نورۋېگىيە دۆلەت رەھبەرلىرى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتناشمايدىكەن
2022.01.28

نورۋېگىيەدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، «نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» ۋە «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ خىزمەتچى خادىملىرىدىن بەختىيار ئۆمەر، مۇئەتتەر ئەلقۇت ۋە ئادىلجان ئۇيغۇر قاتارلىقلار 27-يانۋار كۈنى نورۋېگىيە لىبېراللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى ۋەكىلى ئولا ئەلۋېستۇيېن بىلەن كۆرۈشۈپ، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» مەسىلىسى ھەم 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دېپلوماتىك بايقۇت قىلىش مەسىلىسى توغرىلىق سۆھبەتلەشكەن. سۆھبەت نەتىجىسىدىن نورۋېگىيە پادىشاھى ۋە دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتناشمايدىغانلىقى مەلۇم بولغان.
«نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» نىڭ رەئىسى، «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، نورۋېگىيەدە خىتاينىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا قارشى تۇرۇش ھەم 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دېپلوماتىك بايقۇت قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرغىلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، ئەمما نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن ئىمزالىغان «نورماللاشتۇرۇش كېلىشىمى» نىڭ تەسىرىدە بۇ پائالىيەتلەردىن دېيەرلىك نەتىجە قازىنالماي كەلگەن ئىكەن. بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى سۆزىدە 27-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن نورۋېگىيە لىبېراللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى ۋەكىلى ئولا ئەلۋېستۇيېن بىلەن بولغان سۆھبەتتىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەر پارلامېنت بىناسى ئالدىدا 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى بىرلىكتە نامايىش ئۆتكۈزگەن.
«نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» نىڭ خىزمەتچى خادىمى ئادىلجان ئۇيغۇر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، پارلامېنت ئەزاسى ئولا ئەلۋېستۇيېن بىلەن بولغان سۆھبەتتە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا قارشى تۇرۇش ھەم 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دېپلوماتىك بايقۇت قىلىش مەسىلىسىنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ ئاساسىي تېمىسى بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بولسا، نورۋېگىيە پادىشاھى ۋە دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتناشمايدىغانلىقىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر خۇشخەۋەر بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.