غەرب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ قانۇنسىز ساقچىخانىلىرىنى جىددىي تەكشۈرۈشكە باشلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2022.10.31
گېرمانىيەنىڭ خىتاينى تەرەققىيات مەبلىغى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى بارغانسېرى كۈچلۈك قارشىلىققا دۇچ كەلمەكتە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ بېيجىڭدىكى زىيارىتىدىن ئىلگىرى تيەنئەنمېن مەيدانىدا لەپىلدەپ تۇرغان گېرمانىيە ۋە خىتاي دۆلەت بايرىقى. 2018-يىلى 23-ماي، بېيجىڭ.
REUTERS

28-ئۆكتەبىر گوللاندىيە دائىرىلىرى ئامىستېردام ۋە روتتېردامدا قۇرۇلغان خىتاينىڭ ئىككى ساقچىخانىسىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، گېرمانىيە، ئىرېلاندىيە، شىۋېتسىيە ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىمۇ ئۆز دۆلەتلىرىدىكى خىتاي ساقچىخانىلىرىنى جىددىي تەكشۈرۈشكە باشلىغان. خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەردە قانۇنسىز ساقچىخانا تەسىس قىلىشى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ غەزەپلىرىنى قوزغىغان. بۇ، «ئىگىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۈز قىلىش» دەپمۇ ئاتالغان.

«جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» نىڭ 28-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «دائىرىلەر خىتاينىڭ ھېسسېندىكى ساقچىخانىسىنىڭ پاكىتلىرىنى تەكشۈرمەكتە» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردە 30 قانۇنسىز ساقچى پونكىتى قۇرغان. بۇنىڭ بىرىنىڭ گېرمانىيەنىڭ ھېسسېن ئۆلكىسىگە قاراشلىق فرانكفۇرت شەھىرىدە ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. فېدېراتسىيە ئاساسىي قانۇننى قوغداش ئىدارىسى «مۇھاپىزەتچىلەر» نىڭ دوكلاتىنى كۆرگەندىن كېيىن، جىددىي تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىغان.

مەركىزى ئىسپانىيەدە بولغان «مۇھاپىزەتچىلەر» ناملىق ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات 9-ئايدا خىتاينىڭ چەتئەللەردە 50 دىن ئارتۇق ساقچىخانا قۇرغانلىقىنى، بۇ ساقچىخانىلارنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ چەتئەللەردىكى خىتايغا قارشى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى ۋە ئۆكتىچىلەرنى تەكشۈرۈش، ئۇلار توغرىسىدا مەلۇمات توپلاش، ئۇلارغا تەھدىت سېلىش ۋە ئۇلارنى باستۇرۇشنى ئاساسىي نىشان قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ياۋروپا ئەللىرىدىكى بۇ خىل قانۇنسىز ساقچىخانىلارنىڭ سانى 30 دىن ئاشىدىكەن. بىراق خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ دوكلاتقا ئېتىراز بىلدۈرۈپ، مەزكۇر ساقچىخانىلارنىڭ چەتئەلدىكى خىتاي مۇھاجىرلىرىغا ياردەم بېرىش ئورنى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى قىلىش مېخانىزمى يوقلىغىنى تەكىتلىگەن.

«دائىرىلەر خىتاينىڭ ھېسسېندىكى ساقچىخانىسىنىڭ پاكىتلىرىنى تەكشۈرمەكتە» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ياۋروپا دۆلەتلىرى خىتاينىڭ بۇ خىل قانۇنسىز ساقچىخانىلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئاللىقاچان ھەرىكەتكە ئۆتكەن. ئىرېلاندىيە دائىرىلىرى پايتەخت دۇبلىندىكى خىتاي ساقچىخانىسىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇنى دەرھال تاقاش بۇيرۇقى بەرگەن. خىتاي يەنە كانادانىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى بولغان تورونتو شەھىرىدىمۇ 3 ساقچىخانا قۇرغان بولۇپ، كانادا فېدېراتسىيە ساقچىلىرىمۇ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىغان.

گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «ئەينەك» ژۇرنىلىنىڭ 28-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «خەلقئارا كېلىشىملەرگە قارشى ھەرىكەت» ناملىق ماقالىسىدە بايان قىلىشىچە، گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرى بۇ ئىشتىن قاتتىق غەزەپلەنگەن. گېرمانىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى يۈرگېن ھاردت بۇ ھەقتە توختالغاندا «خىتاينىڭ بۇ قانۇنسىز ساقچىخانىلىرى خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپ. كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغىنى، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ ھاكىم مۇتلەقلىقىنى ھېچ ئىككىلەنمەي گېرمانىيەدىكى پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى باستۇرۇشقا قەدەر كېڭەيتىۋاتىدۇ» دېگەن. گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرىمۇ بۇ ئىش تۈپەيلى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشكە باشلىغان. ئۇلار بۇنى «ئىگىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرز قىلىش» دەرىجىسىگە ئېلىپ بارغان.

خىتاينىڭ شىۋېتسىيەدىكى ساقچىخانىسى پايتەخت سىتوكھولم شەھىرىنىڭ غەربىدىكى بىر خىتاي مېھمانخانىسىغا ئورۇنلاشقان بولۇپ، شىۋېتسىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىمۇ تەكشۈرۈشنى داۋام قىلماقتىكەن.

خىتاينىڭ چەتئەللەردە تەسىس قىلغان ساقچىخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن نېمە ئالاقىسى بار؟ چەتئەللەردىكى خىتاي ساقچىخانىلىرىنىڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئۈچۈن زور تەھدىت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2017-يىلىدىن باشلاپ مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇشتا دەل مىسىردىكى خىتاي ساقچىخانىلىرى ئالاھىدە رول ئوينىغانىكەن.

د ئۇ ق نىڭ بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، چەتئەللەردىكى خىتاي ساقچىخانىلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ئۈچۈن، د ئۇ ق غا ئوخشاش خىتاينىڭ كۆزىگە مىغ بولۇپ قادىلىۋاتقان تەشكىلاتلار ۋە ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرى ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت ھېسابلىنىدىكەن. ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىمۇ بۇ خۇسۇستا ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.

گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «بازار ئۇچۇرلىرى» گېزىتىنىڭ 30-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى ئوۋلاش-خىتاينىڭ ياۋروپادىكى قانۇنسىز ساقچىخانىلىرى گېرمانىيە سىياسەتچىلىرىنى تەۋرەتتى» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇنداق قانۇنسىز ساقچىخانىلىرى يەنە فىرانسىيە پايتەختى پارىژ، ئىسپانىيە پايتەختى مادرىد، ئاۋسترىيە پايتەختى ۋېنا قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ پايتەختىدىمۇ قۇرۇلغانىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.