بېرمىڭخام مۇھاكىمىسى: «خىتاينىڭ خەلقئارا ئاخباراتلاردىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىستراتېگىيەلىرى»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.11.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
bermingxam-muhakime-alperman-1 خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە CGTN تور قاناللىرىنىڭ 2018-2020-يىللىرى ئارىلىقىدا يۇتۇبتا ئېلان قىلغان ئۇيغۇر دىيارىغا مۇناسىۋەتلىك سىنلار ئىستاتىستىكىسى. پروفېسسور بيورن ئالپېرماننىڭ دوكلاتىدىن كۆرۈنۈش، 2022-يىلى نويابىر.
RFA

ئۆتكەن ئون نەچچە يىل مابەينىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەڭ زور دىققىتىنى قوزغىغان ھادىسىلەرنىڭ بىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غايەت زور مالىيە كۈچى ۋە ئادەم كۈچى سەرپ قىلىش بەدىلىگە خەلقئاراغا ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش ھەركىتى بولغانلىقى مەلۇم. «فوربېس» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە،  2009-يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ «خەلقئارا ئوبرازىنى ياخشىلاش» ئۈچۈن خەلقئارا ئاخبارات ساھەسىگە يەتتە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك مەبلەغ سالغان. بۇ ساھەدە خىتاي ھۆكۈمىتى غەرب دۇنياسىدىكى دېموكراتىك كۈچلەرنىڭ ئاخبارات ئارقىلىق سەلبىي ھادىسىلەرنى ۋە كىرىزىسلارنى پاش قىلىشىنىڭ ئەكسىچە ئۆزلىرىنىڭ  زۇلۇم، باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنى ئاخبارات ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق پەردازلاپ كەلمەكتە. يېقىندا ئەنگلىيەدىكى بېرمىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ھەقتىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىل «مەنىۋىي كېڭەيمىچىلىك» قىلمىشى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىندى.

گېرمانىيەدىكى ۋۇرتسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى (University of Wurzburg) نىڭ پروفېسسورى بيورن ئالپېرمان (Bjorn Alpermann) بۇ قېتىمقى مۇھاكىمىنىڭ ئەزىز مېھمىنى سۈپىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى پائالىيەت مېخانىزىمىنى تەھلىل قىلىپ چىقتى. پروفېسسور ئالپېرماننىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل «خەلقئاراغا تەسىر كۆرسىتىش» پائالىيەت مېخانىزىمى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن باشلانغان. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلىرى تاشقىي دۇنياغا كۆپلەپ مەلۇم بولۇشقا باشلىغان ۋاقىتلاردىلا ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى پائالىيەتلىرىمۇ جانلىنىشقا باشلىغان. بۇنىڭدا شى جىنپىڭنىڭ «خەلقئارادا بىزنىڭ سۆز قىلىش ئىمتىيازىمىز بولماسلىقتەك ۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىش لازىم» دېگەن يوليورۇقى بويىچە، 2014-يىلىدىن باشلاپ «خىتاي ھەققىدىكى بايانلارنى قاملاشتۇرۇپ سۆزلەش» شامىلى كۆتۈرۈلگەن. بۇنىڭدا خىتاينى «جەزمەن شەرق دۇنياسىدىكى جەلپكار ھۆكۈمەتكە ۋە گۈللەنگەن ئىقتىسادقا ئىگە بولغان، شۇنىڭدەك ئۇزۇن تارىخقا، مىللەتلەر ئىتتىپاق ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەتلەر مۇجەسسەملەشكەن مەدەنىيەتلىك بىر مەملىكەت سۈپىتىدە تەسۋىرلەش» باش نىشان قىلىنغان.

ئەنە شۇ تەرىقىدە 2016-يىلىدىن باشلاپ خىتاينىڭ تېلېۋىزىيە تور سىستېمىسى بۇ نىشان بويىچە ئىش باشلىغان. بۇنىڭدا ئۇلار نۇقتىلىق قىلىپ «غەرب دۇنياسىنىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى تۆھمەتلىرىگە قايتۇرما زەربە بېرىش، تېلېۋىزىيەگە تېلېۋىزىيەچە، رادىيوغا رادىيوچە رەددىيە بېرىش» ئۇسۇلىنى قوللانغان. شۇ قاتاردا «يۇتۇب» (YouTube)  قانىلىدا ئۇيغۇر دىيارىغا بېغىشلانغان مەخسۇس ئېنگلىزچە پروگراممىلارنى «تۆكمە» قىلىش، ئەنە شۇنداق ئوتتۇرىغا چىققان. بۇنىڭدىكى يۇقۇرى پەللە 2018-يىلى ياۋاردىن 2020-يىلى دېكابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا يارىتىلغان. ئۇ بۇ جەھەتتە 570 ۋىدىيونى ئىستاتىستىكا قىلىپ چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 75 سائەتتىن ئاشقان. يەنە كېلىپ بۇ قىسقا فىلىملەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھاياتنىڭ قانچىلىك «ئارامبەخش، بەختىيار ۋە ئىناق» ئىكەنلىكى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن بايان قىلىنغان.

