ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈشتە بولغان خىتاي ج خ مىنىستىرى نۇقتىلىق ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغان

0:00 / 0:00

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى ۋاڭ شياۋخۇڭ 19-ئۆكتەبىردىن 21-ئۆكتەبىرگىچە ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈشتە بولۇپ، نۇقتىلىق ھالدا ئىقتىسادىي سىياسەت ھەققىدە سۆز قىلغان ھەم يەرلىك دائىرىلەرگە بۇ ھەقتە يوليورۇقلارنى بەرگەن. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، سانجى، كورلا ۋە «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» 6-دىۋىزىيەسىنىڭ ۋۇجياچۈ يەنى (ئوتۇنكوزا) شەھىرى قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولغان ۋاڭ شياۋخۇڭنىڭ ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈشتە بولغان خىتاي بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن پەرقلىق رەۋىشتە، «ئىقتىسادىي سىياسەتنى نۇقتىلىق تەكىتلىشى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ھادىسە»، دەپ قارالماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ۋاڭ شياۋخۇڭدىن بۇرۇنقى جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان خىزمەت تەكشۈرۈشىنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى، تېررورلۇق ۋە رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، قارشىلىق قىلغۇچىلارنى باستۇرۇشقا قارىتىلىپ كەلگەن. بۇ، ۋاڭ شياۋخۇڭنىڭ بۇ يىل 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن بىلەن كۆرۈشكەندە، بىلىنكېننىڭ «ئامېرىكا كۆڭۈل بۆلىدىغان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى» نى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىن بېرى، تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈشتە بولۇشىدۇر.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ شياۋخۇڭ تەكشۈرۈشتە رايوندىكى ج خ ئورگانلىرىدىن «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنلاشتۇرۇش ۋە دائىمىيلاشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش» نى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ سۆزى يەنىلا «يۇقىرى سۈپەتلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات» نى ئاساسى نۇقتا قىلغان. ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر پىروفېسسورى، خەلقئارا تەرەققىيات تەتقىقات پىروگراممىسى دىرېكتورى، پىروفېسسور شان روبېرتسنىڭ (Sean Roberts) قارىشىچە، خىتاي ج خ مىنىستىرىنىڭ سۆزى خىتاي ئىقتىسادى كاساتلاشقان بىر پەيتتە، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بىخەتەرلىك سېلىنمىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتىكەن.

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى ۋاڭ شياۋخۇڭ 19-ئۆكتەبىردىن 21-ئۆكتەبىرگىچە ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈشتە بولغان
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى ۋاڭ شياۋخۇڭ 19-ئۆكتەبىردىن 21-ئۆكتەبىرگىچە ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈشتە بولغان (xjtvs.com.cn)

شون روبېرتس مۇنداق دەيدۇ: «(خىتاينىڭ) ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتى دائىم بۇ رايوننىڭ مەلۇم جەھەتتىن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى چىقىش قىلىپ كەلگەن. بەلكىم بۇ سۆزلەر، ھەقىقەتەنمۇ خىتاي ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى كاساتلاشقان، كىشىلەر ئىقتىسادتىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا سەرپ قىلىنىۋاتقان بارلىق سېلىنمىنىڭ خىتاي ئىقتىسادى ئۈچۈن قانچىلىك ئىجابىي ئۈنۈمى بولۇۋاتقانلىقىدىن بىلىش تەلىپىنىڭ تۈرتكىسىدە ئېيتىلغان بولۇشى مۇمكىن. شۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ئۇنىڭ مەزكۇر رايون ئىقتىسادى ھەققىدە سۆزلىشىنىڭ ئۆزگىچە مەنىسى بار، دەپ قارايمەن».

ھالبۇكى، خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى چېن ۋېنچىڭنىڭ بۇ يىل 5-ئايدا، ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان خىزمەت تەكشۈرۈشى جەريانىدىكى سۆزلىرىنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى، رايوننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتىنى «نورماللاشتۇرۇش» ۋە «دائىمىيلاشتۇرۇش» قا قارىتىلغان. چېن ۋېنچىڭنىڭ تەكشۈرۈشىنىڭ ئارقىسىدىنلا يەنى 27-ماي كۈنى خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى رايوندا يېقىنقى 7 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ھېچقانداق تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بېرىپ باقمىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. پىروفېسسور شان روبېرتسنىڭ قارىشىچە، ۋاڭ شياۋخۇڭنىڭ سۆزى خىتاينىڭ ھازىرقى ئىقتىسادى كاساتچىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

شان روبېرتس مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، ئۇنىڭ تەسىرى بار. بۇ يەردىكى پاكىت شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقىنى باستۇرۇشقا غايەت زور مىقداردا پۇل سەرپ قىلدى. مېنىڭچە بولسا، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزى ئۇيغۇر رايونىنىڭ سىرتىدا ياشايدىغان كىشىلەرگىمۇ ئېيتىلغان. ئۇلار ئۇيغۇر رايونىدا بىخەتەرلىككە خەجلىگەن پۇل دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ئۈچۈن پايدىلىق، دېگەننى كۆرسەتمەكچى.»

