خىتاينىڭ «ساقچى دۆلىتى» نازارەت سىستېمىسىدىكى بەزى ئۆزگىرىشلەر نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2022.02.16
zumret-dawut-kimliki-bilen.jpg زۇمرەت ساۋۇت ئۈرۈمچىدە مەھەللە كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمەكتە. 2018، ئۆكتەبىر.
Zumret Dawut teminligen

ئۇيغۇر دىيارىدىكى تىك-توك ۋە باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى قوللانغۇچىلار تارقاتقان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان لاگېرلارنى قۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىيارىنى «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىدا كەڭ قوللانغان كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى بىكار قىلغانلىقى ياكى ئۆزگەرتكەنلىكى ئاشكارلانماقتا.

ئامېرىكادىكى لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت بىر قانچە كۈن ئاۋۋال ھەمبەھرلىگەن بىر قىسقا ۋېدىيودا، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇكانلارغا ئورناتقان «بىر كۇنۇپكا بىلەن ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئەسۋابى» نىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكى، بۇنىڭغا دائىر بەلگىلىمىلەر بىلەن كارتنىڭمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى ئاشكارىلاندى.

يەنە بىر ۋېدىيودا ئۈرۈمچىدە ھەر بىر مەھەللىلەرنىڭ كىرىپ-چىقىش ئىشىكلىرىگە ئورنىتىلغان ئايلانما پولات دەرۋازا بىلەن توسۇق-رىشاتكىلارنىڭمۇ ئېلىۋېتىلىشكە باشلىغانلىقى ئاشكارىلاندى. بۇ ۋىدېيولار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نۇرغۇن قېتىم ھەمبەھىرلىنىپ، بەلگىلىك ئىنكاس قوزغىماقتا.

-2019يىلى مايدا رادىيومىز ئېنىقلىغان خەۋەرلەردە يۇقىرىدا ئەمەلدىن قالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بۇ بىخەتەرلىك ئەسۋابىنىڭ خىتايچە «يى جيەن باۋجىڭ»، يەنى «بىر كۇنۇپكا بىلەن ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئەسۋابى» دەپ ئاتىلىدىغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. ئىگىلىنىشىچە، 2017-يىلى مايدىن باشلاپ خىتاينىڭ بۇيرۇقى بويىچە پۈتۈن ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنى قاپلىغان بۇ كۆزىتىش ئەسۋابى ھەر بىر كوچا ۋە مەھللىلىردە بىردەك ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئىكەن. بۇ ئەسۋابنىڭ ئەسلىدە «جوڭشىڭ» شىركىتى تەرىپىدىن ئىىشلىنىپ، جۇڭگو تېلېگراف شىركىتى تەرىپىدىن بازارغا سېلىنغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

ئەينى چاغدا ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدا يەنە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەھەللە كومىتېتى قوغداش ئىشخانىسى، كوچا باشقارمىسى، دۇكان، سودا-سېتىق مەركەزلىرى، مېھمانخانا، دوختۇرخانا، بانكا، تىجارەت خاراكتېرىنى ئالغان ھەر قانداق ئورۇن، ھەتتا يەسلى، مەكتەپلەردە بۇ خىل بىر كۇنۇپكا بىلەن مەلۇم قىلىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلغانلىقى مەلۇم بولغان. بۇ ئۈسكۈنىنىڭ قىزىل كۇنۇپكىسىنى باسقان ھامان ئەڭ يېقىن ئەتراپتىكى ساقچى پونكىتىغا سىگنال بېرىدىغانلىقى، بۇ سىگنالنىڭ يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «تىنچ-ئامان شەھەر سۇپىسى مۇلازىمىتى» نامىدا بىر تۇتاش باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ باش ئاپپاراتىغا ئۇلىنىدىغانلىقىدەك ئۇچۇرلارمۇ ئاشكارلانغانىدى.

بۇنىڭدىن باشقا خىتاي دائىرىلىرى ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر رايونىنىڭ بارلىق جايلىرىدا 300 مېتىردا بىر «قولايلىق ساقچى پونكىتى»، مەھەللە، يول ئېغىزلىرىغا پولات توسۇق ۋە رىشاتكىلارنى ئورنىتىپ، رايوننى بەئەينى بىر «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلاندۇرغانلىقى، نۇرغۇن ئاخباراتلاردا خەۋەر قىلىنغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا خىتاي دائىرىلىرى ئورناتقان بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ «تېرورلۇقتىن قوغدىنىش بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىسى» دەپ چۈشەندۈرۈلگەنلىكى مەلۇم.

