22-ئۆكتەبىر كۈنى گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «دۇنيا» گېزىتى «خىتاينىڭ كورونا كرىزىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى «ناملىق زور ھەجىملىك بىر ئوبزور ئېلان قىلدى.
ئوبزور «بەزى كۆزەتكۈچىلەر ئىقتىسادتا يۈكسىلىشىگە، كورۇنا يۇقۇمىنى تىزگىنلىشىگە قاراپ، خىتاينى دۇنيادىكى كورونا كرىزىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان دۆلەت، دەپ ئاتاشماقتا. دەل مۇشۇ جەرياندا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە دۇنيانىڭ زور دەرىجىدە ئىشەنچىدىن ئايرىلدى، ھەتتا ئۆزىگە ساداقەتمەن بولغان پۇقرالىرىنىڭ غەزەپلىرىگە دۇچ كەلدى» دېگەن جۈملە بىلەن باشلانغان.
ئوبزوردا تىلغا ئېلىنىشىچە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا خىتايدىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسىنىڭ 2-قېتىملىق يۇقىرى دولقۇنىغا دۇچ كېلىۋاتقان، ئىقتىسادىي زەربە ئېغىرلىشىۋاتقان، ۋىرۇسنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتىنى تىز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈۋاتقان گېرمانىيە ئىقتىسادىنىڭ يەنە 5 پىرسەنت ئارقىغا چېكىنىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان بىر چاغدا خىتاينىڭ دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسى نۆۋەتتە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ 5 پىرسەنتلىك سۈرئەتتە يۈكسىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ سان غەربلىكلەرنى ھەيران قالدۇرغان.
ئوبزوردا مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: «بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇ سانلىق مەلۇماتقا ئىشەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى. بۇ پەقەتلا بىرخىل تەبىر. خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىتا دۇنيادا ئەزەلدىن شۈبھە مەۋجۇت. خىتاينىڭ ئۆزىدىمۇ مۇشۇنداق. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل شۈبھىلەر دۇنياغا تېخىمۇ مۇھىم ئۇچۇرلارنى تارقىتىدۇ».
ئوبزوردا يەنە مۇنۇلار تىلغا ئېلىنىدۇ: «خىتاينى كورونا كرىزىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى، دېگۈچىلەر، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتلىرى ئۈچۈن سوۋغا ھەدىيە قىلغۇچىلاردۇر. خىتاي مۇستەبىتلىرى دەل دېموكراتىك تۈزۈلمىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كورۇنا كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇشتا مۇستەبىت تۈزۈلمىدىكى خىتايغا يەتمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشنى ئارزۇ قىلىشماقتا. ئەمما خىتاينىڭ بۇ غەلىبىسىنىڭ بەدىلى ناھايىتى ئېغىر بولدى».
ئوبزورنىڭ «ئىقتىسادتا يۈكسەلدى، سىياسەتتە مەغلۇپ بولدى» ناملىق بۆلىكىدە مۇنۇلار بايان قىلىنىدۇ: «خىتاي 2020-يىلى ئاپەت خاراكتېرلىك بىر يىلنى باشتىن كۆچۈردى. مۇبالىغىسىز بايان قىلغاندا، 2020-يىلى خىتاي بىلەن غەربنىڭ ئارىلىقى ماھىيەت جەھەتتىن غايەت زور دەرىجىدە يىراقلاشقان يېڭى بىر تارىخ يارىتىلدى. ئامېرىكا بىلەن ئارىسى بۇزۇلدى، ياۋروپا بىلەن بولغان زىددىيىتى زور دەرىجىدە كۈچەيدى. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە كورۇنانىڭ تارقىلىشىنى يوشۇرۇشى، دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرىنى ئالغان قىلمىشلىرى، شىن جياڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى، خوڭكوڭدىكى قانۇن ئادالەتسىزلىكى، تەيۋەنگە قارىتا تاجاۋۇزچىلىق خاھىشى، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى دۇنيانىڭ نەزىرىنى خىتايغا قارشى كۈچلۈك بىر توقۇنۇشقا مەركەزلەشتۈردى. ئالدىنقى يىلىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ پاجىئەلەر توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار دۇنيانى قاپلىدى. ئاممىۋى كۆزقاراش بىلەن ئېيتقاندا، بۇ بېيجىڭ ئۈچۈن ئېغىر ئاپەتتۇر».
خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ئىشەنچىدىن مەھرۇم بولۇشىغا ئۇنىڭ ساختىكارلىقى، ئالدامچىلىقىنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان د ئۇ ق رەئىس ۋەكىلى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدېن ئەپەندى، بولۇپمۇ غەربنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قانداق بىر دۆلەت بولغانلىقىنى جازا لاگېرلىرى سىياسىتى ۋە كورونا ۋاباسىدىن كېيىن تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ چۈشىنىشكە باشلىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئوبزوردا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى يۇقىرىقى جىنايەتلىرى سەۋەبلىك ئامېرىكانىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جازاسىغا دۇچ كېلىپلا قالماي، ئۇنىڭ بېلگىيە بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىمۇ مەغلۇپ بولغان. گېرمانىيە تۇنجى قېتىم پەقەتلا سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلى خىتاي بىلەن بولغان كۆپلىگەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. بۇنىڭغا ئەنگلىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ 5گ تور ئېقىمىنى رەت قىلىشى ۋە خۇئاۋېينى چەكلىشى، كانادا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتايدىن بارغانسېرى يىراقلىشىشىنى قوشقاندا 2020-يىلى خىتاي غەربنىڭ ئىشەنچىدىن ئايرىلغان بىر يىل بولغان.
گېرمانىيەنىڭ ستۇتگارت شەھىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇشۈكۈر ھاجىممۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئوبزور مۇنداق جۈملىلەر بىلەن ئاخىرلىشىدۇ: «بۈگۈن خىتاي كورونا كرىزىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، بىراق دەسلەپتە ئۇنىڭ تارقىلىشىنى يوشۇرۇشى سەۋەبلىك نۇرغۇنلىغان ئىنساننىڭ جېنىغا زامىن بولدى، كارخانىلار ۋەيران بولدى، ئائىلىلەر بۇزغۇنچىلىقلارغا ئۇچرىدى. كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ غەلىبە داستانىدا بۇ تراگېدىيەلەرگە ئورۇن بېرىلمىگەن. خىتاي ھاكىمىيىتى يۈكسەك قامال ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغان بۇ كرىزىس غەلىبىسىگە كېلەچەكتە پارتلايدىغان نۇرغۇنلىغان قارشىلىقنىڭ ئېلېمېنتلىرى يوشۇرۇنغان. كورونا كرىزىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغۇچى خىتايغا بۇ ئىبارىلەر ئۇيغۇن كېلىدۇ: كرىزىسنىڭ خاتىمىسى، ئۇنىڭ باشلىنىشىدۇر».