لىندا سۇن ئامېرىكا سىياسەتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەيدانىنى ئىپادىلىشىگىمۇ توسقۇنلۇق قىلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز نۇرئىمان تەييارلىدى
2024.09.06
Linda-Sun-xitay-jasus-graphic نيۇ-يورك ئىشتاتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىشتات باشلىقى كەتىي خوكۇل (Kathy Hochul) نىڭ قول ئاستىدا مۇئاۋىن ئىشخانا باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن لىندا سۇن (Linda Sun) ۋە ئۇنىڭ ئېرى كرىس خۇ (Chris Hu).
Photo: RFA

نيۇ-يورك ئىشتاتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىشتات باشلىقى كەتىي خوكۇل (Kathy Hochul) نىڭ قول ئاستىدا مۇئاۋىن ئىشخانا باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن لىندا سۇن (Linda Sun) 9-ئاينىڭ 3-كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ لىندا سۇن ھەققىدە يازغان شۇ كۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 41 ياشلىق لىندا سۇن 2018-يىلدىن 2020-يىلغىچە نيۇ-يورك ئىشتاتىنىڭ سابىق باشلىقى ئاندىرى كۇمو (Andrew Cuomo) نىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن. 2021-يىلدىن 2022-يىلغىچە نيۇ-يورك ئىشتاتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىشتات باشلىقى كەتىي خوكۇل (Kathy Hochul) نىڭ قول ئاستىدا مۇئاۋىن ئىشخانا باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇنىڭ يولدىشى 40 ياشلىق كرىس خۇ (Chris Hu) دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تىجارىتى ۋە پۇل-مۇئامىلە مەسلىھەتچىلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى ئىكەن. ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI)نىڭ مۇۋەققەت ياردەمچى دىرېكتورى كرىستى كۇرتىس (Christie Curtis)نىڭ «ۋاشىنگتون پوچتىسى» غا ئېيتقانلىرىغا قارىغاندا، سۇننىڭ يولدىشى خۇ ئاتالمىش «تىجارەت» ئارقىلىق لىندا سۇننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئالغان پۇللىرىنى يۇيغان. كىرىس خۇمۇ ئايالى لىندا سۇن بىلەن بىرلىكتە قولغا ئېلىنغان.

نيۇ-يورك ئىشتاتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىشتات باشلىقى كەتىي خوكۇل (Kathy Hochul) نىڭ قول ئاستىدا مۇئاۋىن ئىشخانا باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن لىندا سۇن (Linda Sun) نيۇ-يورك برۇكلىندىكى فېدېراتسىيە سوتىدىن ئايرىلغان ۋاقتى. 2024-يىلى 3-سېنتەبىر.
نيۇ-يورك ئىشتاتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىشتات باشلىقى كەتىي خوكۇل (Kathy Hochul) نىڭ قول ئاستىدا مۇئاۋىن ئىشخانا باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن لىندا سۇن (Linda Sun) نيۇ-يورك برۇكلىندىكى فېدېراتسىيە سوتىدىن ئايرىلغان ۋاقتى. 2024-يىلى 3-سېنتەبىر.
AP Photo/Corey Sipkin

3-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن نيۇ-يورك برۇكلىندىكى فېدېراتسىيە سوتىدا، لىندا سۇن «خىزمىتىدىكى قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ چەت ئەل ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ھەمكارلىشىش، ۋىزا ئالدامچىلىقى قىلىش، ئەتكەسچىلىك ۋە پۇل يۇيۇش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن.

ئەيىبلەش ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئەيىبلەشكە قاتناشقان نيۇ-يورك شەرقىي رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئادۋوكاتى جون مارزۇللى (John Marzulli) بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ بىزگە لىندا سۇن ۋە يولدىشى كىرىس خۇ ھەققىدە چىقىرىلغان 65 بەتلىك ئەيىبنامىنى يوللاپ بەردى.

ئەيىبنامىدە لىندا سۇننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا سىياسەتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى مەيدانىغا تەسىر كۆرسىتىش پۇرسىتىنى قانداق يارىتىپ بەرگەنلىكى ھەققىدىكى مەزمۇنلار تەپسىلىي يېزىلغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «2021-يىلىنىڭ بېشىدا ياكى شۇ ئەتراپتا، جاۋابكار لىندا سۇن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى كونسۇلخانىسىنى ‹سىياسىيون-2› (قايسى سىياسەتچى ئىكەنلىكى يېزىلمىغان)نىڭ سۆزىنىڭ مەزمۇنىنى شەكىللەندۈرۈش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلىگەن، يەنى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئەمەلدارىغا ‹سىياسىيون-2› نىڭ نۇتقىنىڭ مەزمۇننى ئالدىن كۆرسەتكەن. خىتاي كونسۇلخانىسى ئەمەلدارىنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسەن، لىندا سۇن ‹سىياسىيون-2›نىڭ نۇتقىدىكى شىنجاڭدا قۇرۇلغان لاگېرلاردا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەزمۇننى چىقىرىۋەتكەن.»

