خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ قەشقەردىكى ئادەمسىز ئۇچقۇ زاۋۇتى خىتاي بىلەن غەرب ئارىسىدىكى دىپلوماتىك سۈركىلىش نۇقتىسىغا ئايلاندى

0:00 / 0:00

نۆۋەتتە، خىتاينىڭ رۇسىيەنى قوراللىق ئادەمسىز ئۇچقۇ بىلەن تەمىنلەپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر، خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى جىددىي دىپلوماتىك سۈركىلىش نۇقتىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالماقتا. بۇ مەسىلە 18-نويابىر دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنى مۇزاكىرە قىلغان نۇقتىلىق تېمىلارنىڭ بىرى بولغان. ھالبۇكى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ رۇسىيە ئارمىيەسىنى قوراللىق ئادەمسىز ئۇچقۇ بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىدىكى دىپلوماتىك سۈركىلىشنىڭ مەركىزىدە، خىتاينىڭ شېنجېننى بازا قىلغان «قىزىل توشقان ۋىكتور شېنجېن سانائەت چەكلىك شىركىتى» نىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائەت شىركىتىگە باغلىق ئىككى رۇسىيە شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ، «قەشقەر ئىقتىسادى تەرەققىيات رايونى» دا «ئىلغار ئادەمسىز ئۇچقۇ تەتقىقات ۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى» قۇرۇشى ھەم «گارپىيە-3» ناملىق قوراللىق ئادەمسىز ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىپ رۇسىيە ئارمىيەسىنى تەمىنلىشى ياتماقتا.

خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ قوراللىق ئادەمسىز ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىشتەك دىپلوماتىك «بەدىلى» بولىدىغان بىر ھەمكارلىق تۈرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق رايونى» ھەم «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ بازىسى» دەپ قارىلىدىغان قەشقەردەك بىر جايدا قۇرۇشتا، قانداق ئامىللارنى ئويلاشقانلىقى مەلۇم بولمىسىمۇ، ئەمما، بۇنىڭ مەزكۇر ھەمكارلىق تۈرىنى تېخىمۇ سەزگۈرلەشتۈرگەنلىكى مەلۇم. ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 18-نويابىر بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنى، خىتايغا قانداق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئەگەر خىتاينىڭ رۇسىيەنى قوراللىق ئادەمسىز ئۇچقۇ بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئىسپاتلانسا، بۇنىڭ خىتايغا «بەدىلى» بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

يىغىندا بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھاجا لابىب (Hadja Lahbib) خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئويناۋاتقان رولىغا قارىتا جىددىي ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئەمەلدارلارنىڭ بىرى بولغان.

بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 20-نويابىر مۇخبىرىمىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى مەخسۇس باياناتىدا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنى بۇ جەھەتتىكى ئېلىنىدىغان تەدبىرلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى دەيۋىد جوردېنس (David Jordens) نىڭ يازما باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە بېلگىيە خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللىغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلاردىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىدۇ. تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ يىغىنى تۇنجى قېتىم بۇنىڭغا قارىتا ئېلىنىدىغان تەدبىرلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى. خىتاينىڭ بۇ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدا رۇسىيەنى قوللىشى بىز ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەردە ئوتتۇرىغا قويىدىغان ۋە مۇزاكىرە قىلىدىغان مەسىلە.»

باياناتچى دەيۋىد جوردېنسنىڭ ئاخىرىدا ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ رۇسىيەنى قورال بىلەن تەمىنلىشىدەك «ئەندىشە قىلارلىق تەرەققىيات، ئۇلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇۋاتقان ئۇكرائىنانى زۆرۈر تېپىلغۇچە قوللاش ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمەيدىكەن.» بۇنىڭ ئالدىدا گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولىز (Olaf Scholz) ئۆزىنىڭ قوراللىق ئادەمسىز ئۇچقۇ مەسىلىسىنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ يىغىنىدا سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بايېربوك (Annalena Baerbock) ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ ئالدىدا مۇخبىرلارغا خىتاينىڭ ئادەمسىز ئۇچقۇ ياردىمىنىڭ «چوقۇم بەدىلى بولىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، مۇتەخەسسىسلەر ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى جازالاشنى قارار قىلسا، ئۇنىڭ سىمۋوللۇق تەدبىرلەر بىلەن چەكلىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. نيۇ-يورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ستېيتېن ئارىلى ئىنستىتۇتى سىياسىي پەنلەر پىروفېسسورى شيا مىڭ مۇنداق دەيدۇ: «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى ياۋروپا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن چوڭ خەتەر. ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ خىتايغا بەرگەن ئامالسىز ھەم كۈچسىزدەك تەسىرى، خىتايغا ئۇلارنى تېخىمۇ ئاجىزدەك كۆرسەتمەكتە. شۇڭا، ياۋروپا دۆلەتلىرى بەلكىم ئۆز-ئۆزىنى قانائەتلەندۈرىدىغان سىمۋول خاراكتېرلىك بەزى تەدبىرلەرنى ئېلىشى مۇمكىن». شيا مىڭنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكانىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى رۇسىيە بىلەن مۇرەسسەلىشىپ، ئامېرىكا، خىتاي، رۇسىيە «ئۈچ ئاتلىق ھارۋا ۋەزىيىتى» نى شەكىللەندۈرسە، ياۋروپا دۆلەتلىرى تېخىمۇ چارىسىز قالىدىكەن.

