خىتاينىڭ «گېرمانىيەگە ئۇزارغان قولىنى كېسىپ تاشلاش» تەشەببۇس قىلىنماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021-11-01
Share
خىتاينىڭ «گېرمانىيەگە ئۇزارغان قولىنى كېسىپ تاشلاش» تەشەببۇس قىلىنماقتا گېرمانىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ باش مىنىستىرى ئانيا كارلىچېك(Anja Karliczek) خانىم مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2021-يىلى 5-ماي، بېرلىن، گېرمانىيە.
AFP

گېرمانىيە مائارىپ مىنىستېرلىكى گېرمانىيە ئالىي مەكتەپلىرىنى «كوڭزى ئىنىستىتۇتى» بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرۈشكە چاقىردى.

«كوڭزى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئارقا پەردىسىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قولى بار» دېگەن قاراشلار بىلەن گېرمانىيە ئالىي مەكتەپلىرىدىكى «كوڭزى ئىنىستىتۇتى» نى تاقاش تەشەببۇسى يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلگەن كونا تېما ئىدى. بۇ تەشەببۇسنى نۆۋەتتە ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىش ئالدىدا تۇرغان يېشىللار پارتىيەسى بىلەن ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى بەكرەك كۈچەپ تەكىتلىگەن، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ قانچە قېتىملاپ نامايىشلار ئېلىپ بېرىپ، «كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرى خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ئورگىنى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقات ئاپپاراتى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ھالبۇكى، مەېركىل ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋېلىشى بىلەن بۇ ئىشنىڭ ھازىرغا قەدەر بىر نەتىجىسى چىقمىغان ئىدى. ئالدىنقى ھەپتە گېرمانىيەدە يۈز بەرگەن بىر ۋەقە، گېرمانىيەدىكى 19 «كوڭزى ئىنىستىتۇت» لىرىغا «ئەجەللىك زەربە» ئېلىپ كەلدى.

ۋەقەنىڭ قىسقىچە جەريانى مۇنداق:

گېرمانىيەلىك قەلەمكەشلەردىن ستېفان ئائۇست بىلەن ئادرىيان گايگېس مەلۇم ۋاقىت سەرپ قىلىپ، خىتاي رەئىسىنىڭ تەرجىمىھالىنى ئاساس قىلغان ھالدا «شى جىنپىڭ: دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئادەم» ناملىق بىر كىتابنى يېزىپ چىقىدۇ. بۇ كىتابنى گېرمانىيەدە ھەر يىلى ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان «فرانكفۇرت كىتاب يەرمەنكىسى» پائالىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئالدىنقى ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن كىتاب كۆرگەزمىسىدە بازارغا سالماقچى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، گېرمانىيە ئالىي مەكتەپلىرىدىن دۇيىسبۇرگ ۋە خاننوۋېر ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى «كوڭزى ئىنىستىتۇتى» بىلەن ھەمكارلىشىپ، كىتاپ ئوقۇش پائالىيىتى تەشكىللەيدۇ. ۋاقىت بېكىتىلگەن، تەكلىپلەر تارقىتىلىپ بولۇنغان، پائالىيەت باشلىنىدىغان بىر چاغدا، توساتتىن بۇ ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتتىكى «كوڭزى ئىنىستىتۇت» لىرى ھېچقانداق ئالدىن ئەسكەرتىش بەرمەيلا ھەمكارلىقتىن يۈز ئۆرۈپ، بۇ پ´ئالىيەتنى بىكار قىلىۋېتىدۇ. بۇ ئىشتىن قاتتىق نارازى بولغان ستېفان ئائۇست بىلەن ئادرىيان گايگېس سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئاخىرى بۇ «كوڭزى ئىنىستىتۇت» لىرىنىڭ «يۇقۇرىنىڭ بۇيرۇقى» بىلەن بۇ پائالىيەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، بۇ ئىشقا بېيجىڭنىڭ ئارىلاشقانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇلار يەنە شى جىنپىڭنىڭ «چېقىلىشقا بولمايدىغان، تەنقىدلەشكە بولمايدىغان شەخس» ئىكەنلىكىنى، «خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭ ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىش سالاھىيىتى يوق» ئىكەنلىكىنى ۋە «نورمال ئادەملەرنىڭ شى جىنپىڭنى تىلغا ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ» غانلىقىنىمۇ بىلىدۇ. خىتاينىڭ فرانكفۇرتتىكى كونسۇلىنىڭ بۇ ئىشقا بىۋاستە قول تىققانلىقىدىن خەۋەر تاپىدۇ. «بۇنداق ئىشلارنىڭ خىتايدا يۈز بېرىشى ئەلۋەتتە نورمال، ئەمما گېرمانىيەدە يۈز بېرىشىنى ھەرگىز قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ!» دەپ قاخشاپ كېتىدۇ ئاپتورلار.