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 22-ئۆكتەبىر بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ۋاڭ شياۋخۇڭ ئۈرۈمچى، ئوتۇنكوزا (ۋۇجياچۈ)، سانجى، كورلا قاتارلىق جايلاردىكى سانائەت باغچىلىرىنى، تېرىقچىلىق مەيدانلىرىنى، كارخانا، ئاھالىلەر كومىتېتى ۋە ئاساسى قاتلام ج خ ئورۇنلىرىنى تەكشۈرگەندە بۇ ئورۇنلارنى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا قىلغان «نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىسادىي خىزمەت ھەققىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ… يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى ماسلاشتۇرۇپ، يىللىق ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانى ھەم ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشقا تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇش» قا چاقىرغان.

خەۋەرلەردە، ئۇنىڭ «بەش ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىغا مەركەزلىشىپ، رايوننىڭ بايلىقىدىن، ئۇنىڭ ئورۇن ۋە سانائەت ئاساسى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەرىكەت قوللىنىپ، تېخىمۇ ئەمەلىي ۋە قاتتىق تەدبىرلەرنى ئىشلىتىپ، ئىقتىسادىي ئۆسۈش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئۈنۈملۈك مۇقىملاشتۇرۇش» نى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

ئامېرىكادىكى نيۇ-يورك شەھىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پىروفېسسورى شيا مىڭ، ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك ھازىرقى ئىقتىساد كاساتلاشقان خىتايدا، خەۋپسىزلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ نۇقتىلىق خىزمىتىگە ئايلانغانلىقى ۋاڭ شياۋخۇڭنىڭ ئىقتىسادنى سۆزلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. شيا مىڭ 22-ئۆكتەبىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يېقىندىن بېرى ئەمەس، بەلكى ئۆتكەن بىر يىلدىن بېرى، مەيلى دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بولسۇن، ئىقتىسادىي خەۋپسىزلىكنى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا قويدى. شۇڭا، ئۇلار ئىقتىسادىي ئۇچۇر ۋە بۇنىڭغا دائىر مۇلاھىزىلەرنى قاتتىق نازارەت قىلماقتا. ۋاڭ شياۋخۇڭنىڭ ئىقتىساد ھەققىدە سۆزلىشىمۇ، بۇ مەسىلە ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇھىم خىزمىتى بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.»

لېكىن ئامېرىكادىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى 22-ئۆكتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ۋاڭ شياۋخۇڭنىڭ سۆزىنى غەربنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي كارخانىلىرىغا يۈرگۈزگەن ئېمبارگوسىنىڭ تەسىرىدىن ئايرىپ قارىغىنى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ۋاڭ شياۋخۇڭنىڭ سۆزى يەنە شۇ جايدىكى خىتاي كارخانىلىرىغا ئىقتىسادى چىقىش يولى ئىزدەشنىڭ سىگنالىنى بەرمەكتە ئىكەن.

ھالبۇكى، نيۇ-يورك شەھىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پىروفېسسور شيا مىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىساد تېخىمۇ كاساتلاشسا، بۇنىڭ ئىقتىسادىي تەقسىماتتىكى ئىختىلاپنى كۈچەيتىپ، توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەڭ قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. شيا مىڭ مۇنداق دەيدۇ: «شۇڭا، مېنىڭچە بۇ، خىتاي ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئەڭ قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغان بىر مەسىلە. چۈنكى، نۇرغۇن كىرىزىسلارنى پۇل بىلەن ھەل قىلغىنى بولمىغىنىدەك، نۇرغۇن كىرىزىسلار پۇلنىڭ يوقلۇقىدىن، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا قېلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ شياۋخۇڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قىلغان سۆزلىرىدە مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلىمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا «تەرەققىياتنىڭ بىخەتەرلىك مۇھىتىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، ئۇنىڭ رايوندىكى ج خ ئورگانلىرىدىن «سىياسىي ساداقەتمەنلىك» تەلەپ قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ «خەۋپكە قارشى مۇداپىئە كۆرۈشكە ئاكتىپ تەييارلىق قىلىشى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنلاشتۇرۇش ۋە دائىمىيلاشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشى، ج خ ئورگانلىرىنىڭ يېڭى جەڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي بىخەتەرلىك ھەم ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈشى» نى تەلەپ قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.