خىتاينىڭ تەقىب سىستېمىسىدىكى بۇ يۇقىرى تېخنىكالىق ئۈسكۈنىلەر يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى قانداق قىلىپ «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلاندۇرغانلىقىنى يورۇتۇپ بەرگەن مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىدى. بۇ يوقىرى تېخنىكالىق تەقىپ سىستېمىسى يەنە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقوق تەشكىلارلىرى ۋە بەزى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئائىت دوكلاتلىرىدىمۇ مۇھىم بىر ئىسپات سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن ئىدى.

ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ خىل تەقىبلەشكە ئىشلىتىلگەن ئۈسكۈنە-ئەسۋابلارنىڭ فونكىسىيەسى ۋە ئۇنى ئىشلىتىشتە داىرىلەرنىڭ يەنە قانداق بەلگىلىمىلەرنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى:

زۇمرەتنىڭ ئېيتىشىچە، 2017-يىلى ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بۇ ئۈسكۈنىنى دۇكىنىغا مەجبۇرىي سېتىۋېلىپ دۇكىنىغا ئورناتقان ئىكەن. بۇ ئۈسكىنىنى ئورناتقانلار يەنە ھەر ئايدا قەرەللىك كارتىغا پۇل قاچىلاشقا مەجبۇر بولىدىكەن. بۇ ئۈسكۈنە ئورنىتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇنىڭغا ئالاقىدار تەدبىرلەرمۇ مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنغان ئىكەن. يەنى بۇ ئۈسكۈنە سىگنال بەرگەندىن كېيىن، دۇكاندارلار قوللىرىغا توقماقلىرىنى ئېلىپ كوچىغا چىقىپ بۇيرۇق بويىچە مانىۋېر ئېلىپ بارىدىكەن. بۇ ئىش ئۇلارنىڭ كۈندىلىك بىر مەشغۇلاتقا ئايلاندۇرۇلغان ئىكەن.

زۇمرەت يەنە رايوندا ھەر 300 مېتىرغا قۇرۇلغان «قولايلىق ساقچى پۇنكىتى» نامىدىكى ساقچىخانىلارنىڭ قانداق شەكىللەردە ئاممىغا قارىتا تەقىپلەش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنى 24 سائەت نازارەت ئاستىغا ئالغان بۇ سىستېمىنىڭ يالغۇز رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى بىزار قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە خىتايلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغىمۇ قولايسىزلىقلارنى تۇغدۇرغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن خىتايلاردىمۇ نارازىلىق قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى. زۇمرەت مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ھازىر بوشاپ قالغىنى يوق، بۇ پەقەت دۇنيانىڭ كۆزىنى ئالداش، خالاس»

كانادادىكى ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجراىيە درېكتورى مەمەت توختىنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىقىدەك كۆزىتىش سېستىمىلىرى ھەمدە ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىنى يۇقىرى تېخنىكا بىلەن ئىدارە قىلىشنىڭ تەجرىبىخانىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان خىتاينىڭ ئەمدىلىكتە بۇلارنى ئېلىۋېتىشكە باشلىغانلىقى، ھەرگىزمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقى ياكى ما شىڭرۇينىڭ چېن چۇەنگوغا قارىغاندا ئۇيغۇرلارغا مۆتىدىل ۋە بوشراق سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرمەيدىكەن.

مەمەت توختىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ئەسۋاب ۋە سىستېمىلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئاشكارىلاپ قويغان. خىتاي ئۆزىنىڭ دۇنيا جامئەتچىلىكى ئالدىدىكى ئوبرازىنى ياخشىلاشقا مەجبۇر بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇلارنى ئېلىۋېتىشكە ئېھتىياج تۇيغان ئىكەن.

خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى تارقاتقان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ما شىڭرۇي يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىنى ئايلىنىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا ئىكەن. ئۇ بۇ جەرياندا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق يولغا قويۇش، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكنى ئومۇمىي نىشان سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇش قاتارلىقلارنى تەكىتلىگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ما شىڭرۇينىڭ بۇ سۆزلىرى، خىتاينىڭ خەلقارا تەرىپىدىن «ئېرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىتىدە بۇندىن كېيىنمۇ چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.