«تەرەققىياتلار» نى نامايەن قىلىش، پروفېسسور بيورن ئالپېرماننىڭ دوكلاتىدىن كۆرۈنۈش، 2022-يىلى نويابىر.
«تەرەققىياتلار» نى نامايەن قىلىش، پروفېسسور بيورن ئالپېرماننىڭ دوكلاتىدىن كۆرۈنۈش، 2022-يىلى نويابىر.
RFA

 پروفېسسور ئالپېرمان ئالاھىدە دىققەت قىلغان بىر نۇقتا بۇ ۋىدىيولارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۈچ مىنۇتتىن قىسقا قىلىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭدا «قانچە قىسقا بولسا شۇنچە تەسىرلىك بولىدۇ» دېگەن پىرىنسىپ بويىچە لايىھىلەنگەن ھەمدە خەلقئارادىكى «مېڭە يۇيۇش»تا تېخىمۇ زور ئۈنۈم قازىنىشنى كۆزلىگەن. شۇنداقلا ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇنبەرلىرىگە كۆپلەپ چاپلانغان. يەنە كېلىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇملارنىڭ ئەۋجىگە چىقىشى بىلەن بۇ خىلدىكى «مېڭە يۇيۇش»نى نىشان قىلغان ۋىدىيولارنىڭ خەلقئارا ئاخبارات-ئۇچۇر ساھەسىنى قاپلىشى ئوڭ تاناسىپتا ئېشىپ ماڭغان. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارنى ئىنكار قىلىش مەۋقەسى ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىشقا ئۆزگەرگەندىن كېيىن، بۇ ھال تېخىمۇ شۇنداق بولغان. بۇ خىل «تەسىر كۆرسىتىش» مەقسىدىدىكى «ئاخبارات ئۇرۇشى»نىڭ ئىككى قېتىملىق يۇقۇرى پەللىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان ۋە ئۇلارنى ئىجرا قىلغان ۋاقىتقا توغرا كەلگەن. ئۇنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغان بۇ ۋىدىيولارنىڭ 35 پىرسەنتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەرەققىياتقا، 18 پىرسەنتى شى جىنپىڭ ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ «ئىجابىي نەتىجىلىرى»گە، 15 پىرسەنتى «دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ئاخبارات ھۇجۇملىرىغا رەددىيە بېرىش»كە، 14 پىرسەنتى «شىنجاڭ دېگەن شۇ قەدەر گۈزەل» دېگەندەك تەبىئەت تەسۋىرلىرىگە، يەتتە پىرسەنتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى «تېرورلۇق قىلمىشلىرى» غا ئاتالغان. بولۇپمۇ ھۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنىڭ قانداق «گۈللەپ-ياشنىغانلىقى»، نامراتلىقنىڭ قايسى دەرىجىدە تۈگىتىلگەنلىكى، شەخسلەرنىڭ «تەربىيەلەش ئارقىلىق كۆزى ئېچىلىپ» قانداق «باي بولۇپ كەتكەنلىكى» مۇھىم نۇقتا قىلىنغان.

