خىتاي مىللەتچىلىكى دۇنيا سەھنىسىدە قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرماقتا ئىكەن

خىتاي كومپارتىيەسى تەشەببۇس قىلىۋاتقان خىتاي مىللەتچىلىكى خىتاي ئىچىدە ئاققان بىلەن دۇنيا سەھنىسىدە قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرماقتا ئىكەن.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىللەتچىلىك خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆزىنى قانۇنلۇق ھاكىمىيەت قىلىپ كۆرسىتىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ نېگىزلىك قىسمى بولسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭدىن خىتاينىڭ دۇنياۋى ئوبرازىغا زەخمەت يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان گوللاندىيەدىكى «لەيدىن ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى» نىڭ دىرېكتورى فلورىيان شنايدېر، ئەگەر دۇنيادا خىتايغا قارشى ھېسسىيات كۈچەيسە بۇنىڭ خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ پىلانى» نى رېلىستىن چىقىرىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەيلى ۋىيېتنام ياكى قازاقىستان بولسۇن ئەگەر خىتاينىڭ كومپيۇتېر كۇنۇپكا تاختىسى جەڭچىلىرى ئۇ دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىنىڭ چىشىغا تېگىۋېرىدىغان بولسا، ئۇ ھۆكۈمەتلەر خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئاقلاشتا قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ.»

خەۋەرگە قارىغاندا، خىتايدىكى 854 مىليون ئابۇنتى بار «ئۈندىدار»، «QQ» ۋە «ۋيبو» قاتارلىق ئىجتىمائىي مېدىيا مۇنبەرلىرى «خىتاي مەركەزچىلىكى» ئىدىيەلىرى كەڭ بازار تاپىدىغان ئورۇنلار ئىكەن.

بۇلار ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى دەپ مىللەتچىلىك تۈسىدىكى ساختا خەۋەرلەرنىمۇ كوپ تارقىتىدىكەن.

بۇ ھەقتە توختالغان چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سابىق پروفېسسورى ۋۇ چياڭ ئىجتىمائىي مېدىيادا تارقىلىۋاتقان «خىتاي مەركەزچىلىكى» ئۇچۇرلىرىنىڭ كونا زامانلاردىكى «خىتاي دۇنيانىڭ مەركىزى» دەيدىغان ئۇقۇملارنى ئەسلىتىدىغانلىقى، ئەمما بۇنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئەنسىرىتىدىغان ۋە بىئارام قىلىدىغان ئامىل ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كورونا ۋىرۇسى ۋەھىمىسى دۇنيانى قاپلىغان مەزگىلدە ئىرقىي كەمسىتىش خاھىشلىرى خىتايدا تېخىمۇ قاتتىق ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان ئىدى.