ھەقىقەتكە قارشى شىددەت بىلەن كۈچىيىۋاتقان خىتاي سەپسەتىسى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021.04.20
مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ھەقىقىتى: لاگېرلاردىكى زاۋۇتلار پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتىدىكى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى. 2021-يىلى 1-ئاپرېل، كورلا.
REUTERS

خىتاي ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش، ئىنكار قىلىش ئۈچۈن ساختا تەشۋىقاتلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قانات يايدۇرماقتا.

ئاۋىسترالىيە رادىئوسى ABC رادىيو تورىنىڭ 19-ئاپرىل ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىدىكى شىنجاڭ ۋە غەرب تاراتقۇلىرى بىلەن تىركىشىش ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى» ناملىق خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھاكىمىيىتى ئاخبارات ساھەسىدىكى پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش، غەربنىڭ تەشۋىقاتى ۋە جازالىرىنى ئىنكار قىلىشنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنى قوزغىغان. بۇ دولقۇن ھازىرغا قەدەر ئاشكارىلانغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك پۈتكۈل پاكىتلارنى يوققا چىقىرىشنى نىشان قىلغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئاقلاپ، غەربنى ئەيىبلەپ قانچە ئون پارچە دوكلات ئېلان قىلغان. خىتاينىڭ يەربشارى تېلېۋىزىيە قانىلىغا تەۋە بولغان چەت ئەلدىكى CGTN تېلېۋىزىيەسى ئۆزىنىڭ تورىدا 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۈگۈنگە قەدەر ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار 100 پارچىدىن ئارتۇق فىلىم ئېلان قىلغان. خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنى بولسا «ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشى» ۋە «بەختلىك شىنجاڭ» غا ئائىت تەشۋىقاتلار «كەلكۈن كەبى باسقان».

خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان مەزمۇنلار: «شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتقا قارىغاندا ئىنتايىن ياخشى»، «ئۇيغۇرلار ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ خاتىرجەم، تېنىچ، باياشات ياشىماقتا»، «غەرب تاراتقۇلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسى يالغان»، «جازا لاگېلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش مەۋجۇت ئەمەس»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەسلا يوق» دېگەنلەردىن ئىبارەت بولغان.

خەۋەردە CGTN نىڭ يۇقىرىقى نۇقتىلارنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى خىتايلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ تىلى ئارقىلىق «شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى» ئىكەنلىكىنى سۆزلەتكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ABC رادىيوسى ئاۋىسترالىيەدىكى بەزى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ «ئەگەر شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى شۇنداق ياخشى بولسا، بىز نېمىشقا يۇرتىمىزغا بارالمايمىز؟ نېمىشقا لاگېرلارغا سولانغان قېرىنداشلىرىمىز بىلەن تا ھازىرغا قەدەر ئالاقە قىلالمايمىز؟» دېگەن سوئاللىرىنىڭ ھېلىغىچە جاۋابسىز قېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتلىرىنىڭ ناھايىتى ياسالما ھەم كۈلكىلىك شەكىللەردە كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، دۇنيا جامائىتىنىڭ ئاللىقاچان ئۇيغۇرلارنى خىتاي تەسۋىرلىگەندەك چۈشەنمەيدىغان بىر ۋەزىيەتكە كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خەۋەردە ئىزاھلىنىشىچە، خىتاي 4-ئاي كىرگەندىن بۇيان مەملىكەت ئىچىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ھەم دۆلەتلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ چەت ئەلگە قارىتىلغان ئىنگىلىزچە سەھىپىلىرىدە ئۇيغۇرلار ۋە شىنجاڭغا ئائىت تەشۋىقاتلارنى ھەر كۈنى شىددەت بىلەن كۈچەيتىشكە باشلىغان. خەۋەردە بۇنىڭغا سەۋەب بولغان بىرقانچە ئامىل تىلغا ئېلىنغان. بۇلارنىڭ بىرى، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، گوللاندىيە، كانادا ۋە ئەنگىلىيەنىڭ خىتايغا قارىتا جازا يۈرگۈزگەنلىكى، يۈرگۈزىدىغانلىقى ھەم تېخىمۇ كۆپ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جازا يۈرگۈزۈشكە ھازىرلىنىۋاتقانلىقى، ئىككىنچىسى، غەرب مەتبۇئاتلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان جىنايەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە قاپلىغانلىقى، غەرب خەلقى ئالدىدا خىتاي ئوبرازىنىڭ سۇنغانلىقى بولغان. مانا بۇ ئامىللار خىتاي ھاكىمىيىتىگە نىسبەتەن خەلقئارادىلا ئەمەس، خىتاي ئىچىدىمۇ ئېغىر بېسىم شەكىللەندۈرگەن. بۇنىڭغا جاۋابەن خىتاي ھاكىمىيىتى تەشۋىقات ساھەسىدىكى مەۋجۇت كۈچىنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا سېلىشقا باشلىغان.

ئۇنداقتا، خىتاينىڭ مەۋجۇت تەشۋىقات كۈچىنىڭ كۆلىمى زادى قانچىلىك؟

بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى «ئۆزگىچە ئارمىيە: خىتاينىڭ ئىنتېرنېت تورىنى سېھرىي قۇۋۋەتلىك ھەربىيلەشتۈرىشى» ناملىق دوكلات تەمىنلەيدۇ. دوكلاتنى ئامېرىكادىكى جېيمىس توۋن فوندى جەمئىيىتى 12-ئاپرىل ئېلان قىلغان. دوكلاتتا تور دۇنياسىنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ «دۆلەت ئوبرازىنى قوغداشنىڭ ئاممىۋى سورۇنى»، «ئىدېئولوگىيەلىك ئۇرۇشنىڭ ئاساسلىق جەڭ مەيدانى»، «نەزەرىيە ئۇرۇشى سەھنىسى» دەپ قارايدىغانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەت ۋە كومپارتىيەنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ھالدا تور دۇنياسىدا قارشى كۈچلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىدىغان، پىكىر يازىدىغان، يازمىلارنى تىز سۈرئەتتە كۆچۈرۈپ تارقىتىدىغان، «ياخشى» بەلگىسىنى قويىدىغان غايەت زور بىر قوشۇنغا ئىھتىياجى بارلىقى ھەمدە خىتاينىڭ 2010-يىلىدىن تارتىپلا مۇشۇنداق بىر قوشۇننى قۇرۇشقا باشلىغانلىقى مۇقەددىمە قىلىنغان.

دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ نۆۋەتتە مائاشلىق 2 مىليون كىشىلىك تور جەڭچىسى بار ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا 20 مىليون كىشىلىك پىدائىيلاردىن تەركىب تاپقان غايەت زور بىر تور قوشۇنى قۇرۇلغان. بۇ قوشۇننىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە خىتاي كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرى ئىكەن. بۇلارنىڭ چىرايلىق نامى «مەدەنىيەتلىك تور پىدائىيلىرى» ئىكەن. ئۇلار خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىگە تارقالغان.

خىتاي نۆۋەتتە 80 مىليوندىن ئارتۇق كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى، 20 مىليوندىن ئارتۇق تور پىدائىيلىرى، 10 مىڭلىغان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، جازا لاگېرلىرىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى، مەجبۇرىي ئەمگەكنى، جىنسىي تاجاۋۇزنى، قىسقىسى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ھەرقانداق بېسىمنى، زۇلۇمنى تۈپتىن ئىنكار قىلىش، ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقان پۈتۈن غەرب ئەللىرىنى يالغانچىغا چىقىرىش كۆرىشىگە ئاتلانغان.

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىممۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئىزھار قىلىپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.