خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋىتىدىكى داۋالغۇشلار ۋە پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار (2)

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2024.12.13
pakistan-omer-uyghur-abduqeyum خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋىتىدىكى داۋالغۇشلار ۋە پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار
Photo: RFA

يېقىندىن بۇيان خەلقئارا تاراتقۇلاردا خىتاي بىلەن پاكىستان مۇناسىۋىتىدە يۈز بېرىۋاتقان داۋالغۇشلار ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپەيمەكتە. بولۇپمۇ پاكىستاندىكى بالۇچىستان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ خىتاينىڭ شۇ جايدىكى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سالغان خىتاي شىركەتلىرىدە ئىشلەۋاتقان خىتاي ئىنژېنېرلىرى ۋە پۇقرالىرىنى نىشان قىلغان بىرقانچە قېتىملىق ھۇجۇمىدىن كېيىن، پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىپ، نەچچە مىليارد دوللارلىق ئۇل ئەسلىھە تۈرى بولغان «خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» قۇرۇلۇشى ئاستىلاپ قالغانلىقى ۋە بۇ سەۋەبتىن خىتاي پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى ھەمكارلىقنىڭ بۇزۇلۇۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.

خىتاينىڭ قوشنىسى بولغان پاكىستاندا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى چاغلاردا ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن پاكىستانغا كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار بار بولۇپ، ئۇلار پاكىستاننىڭ راۋالپىندى ۋە گىلگىت قاتارلىق ئۆلكىلىرىدە نىسبەتەن كۆپ ئولتۇراقلاشقان. ئىگىلىشىمىزچە، بۇ ئۇيغۇرلار پاكىستان پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ بولغان ۋە پاكىستاندا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئۇيغۇر كىملىكى، ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىۋاتقان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئۇلار ئەڭ دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

بۇ چاغدا مۇھەممەد تۇرسۇن 13 ياشتا بولۇپ، پامىر تاغلىرىدىن ھالقىپ، قارلىق شىۋىرغانلىق كېچىلەردە ئۆڭكۈرنى ئۆي، تاشنى ياستۇق قىلىپ، 45 كېچە كۈندۈز ئاجايىپ مۈشكۈل يوللارنى بېسىپ ئۆتۈپ، 1976-يىلى 8-ئايدا ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن

 پاكىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئۆمەر ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستان-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت 2000-يىللاردىن كېيىن كۈچەيگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال پاكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىلىرىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق پاكىستاندا ئاتالمىش «پاكىستاندىكى شىنجاڭلىق مۇھاجىرلار»، «شىنجاڭ دوستلۇق گۇرۇپپىلىرى» نى قۇرۇش ۋە بۇ گۇرۇپپىلارغا ئەزا بولغان ئۇيغۇرلارغا نەپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق، پاكىستاندا خىتايغا مايىل بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە تارتىشقا تىرىشماقتا ئىكەن.

پاكىستاننىڭ گىلگىت رايونىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر تىجارەتچى ئابدۇقەييۇمغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستانغا ھەم شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا زور تەرەققىيات ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەر ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ماختىدى.

ئۆمەر ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە ئېرىشكەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە مايىل بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار بار بولۇپ، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىشتىن باشقا «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىسى» گە ئوخشاش ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگىمۇ ئۈزلۈكسىز توسقۇنلۇق قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.

ئۆمەر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كونسۇلخانىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن پاكىستاندا قۇرۇلغان ئاتالمىش «پاكىستاندىكى شىنجاڭلىق مۇھاجىرلار» ۋە «شىنجاڭ دوستلۇق گۇرۇپپىلىرى» خىتاي ھۆكۈمىتىگە يانتاياق بولۇپ، پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى خىتاي كونسۇلخانىلىرىغا يەتكۈزۈپ تۇرۇش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.

 گىلگىتلىق ئۇيغۇر تىجارەتچى ئابدۇلقەيۇم خىتاينىڭ پاكىستان بىلەن بولغان دوستلۇقىنى ماختاپ، بۇنىڭدىن ئۆزلىرىنىڭمۇ مەنپەئەت ئېلىۋاتقانلىقىنى يوشۇرمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ 1980-يىللاردىن كېيىن ھەر يىلى دېگۈدەك ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپ-كېلىپ تىجارەت قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇ جايدىكى تەرەققىياتنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 2024-يىل ئىچىدە تىجارەت بىلەن 5 قېتىم ئۇيغۇر رايونىغا بارغىنىدا، ئۆز تۇغقانلىرىنىڭ ئىلگىرىكىدىن باي بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھاياجان ئىچىدە بايان قىلدى.

 ئۇنىڭدىن نۆۋەتتە غەرب دۆلەتلىرىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىدە قاتتىق ئەيىبلىنىۋاتقان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى»، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى» مەسىلىسىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ دەرھال «بۇلارنىڭ ھەممىسى يالغان تەشۋىقات» دېدى.

پاكىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئۆمەر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن سىياسىتى ئاقلاشتا، پاكىستاندا مۇشۇ خىلدىكى كىشىلەرگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن نەپ بېرىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ تەشۋىقات قورالىغا ئايلاندۇرماقتىكەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن قەبىھ جىنايەتلىرى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتىلگەندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستان-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنلىقىدىن پايدىلىنىپ، پاكىستاندىكى خىتايغا مايىل ئۇيغۇرلارغا، نامرات ئائىلىلەرگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش، پاكىستاندىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ چېگرادىن ئۆتۈپ سودا قىلىشىغا پۇرسەت بېرىش، پاكىستاندىكى ئاتالمىش ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىدىن ئۆمەك تەشكىللەپ ساياھەت قىلدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ «خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئۇيغۇرلار بەختلىك»، «خىتاينىڭ شىنجاڭ ياخشى سىياسىتى» تەشۋىقاتىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.