شيا مىڭ، بۇ ۋەزىيەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پەقەت بىر «ئەخلاقى كۈچ» سۈپىتىدە مەۋجۇت بولىدىغانلىقى، ئەمما ئۇنىڭ خىتاينى توسىدىغان بىر گېئو-سىياسىي كۈچ بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. شيا مىڭ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، بۇ ۋەزىيەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقى ‹ئەخلاقى كۈچ› سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئەمما گېئو-سىياسىي جەھەتتە خىتاينى توسىدىغان بىر كۈچ بولۇشقا ئۇرۇنمايدۇ».

«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ بۇ يىل 9-ئايدا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، رۇسىيەنىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى Almaz-Antey قورال-ياراغ شىركىتىگە باغلىق Kupol IEMZ شىركىتىنىڭ شېنجېننى بازا قىلغان «قىزىل توشقان ۋېكتور سانائەت چەكلىك شىركىتى» بىلەن «قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى» دا «ئىلغار ئادەمسىز ئۇچقۇ تەتقىقات ۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى» قۇرۇپ، رۇسىيەنىڭ «گارپىيە-3» ناملىق قوراللىق ئادەمسىز ئۇچقۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقى، بۇ قورالنىڭ ئۇكرائىنادىكى «ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەتتە» ئىشلىتىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى بۇ ھەمكارلىق «قەشقەر ئىقتىسادى تەرەققىيات رايونى» غا بولغان دىققەتنى قوزغىماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، «قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى» قۇرۇلۇشى 2010-يىلى چاقىرىلغان خىتاينىڭ بىرىنچى قېتىملىق «شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى» دا قارار قىلىنغان. ئەينى ۋاقىتتا 50 كىۋادرات كىلومېتىرلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن «قەشقەر ئىقتىسادى تەرەققىيات رايونى» نىڭ تەرەققىياتى خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدىن كېيىن تېخىمۇ تېزلىشىپ، بۇ جايغا ئەمگەك كۈچى يىغىلغان كارخانىلار كۆچۈپ كىرگەن.

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي-رۇسىيە ھەمكارلىقىدىكى ئادەمسىز ئۇچقۇ زاۋۇتىنىڭ قەشقەردە قۇرۇلۇشىدا نەچچە خىل ئامىلنىڭ ئويلىشىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق سىياسىي ئانالىزچى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى 19-نويابىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ «قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى» دا ئادەمسىز ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىق تۈرىنىڭ، بۇ دۆلەتنىڭ ئىنتايىن زىچ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھالبۇكى، خەۋەرلەردە ياۋروپا دىپلوماتلىرىنىڭ خىتاينىڭ رۇسىيە ئارمىيەسىنى قوراللىق ئادەمسىز ئۇچقۇ بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە دائىر «ئىشەنچلىك» ھەم «قايىل قىلارلىق» دەلىللەرگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىنسىمۇ، ئەمما خىتاي رۇسىيەنى قوراللىق ئادەمسىز ئۇچقۇ بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى رەت قىلماقتا. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىن جيەن 18-نويابىر كۈنىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا، «خىتاينىڭ ھەربىي مەھسۇلاتلار ئېكسپورتىنى ئېھتىياتچانلىق ھەم مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئۇ «بىز ئەزەلدىن توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قانداق بىر تەرەپنى ئەجەللىك قوراللار بىلەن تەمىنلىمىدۇق ھەمدە ھەربىي ۋە قوش تەرەپلىك ئىشلىتىلىدىغان ئادەمسىز ئۇچقۇ ئېكسپورتىنى قانۇن-بەلگىلىمىلەر بويىچە قاتتىق كونترول قىلماقتىمىز» دېگەن. ھالبۇكى، «رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ بۇ يىل 9-ئايدا ئېلان قىلىنغان دوكلاتىدا، «قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى» دىكى كۆلىمى 80 گېكتارلىق خىتاي-رۇسىيە «ئىلغار تىپلىق ئادەمسىز ئۇچقۇ تەتقىقاتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى» نىڭ، يىلىغا 800 ئادەمسىز ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.