دې پۇلفورت بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر قوللىنىشتا كەچ قالغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەنگلىيە سىياسەت ساھەسىگە سىڭىپ كىرىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىغا ئۇزۇن بولدى. 2017-يىللىرىدا لى چىڭكۈي ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرى ھەققىدە كۆپ خەۋەرلەر ئىشلەنگەن، نۇرغۇن ئاگاھلاندۇرۇشلار بېرىلگەن. شۇڭا ئۇنىڭ سىڭىپ كىرىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى بىزنى ھەيران قالدۇرمىدى، بىزنى ھەيران قالدۇرغىنى بۇنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا نېمە ئۈچۈن 5 يىل ۋاقىت كەتكىنى بولدى. بىزنىڭ ئىستىخبارات ئورگانلىرىمىز، ھۆكۈمىتىمىز تېز ھەرىكەت قىلىشى كېرەكتى».

خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى خىتاي كومپارتىيەسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق بولغان ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىتى ۋە ھاكىمىيىتىگە قارشى تەھدىت پەيدا قىلغۇسى مەنبەلەرنى يوقىتىش ۋە ياكى ئۇنى پاسسىپ ھالغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان بولۇپ، ئۇنىڭ خىزمەت دائىرىسى ھەم خىتاي ئىچى ھەم چەتئەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى يېقىنقى يىللاردا ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىغان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان مەخسۇس دوكلاتىدا «شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە چىققاندىن كېيىن مەركىزى بىرلىكسەپ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ قاتتىق كۈچەيگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۆكتىچى پىكىر ۋە مەنبەلەرنى يوقىتىش، پاسسىپ ھالغا چۈشۈرۈش، چەتئەللەردىكى جامائەت پىكىر ئېقىمىنى ئۆزگەرتىش، چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە پارلامېنتلىرىغا سىڭىپ كىرىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقى ۋە ئۇنىڭدا بەلگىلىك غەلىبە قازانغانلىقىنى» بىلدۈرگەنىدى.

ئامېرىكادىكى «كور ئانالىز تەتقىقات مەركىزى» نىڭ قۇرغۇچىسى دوكتور ئاندېرس كور ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىدىكى لى چىڭكۈينىڭ ۋەقەسى مۇزتاغنىڭ پەقەت كۆرۈنگەن قىسمى ئىكەن. ئۇ بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن: «ئەنگلىيەدىكى خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ خادىمىنىڭ ھەرىكىتى ئۇنىڭ ئىنتايىن ھىيلىگەرلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلماي تۇرۇپ، سىياسىي نامزاتلارغا نەچچە يۈز مىڭ فوندستېرلىڭ ئىئانە قىلغان. بۇ ئۇنىڭ ۋە خىتاينىڭ تەسىرىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ. مەن يۇقىرىدا ئاشكارىلانغانلارنى مۇز تاغنىڭ كۆرۈنگەن كىچىككىنە بىر قىسمى دەپ قارايمەن. بېيجىڭ ئەنگلىيەدىكى تىجارەتچىلەر بىلەن بولغان مىليارد دوللارلىق سودىسى ئارقىلىق ئەنگلىيە سىياسەت ساھەسىگە تېخىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. چۈنكى پۇلدارلار ئەنگلىيە پارلامېنتىدا خېلى زور تەسىرگە ئىگە. بۇ بىزگە پەقەت چەتئەلنىڭ سىڭىپ كىرىش ھەرىكەتلىرىگە قارشى تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر ئېلىشلا ئەمەس، بەلكى پۇلنىڭ سىياسەتكە تەسىر كۆرسىتىشىنى چەكلەيدىغان قاتتىق قانۇنلار چىقىرىلىشى زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ».

ب ب س نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، لى چىڭكۈي ئەنگلىيەدە يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان كىشىلەرنىڭ بىرى ئەنگلىيەنىڭ ئىشچىلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى بەررىي گاردىنېر بولۇپ، لى چىڭكۈي 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئۇنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ كەلگەنىكەن. دىققەت قوزغايدىغىنى، لى چىڭكۈينىڭ ئوغلىمۇ ئۇنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىدە پىدائىي بولۇپ ئىشلىگەنىكەن. ۋەقە ئاشكارىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن بەررىي گاردىنىر ئۆزىنىڭ بۇ مەبلەغنى پۈتۈنلەي ئۆز خىزمەتلىرىنى ياخشىلاشقا، ئەنگلىيە پارلامېنتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىشقا ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

لۇك دې پۇلفورت بولسا رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە يۇقىرىدىكى بۇ پارلامېنت ئەزاسىنىڭ خىتاينىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنىڭ ئىنتايىن روشەنلىكىنى، چۈنكى ئۇنىڭ پارلامېنتتا ھېچقاچان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمى ھەققىدە سۆزلەپ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى: «بىز مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ تەكرار يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. باشقا بىر دۆلەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ بىزنىڭ سىياسەتچىلىرىمىزگە پۇل بېرىشىنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنداق سىياسەتچىلەر كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەردە ھەرگىز خىتايغا قارشى سۆزلىمەيدۇ. مەسىلەن بەررىي گاردىنېر تولىمۇ ئەپسۇس پارلامېنتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىنى بىرەر قېتىممۇ تىلغا ئېلىپ باققىنى يوق. ئەكسىچە ئۇ خىتاينىڭ ئەنگلىيەدىكى يادرو بازىسىنى سېتىۋېلىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان. مانا بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك ۋە دىققەت قوزغاشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە. بىز بۇنداق ئىشلارنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك».

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ لوندوندىكى باش ئەلچىخانىسى MI5 نىڭ بايانلىرىنى قەتئىي رەت قىلغان ۋە ئەنگلىيەنى ئەنگلىيەدىكى خىتاي جامائىتىگە «تۆھمەت قىلدى ۋە قورقۇتتى» دەپ ئەيىبلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.