ئەكرەم ئاچىقەل: «شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ كۆز يېشى تېمىغان خىتاي مېلىنى سېتىۋالماڭلار!»
2023.01.05

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقى سىياسىتىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇشى بىلەن تونۇلغان «ت گ ر ت» تېلېۋىزىيەسى دىكتورى ئەكرەم ئاچىقەل ئەپەندى 2023-يىلى يەنە بىر قېتىم تۈرك خەلقىنى خىتايدا ئىشلەپ چىقىرىلغان ماللارنى سېتىۋالماسلىققا چاقىرىپ: «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى ھەقسىز ئىشقا سېلىپ، ئىشلەپ چىقىرىۋاتقان ئۈستىگە كۆز يېشى تېمىغان ماللارنى ئالماڭلار «دېدى.
ئۇ، تېلېۋىزىيەدە خەۋەر ئوقۇشتىن بۇرۇن مۇنۇلارنى دېدى: «مەن بەك قورققان بىر نەرسە بار. ئۇ بولسىمۇ، خىتايدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆز يېشى تېمىپ ئىشلەپ چىقىرىلغان تەنتەربىيە ئايىغى، كىيىم-كېچەك قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ كۈلۈپ تۇرۇپ ئىشلىتىشىڭلار. نېمە دېگەن ئېچىنىشلىق، چۈنكى ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسپاتلاندى. مېنىڭ قېرىنداشلىرىم كۆز يېشىنى تۆكۈپ تۇرۇپ ئىشلەپ چىقارغان بۇيۇملارنى بىز كۈلۈپ تۇرۇپ ئىشلىتىمىز».
دىكتور ئەكرەم ئاچىقەل ئەپەندى تۈرك خەلقىنى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىگە ئىنسانىي جەھەتتىن قارىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قېرىنداشلىق جەھەتتىن ئەمەس، ئىنسانىي ئەخلاقىي جەھەتتىن قارايمىز. لوندوندىكى مۇستەقىل ‹ئۇيغۇر سوتى› كۆپ ساندا لاگېر شاھىتىنىڭ گۇۋاھلىقىنى، ئىسپاتلىرىنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ چىقىپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقىغا قارار بەردى».
ئۇ، «بەزى كىشىلەرنىڭ بىر گۇرۇپپا ئادەم قۇرغان بۇ سوتنىڭ نېمە رولى بار؟ خىتاينى نېمە قىلالايدۇ؟ دېيىشى مۇمكىنلىكىنى، بىراق، بۇنىڭ خەلقئارادا بىر ئىسپات، بىر دەلىل بولالايدىغانلىقى» نى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «سېربىيەنىڭ بوسنىيەلىكلەرگە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقى ھەققىدىمۇ مۇشۇنداق بىر قارار چىققانىدى. بۇ قارارنىڭ ئەھمىيىتى بۇ دۇنيادا بۇ ھەقتە بىر ئىسپات بولالايدۇ. بۇ ھەقتە دۇنيانى قايىل قىلىدىغان بىر قارار مۇھىمدۇر. بۇ، بەزىلەر ئويلىغاندەك پايدىسى يوق بىر قارار ئەمەس. بەزىلەر ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە خىتايغا قارشى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كوزىر قىلىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ئۇنى مەن ئېنىق بىلمەيمەن. بىز نېمە ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرۇۋالىمىز؟»
ئەكرەم ئاچىقەل ئەپەندى سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپ چىقارغان ماللىرىنى ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى. يەنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپ چىقارغان ماللىرىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى چەكلىدى. مەن تۈرك خەلقىنى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرى مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپ چىقارغان ماللارنى، يەنى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قان يېشى تۆكۈلگەن ماللارنى ئالماسلىققا چاقىرىمەن»
«ت گ ر ت» ئاخبارات شىركىتىنىڭ رادىيو، تېلېۋىزىيە ۋە گېزىتى بار بولۇپ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە ئورۇن بېرىپ كەلمەكتە. شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى تونۇلغان دىكتور ئەكرەم ئاچىقەل ئەپەندىنىڭ 2-3 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئىزچىل ھالدا ھەر خەۋەر پروگراممىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى تېلېۋىزىيە دىكتورى ئەكرەم ئاچىقەل ئەپەندىنىڭ تۈرك خەلقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆز يېشى بىلەن نەملەنگەن ماللارنى ئالماسلىققا چاقىرىشىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە تەسىرى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
تونۇلغان دىكتور ئەكرەم ئاچىقەل ئەپەندى ھازىرغىچە جازا لاگېرلىرى، لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بايانلىرى ۋە نۆل كوۋىدنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرۈشكە ئوخشاش مۇھىم تېمىلارنى داۋاملىق ھالدا پروگرامما قىلىپ كەلمەكتە. ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالدى.
رەسمىي ستاتىستىكىلارغا قارىغاندا تۈركىيە دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ تېلېۋىزىيە كۆرلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ قاتارىدا ئىكەن. خەلقئارا تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھئوغۇزخان ئەپەندى ئەكرەم ئاچىقەل ئەپەندىنىڭ ھەر دائىم خەۋەر ئوقۇغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ كۈن تەرتىپىدىكى مەسىلىلەرنىمۇ ئاڭلىتىشىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.