ئامېرىكا «قارا تىزىملىك» كە ئالغان خىتاي شىركەتلىرىگە قارشى سادالار كۈچەيمەكتە

0:00 / 0:00

ياۋروپادا ئامېرىكا «قارا تىزىملىك» كە ئالغان «خىكۋىزيون» ۋە «داخۇا» قاتارلىق خىتاي شىركەتلىرىگە قارشى سادالار بارغانسېرى كۈچەيمەكتە.

7-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا قارشى مۇھىم بىر جازا تەدبىرىنى يولغا قويۇپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى 28 ساقچى ئورگىنى ۋە يۇقىرى تېخنىكا شىركىتىنى «قارا تىزىملىك» كە ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر روس بۇ ھەقتە توختالغاندا: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدىكى ئېتنىك ئاز سانلىقلارنىڭ ۋەھشىيانە باستۇرۇلۇشىغا چىداپ تۇرالمايدۇ ۋە چىداپ تۇرمايدۇ،» دېگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە: «بولۇپمۇ بۇ مۇئەسسەسىلەر خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى، ئۇيغۇرلار، قازاقلار ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي تۇتۇپ تۇرۇش، يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىبلەش ھەرىكىتى قاتارلىقلاردا سادىر بولغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە خورلاشلارغا چېتىلغان،» دېگەن ئىدى. شۇندىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى د ئۇ ق بىلەن بىرلىشىپ بۇ خىتاي شىركەتلىرىگە قارشى پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتكەن.

خىتاي بىلەن تىجارىي مۇناسىۋەتلەردە بولۇۋاتقان ھەرقانداق خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلارغا ھۆرمەت قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا «قارا تىزىملىك» كە ئالغان خىتاي شىركەتلەرنىڭ ھەممىسىلا شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلىنغان جازا لاگېرلىرى ھەمدە شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقىرى نازارەت سىستېمىلىرىنىڭ روياپقا چىقىشىدا خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن زىچ ھەمكارلاشقان، بەلكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەم كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە تولۇق شېرىك بولغان شىركەتلەر ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، د ئۇ ق ياۋروپادا بۇ خىتاي شىركەتلىرىگە قارشى پائالىيەتلەرنى جانلاندۇرغاندىن سىرت، يەنە گېرمانىيەنىڭ خىتايدىكى شىركەتلىرى ئۈستىدىنمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ باقماقتا ئىكەن.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى، «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلار ئامېرىكا «قارا تىزىملىك» كە ئالغان بۇ خىتاي شىركەتلىرىگە قارشى د ئۇ ق بىلەن ھەمكارلىشىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختالغاندا خىتاينىڭ «داخۇا» شىركىتىگە نورۋېگىيە نېفىت فوندىنىڭ مەبلەغ سالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى، مەزكۇر فوندىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىلىدىغان بۇ جىنايەتتىن توسۇپ قېلىش ئۈچۈن پائال ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

د ئۇ ق رەئىسىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە د ئۇ ق خىتاي بىلەن تىجارىي مۇناسىۋەتلەردە بولۇۋاتقان، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە سەل قارىغان بەزى خەلقئارالىق شىركەتلەرگە قارىتا تېگىشلىك تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى يولغا قويىدىكەن.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان خەلقئارالىق شىركەتلەرگە قارشى پائالىيەتلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى مۇھاجىرەتتىكى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەسىلىگە سەل قاراۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلدى.

نۆۋەتتە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «قارا تىزىملىك» كە ئالغان 8 خىتاي شىركىتىگە قارشى سادالار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. ئالدىنقى ھەپتە گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدىمۇ خىتاينىڭ «خىكۋىزيون» ۋە «داخۇا» قاتارلىق شىركەتلىرىدە ئىشلەنگەن كامېرالارنى سېتىۋېلىپ، قاتناش بېكەتلىرىگە ئىشلىتىش قىلمىشىغا قارشى كۆپلەپ يازمىلار ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۇ يازمىلاردا مەزكۇر خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى بىلەن زىچ ئالاقىسى بارلىقى، كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرمەستىن ئالماسلىق تەكىتلەنگەن، خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى قاتارلىق بەزى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىمۇ بۇ خۇسۇستا نارازىلىقلارنى بايان قىلغان ئىدى.