نيۇ-يورك ئىشتاتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىشتات باشلىقى كەتىي خوكۇل (Kathy Hochul) نىڭ قول ئاستىدا مۇئاۋىن ئىشخانا باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن لىندا سۇن (Linda Sun) ۋە ئۇنىڭ ئېرى كرىس خۇ (Chris Hu) نيۇ-يورك برۇكلىندىكى فېدېراتسىيە سوتىدىن ئايرىلغان ۋاقتى. 2024-يىلى 3-سېنتەبىر.
نيۇ-يورك ئىشتاتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىشتات باشلىقى كەتىي خوكۇل (Kathy Hochul) نىڭ قول ئاستىدا مۇئاۋىن ئىشخانا باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن لىندا سۇن (Linda Sun) ۋە ئۇنىڭ ئېرى كرىس خۇ (Chris Hu) نيۇ-يورك برۇكلىندىكى فېدېراتسىيە سوتىدىن ئايرىلغان ۋاقتى. 2024-يىلى 3-سېنتەبىر.
AP Photo/Corey Sipkin

ئەيىبنامىدە دېيىلىشىچە، لىندا سۇن 2021-يىلىلا خىتاينىڭ نيۇ-يوركتىكى كونسۇلخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ يۈرگەن. 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى ياكى ئۇ كۈننىڭ ئالدى-كەينىدە، خىتاي كونسۇلخانىسى ئەمەلدارى سۇن دىن ‹سىياسىيون-1› ياكى ‹سىياسىيون-2›نىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەپ قىسقا بىر فىلىم ئىشلەش ئېھتىمالىنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىغان. سۇن خىتاي ئەمەلدارىنىڭ تەلىپى بويىچە ‹سىياسىيون-2›نىڭ يېڭى يىلىغا بېغىشلانغان «يېڭى يىلىڭىزنى تەبرىكلەيمىز، ۋىرۇسقا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىمىز» دېگەن مەزمۇندىكى قىسقا فىلىمنى ئىشلەتكۈزگەن. ئۇ يەنە تەيۋەن ھۆكۈمىتى ۋەكىلىنىڭ نيۇ-يورك ئىشتاتىنىڭ باشلىقى بىلەن ئۇچرىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان. نيۇ-يورك ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا ئالاقىدار بەزى ھۆججەتلىرىنى يالغاندىن ياساپ چىققان.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ سابىق دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «مۇشۇنداق جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ توختىتالماستىن يۈز بېرىشىنى ئەمدى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى سىياسىي مۇھىت ۋە تىلغا ئېلىنىۋاتقان نۇقتىلىق مەسىلىلەرنىڭ ئۆزگىرىشى ھەققىدە بىزنى قايتا ئويلاندۇرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بەزى سىياسىيونلار ئۆز خاھىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللايدۇ، ئەلۋەتتە، ئۇلار ئەركىن پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن مەقسەتلىك ھالدا ئامېرىكا سىياسىيونلىرىنىڭ سىياسىي مەيدانىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئەركىنلىك سىستېمىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ كېتىۋاتىدۇ. ھازىر مۇھىم بولغىنى ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ خىل ئەھۋالغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈشى ۋە ئۇلارنىڭ بىلىپ-بىلمەي بېيجىڭنىڭ ئويۇنچۇقىغا ئايلىنىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش.»

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، لىندا سۇن نيۇ-يورك ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتتە 15 يىل ئىشلىگەن، 2023-يىل خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. ھالبۇكى، ئىشتات باشلىقى خوكۇل ئىشخانىسى باياناتچىسىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ھۆكۈمەت ئۇنىڭ خىزمىتىدىكى نامۇۋاپىق قىلمىشلارنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئىشتىن بوشاتقان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، لىندا سۇننىڭ قولغا ئېلىنىشى ئامېرىكانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكادىكى ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سوفىي رىچاردسون ئىلشات ھەسەننىڭ سۆزىگە قوشۇمچە قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نىشانى ۋە شى جىنپىڭنىڭ ئارزۇسى ھەققىدە چۈشەنچە يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس. بۈگۈنكى كۈندە ھەر دەرىجىلىك سىياسىيونلارنىڭ ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ، لېكىن خىتاي ئەلچىخانىسى قوللىغان پائالىيەتلەرگە قاتناشقاندا دىققەت قىلىش كېرەك.»

ئىلشات ھەسەن ئاخىرىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئەتراپىدىكى جاسۇسلاردىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

لىندا سۇن ۋە يولدىشى كىرىس خۇ سوتتا ئۆزلىرىنىڭ «گۇناھسىز» ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرغان. ئامېرىكادىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ليۇ پېڭيۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆزىنىڭ بۇ دېلونىڭ كونكرېت تەپسىلاتلىرىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتقان.

لىندا سۇن 1 مىليون 500 مىڭ دوللار، يولدىشى كرىس خۇ 500 مىڭ دوللار بىلەن كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن. ئۇلار 9-ئاينىڭ 25-كۈنى قايتا سوتلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.