پروفېسسور ئالپېرماننىڭ تەكشۈرىشىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەدەنىيەت ۋە تارىخ ساھەسىگە مەنسۇپ «تەرەققىياتلار»نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى پەردازلاشقىمۇ ئالاھىدە كۈچ چىقارغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشلەپ تارقاتقان بۇ قىسقا ۋىدىيولاردا ھازىرقى زامان شەھەر ھاياتىدىكى «توقچىلىق»، كۆپ خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ ئورتاق مەۋجۇت بولۇشى، ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان «يەرلىك كىملىك» قارىشىنى ئىنكار قىلىش، «ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى» بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋى ناخشا-ئۇسسۇللاردىن قانداق بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ مەشرەپ ۋە مۇقاملىرىنىڭ قانداق قوغدىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ گۈزەللىكى دېگەنلەرنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ، «شىنجاڭدا ھازىر پاراۋانلىق ۋە گۈللىنىش دەۋر سۈرمەكتە» دېگەن مەركىزىي ئۇچۇرنى كۆپلەپ يوللىغان. ئەمما ئۇ ئالاھىدە دىققەت قىلغان بىر نۇقتا، بۇ ۋىدىيولار توپلىمىدا ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلام دىنىغا دائىر مەزمۇنلار زادىلا ئورۇن ئالمىغان. يەنە كېلىپ «پەردە ئارقىسىدىكى قارا قوللار»، «تەڭرىتاغ ھېلىمۇ قەد كۆتۈرمەكتە»، «شىنجاڭدىكى تېرورلۇققا قارشى كۈرەش» دېگەندەك تېرورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا دائىر فىلىملەر تولىمۇ تەپسىلىي ۋە ئۇزۇن ئىشلەنگەن ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىدا «تېرورلۇق ھەركەتلىرى بەك يامراپ كەتكەنلىكتىن، بىزنىڭ بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىشتىن باشقا ئىلاجىمىز قالمىدى» دېگەن ئىدىيە تەشۋىق قىلىنغان. خىتايدا ئېنگلىزچە تېلېۋىزىيە مۇھاكىمىسىنى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى ھېچقانچە بولمىسىمۇ، ئۇلار ئالايىتەن ئېنگلىز تىللىق خىتاي «مۇتەخەسسىسلەر»نى تەكلىپ قىلىپ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى تېرورلۇق، «تەرەققىيات» ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «غەمخورلۇقى» ھەققىدە كەڭ-كۇشادە مۇھاكىمە پائالىيىتى تەشكىللىگەن ھەمدە بۇنى چەت ئەللەردە كۆپلەپ تارقاتقان.

پروفېسسور ئالپېرماننىڭ تەكشۈرىشىچە، 2021-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ساھەدىكى پائالىيەتلىرى نۇقتىلىق قىلىپ «قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىش»قا مەركەزلەشكەن. شۇنىڭدەك بۇ ساھەگە ئاجراتقان مالىيە كۈچى ۋە ئادەم كۈچىمۇ ھەسسىلەپ ئاشقان. جۈملىدىن «تېرورلۇق» ھەققىدە يېڭىدىن ئىشلەنگەن «سايىدىكى ئۇرۇش» سەرلەۋھىلىك ئۇزۇن فىلىم بۇ جەھەتتىكى چوڭ ھەجىملىك ۋىدىيولارنىڭ تۆتىنچىسى قاتارىدا ئوتتۇرىغا چىققان. شۇ قاتاردا ئوتتۇرىغا چىققان «ئۇيغۇر تەنھەركەتچىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىگە ئوت يېقىشى» بۇنىڭدىكى بىر تىپىك مىسال بولۇپ قالغان. «ليۇ شىننىڭ شىنجاڭ سەپىرى» نامىدىكى چاتما تېلېۋىزىيە فىلىمىدە خىتاي تېلېۋىزىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ «كۆزى» ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمىيىتى «ئىجابىي» شەكىلدە تەسۋىرلىنىشكە باشلىغان. چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىشتا قاتمۇ-قات چەكلىمىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقاندا، ناھايىتى ئەركىن ھالدا ساياھەتكە ئاتلانغان «ئەجنەبىي تور تۇرا ساھىبلىرىنى ئۆتنىگە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايىلارنى ئاڭلىتىش» دولقۇنىمۇ مۇشۇ مەزگىلدە بارلىققا كەلگەن.

«چەتئەللىكنىڭ ئاغزىدىن» سۆزلەش، پروفېسسور بيورن ئالپېرماننىڭ دوكلاتىدىن كۆرۈنۈش، 2022-يىلى نويابىر.
«چەتئەللىكنىڭ ئاغزىدىن» سۆزلەش، پروفېسسور بيورن ئالپېرماننىڭ دوكلاتىدىن كۆرۈنۈش، 2022-يىلى نويابىر.
RFA

پروفېسسور ئالپېرماننىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياغا خوجا بولۇش نىيىتى بارغانسېرى ئاشكارا تۈس ئېلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، ئۇلارنىڭ بۇ خىلدىكى «ئاخبارات ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىش» ھەركىتى تېخىمۇ يۇقۇرى پەللىگە چىقىشقا باشلىغان. ئەمما ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل «مېڭە يۇيۇش» ھەركىتى ئامېرىكا ۋە باشقا غەرپ ئەللىرىدە ھېچقانداق ئۇتۇق قازىنالمىغان. ئەمما تەرەققى قىلمىغان ئۈچىنچى دۇنيا رايونىدا بۇ ئۇرۇنۇشلار بەلگىلىك ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈرگەن. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ساھەدىكى تۈرلۈك ئۇرۇنۇشلىرى ھېلىھەم ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.        

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.