بۇ ۋەقە ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى، يەنى 24-25-ئۆكتەبىر كۈنلىرى يۈز بەرگەن. «قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ!» نىڭ نەتىجىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ۋەقە گېرمانىيەدىكى چوڭ-كىچىك ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۈچۈن پارتلاش خاراكتېرلىق بىر خەۋەرگە ئايلاندى. قانچە يۈزلىگەن ئاخبارات قاناللىرى «خىتاينىڭ گېرمانىيەگە ئۇزارغان قولى» غا دائىر ماقالە، ئوبزورلارنى تۆكمە قىلىۋەتتى. «بۇ قولنى كېسىپ تاشلاش» ئاساسلىق پىكىر ئېقىمى ئىدى. كىشىلەر مەتبۇئاتتىكى مەلۇماتلاردىن «مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئورگىنى» دەپ ئاتالغان «كوڭزى ئىنىستىتۇت» لىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن «خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ غەربتىكى قارا قولى» دەپ ئاتىلىدىغانلىقى، نېمە ئۈچۈن «كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرى» دا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەرگە دائىر نازۇك تېمىلاردا سۆزلىشىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى، نېمە ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇققا دائىر مەزمۇنلاردا مۇنازىرە قىلىشقا يول قويۇلمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى مانا ئەمدى تەپسىيلىرەك بىلىشكە باشلايدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى «كوڭزى ئىنىستىتۇت» لىرىنىڭ ئەزەلدىن خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ تەشۋىقات ئاپپاراتى بولۇپ خىزمەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى، د ئۇ ق نىڭ ئۆتكەن بىر مەزگىلدە گېرمانىيەدىكى يەرلىك ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، «كوڭزى ئىنىستىتۇت» لىرىغا قارشى تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

25-ئۆكتەبىر كىتاب ئاپتورى ئادرىيان گايگېس NDR تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «بېيجىڭنىڭ خىتاي تەۋەسىدە بۇنداق ئىشلارغا ئارىلىشىشى يېڭىلىق ئەمەس، ئەمما گېرمانىيەگە قول ئۇزارتىشى يېڭىلىق. بۇ چۈشەنگىلى ۋە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ھادىسە» دېگەن. «كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرى ئۈچۈن ئەجەللىك زەربە» ناملىق بۇ پروگراممىدا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرى تۈپەيلى كىتابنىڭ سېتىلىشىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ گېرمانىيەدىكى «كوڭزى ئىنستىتۇت» لىرى ئۈچۈن ئەجەللىك بىر زەربىگە سورۇن ھازىرلاپ بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئەينى چاغدا بەزى پارتىيەلەرنىڭ «كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنى تاقاش» تەشەببۇسىغا بىپەرۋا مۇئامىلە قىلغان ھۆكۈمەت، بۇ نۆۋەت ئاخبارات ساھەسىنىڭ چۇقانلىرىغا سەل قارىيالمىدى. ئادرىيان گايگېسنىڭ «قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ!» دېگەن نىداسىنىڭ يەنە بىر نەتىجىسى، ھۆكۈمەتتىن چىققان ئەكىس سادا بولدى. «ئەينەك» ژۇرنىلىنىڭ 29-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «كارلىچېك كوڭزى ئىنىستىتۇتىنى تاقاشنى تەشەببۇس قىلدى» ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە مائارىپ مىنىستېرلىكىنىڭ باش مىنىستېرى ئانيا كارلىچېك شۇ كۈنى مىنىستېرلار يىغىنى ۋە ئالىي مەكتەپ مۇدىرلىرى يىغىنىغا يازغان خېتىدە، گېرمانىيەدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىكى «كوڭزى ئىنىستىتۇت» لىرى توغرىسىدا توختىلىپ، «كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ گېرمانىيە ئالىي مەكتەپلىرىدىكى رولىنى قايتىدىن باھالاپ چىقىش ۋە توغرا يەكۈن چىقىرىش» نى تەلەپ قىلغان. ئۇ خېتىدە ئۆزىنىڭ گېرمانىيەدىكى 19 «كوڭزى ئىنىستىتۇت» لىرىنى خېلىدىن بۇيان يېقىندىن كۆزىتىپ كەلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ گېرمانىيە ئالىي مەكتەپلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

«فرانكفۇرت مەجمۇئەسى» گېزىتى 29-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «كارلىچېك كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق ھەرىكەت قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلدى» ناملىق خەۋەردە تىلغا ئېلىشىچە، ئانيا كارلىچېك گېرمانىيە ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە فېدىراتسىيە ئاخبارات ئىدارىسى ۋە ئاساسى قانۇننى قوغداش ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىشىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاساسى قانۇننى قوغداش ئىدارىسى 2020-يىللىق دوكلاتىدا «كوڭزى ئىنىستىتۇت» لىرىنى خىتاينىڭ «تەسىر كېڭەيتكۈچى رولچىلىرى» دەپ باھالىغان. «دۇنيا» گېزىتىنىڭ 29-ئۆكتەبىردىكى «مائارىپ مىنىستېرى خىتاينىڭ كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ ئويۇنىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى» ناملىق خەۋىرىدە بولسا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى «كوڭزى ئىنستىتۇت» لىرىنىڭ خىتاينىڭ مائارىپ مىنىستېرلىكىنىڭ مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغانلىقى ۋە شى جىنپىڭنىڭ ئىرادىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، قۇرۇلتاي بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ خۇسۇستا پىكىر بايان قىلغاندا، «كوڭزى ئىنستىتۇت» لىرىنى تاقاش تەشەببۇسىنىڭ گېرمانىيەدە يېڭى بىرلەشمە ھۆكۈمەت رەسمىي ئىشقا كىرىشىشتىن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ ياخشى بىر ئىجابىي قەدەم بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت