خىتاي شىركەتلىرى تۈركىيىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرىغا مەبلەغ سېلىشتىن ۋاز كەچمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2021.09.08
خىتاي شىركەتلىرى تۈركىيىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرىغا مەبلەغ سېلىشتىن ۋاز كەچمەكتە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلغان خىتايچە ئىستانبۇل قانىلى تەشۋىقات فىلىمىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان.
Social Media

تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنىڭ 50-يىللىقى خاتىرىلىنىۋاتقان كۈنلەردە، خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى دىپلوماتىك ئورگانلىرى بەس-بەستە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىنتايىن «دوستانە» ئىكەنلىكى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىنى قانات يايدۇرغان ئىدى. ھالبۇكى، مۇتەخەسسىسلەر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ خىتاي تەرەپ تەكىتلىگەندەك ئۇنچىلىك «دوستانە» سەۋىيەدە ئەمەسلىكىنى تىلغا ئالماقتا.

تونۇلغان ژۇرنالىست ژالە ئۆزتۈركنىڭ «خىتاينىڭ ئىشتىھاسى قالمىدى» ناملىق ماقالىسى يېقىندا «جۇمھۇرىيەت» گېزىتىدە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ 1992-يىلى قۇرۇلغان «تۈرك-خىتاي تىجارەت بىرلەشمىسى» نىڭ پائالىيەتلىرى بىلەن كۈچەيگەنلىكى، مەزكۇر مۇناسىۋەتنىڭ ئاق پارتىيە يېتەكچىلىكىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ 2010-يىلىدىن ئېتىبارەن يولغا قويغان يېڭى تاشقىي مۇناسىۋەت سىياسىتى ئەتراپىدا «ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى «بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشىدا يەر ئالغان دۆلەتلەرنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرىغا غايەت زور مەبلەغ سېلىپ، مەزكۇر دۆلەتلەردىكى سىياسىي تەسىرىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلمەكتە.

خىتاي شىركەتلىرىنىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشىنىڭ تۈركىيەدىكى لىنىيەسىدە مۇھىم رول ئوينايدىغان ئىستانبۇلدىكى ئۈچىنچى كۆۋرۈك، يىڭى ئايرودروم ۋە ئىستانبۇل قانىلى قۇرۇلۇشى قاتارلىق چوڭ قۇرۇلۇشلارغا مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم.

2018-يىلى خىتاي خەلق بانكىسى تۈركىيە شۆبىسىنىڭ باشلىقى رۇ جيەلى، تۈركىيىنىڭ مەزكۇر ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرىغا مەبلەغ سېلىشقا ھازىر ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى. 2018-يىلىدىن بۇيان، خىتاي شىركەتلىرى ئىچتاش (IC İçtaº) ۋە ئاستالدى (Astaldi) قاتارلىق تۈرك شىركەتلىرى بىلەن مەزكۇر قۇرۇلۇشلار ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا خىتاي شىركەتلىرى مەبلەغ سېلىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلىغان.

«بلومبېرگ» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلار گۇرۇپىسى ئىستانبۇل 3-كۆۋرۈكىنىڭ پېيىنى سىتىۋىلىشتىن ۋاز كەچكەن بولۇپ، «جېجياڭ يوقىرى سۈرئەتلىك يوللىرى» شىركىتىنىڭ خوڭكوڭ پاي بازىرىدا ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىغاندا، كېلىشىمنامە شەرتلىرى ئورۇندالمىغانلىقى سەۋەبلىك خىتاي شىركەتلىرى كېلىشىمنامىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ئاپتور ماقالىسىدە، ئىستانبۇل ئايرودرومى ئۈچۈن خىتاي بانكىلىرىدىن ئېلىنغان قەرزىنىڭ باشقا بانكىلار ئارقىلىق قايتىدىن شەكىللەندۈرۈلگەنلىكىنى، ئىستانبۇل قانىلىغا مەبلەغ سېلىشقا ھازىرلىنىۋاتقان تۆت خىتاي شىركىتىنىڭ نۆۋەتتە دىلىغۇل ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى يازغان.

ژالە ئۆزتۈركنىڭ ماقالىسىدە، خىتاي شىركەتلىرى ۋە بانكىلىرى بىلەن تۈركىيەدىكى ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى ھۆددىگەرلىرى ئوتتۇرسىدىكى مەزكۇر «توختاپ قېلىش» ھادىسىسىنىڭ، تۈركىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرسىدىكى بىنورمال مۇناسىۋەتنىڭ ئەكس ئېتىشى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسىسى مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، مەزكۇر ماقالىنىڭ نوقۇل ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت جەھەتتىن قىلىنغان بىر ئانالىز ئىكەنلىكىنى، خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ پەقەت ئىقتىسادىي ساھە بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى، تۈركىيىنىڭ تاشقىي سىياسەتتە قوللاشقا ئېھتىياجى بارلىقىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە تاشقىي سىياسەت جەھەتتىن قارىغاندا مەزكۇر ماقالىنى «سەل بىر تەرەپلىمە» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا ۋە تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى يېقىنلىشىشنىڭ ئامېرىكانىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئىستىراتېگىيەسىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆپ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ماقالە ئاپتورىنىڭ تۈركىيەدىكى سىياسىي ساھەدىن ئىگىلىگەن بەزى مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان ئوتتۇرىسىدا ئىسىمسىز بىر كېلىشىمنامە مەۋجۇت ئىكەن. نۆۋەتتە تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرسىدىكى ئېنېرگىيە تىجارىتى ئىككى ھەسسە ئاشقان، ئامېرىكانىڭ تۈركىيەنى تەبىئىي گاز پىششىقلاپ ئىشلەش ساھەسىدىكى بىر مەركەزگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقى تۈرك ئاخبارات ۋاستىلىرىدا تالاش-تارتىش قىلىنماقتىكەن.

يېقىندىن بۇيان تۈرك ئاخبارات ۋاستىلىرىدە تۈركىيە-خىتاي تىجارىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تۇرغۇنلۇققا چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىقىنىڭ ئەكسىچە، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشقا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىغا ئائىت ئانالىزلار كۆپەيمەكتە.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى زىيارىتىمىز داۋامىدا، ئامېرىكانىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ بىۋاسىتە خىتايغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، خىتاي بىلەن ئامېرىكانىڭ سىياسىي جەھەتتىن كەسكىن رىقابەت ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، ئامىرىكانىڭ تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا شەرىق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، خىتايغا قارشى تىخىمۇ ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى بىلەن خىتاي ۋە رۇسىيە باشچىلىقىدىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەت ۋە قۇتۇپلىشىشنىڭ تەسىرىدە، تۈركىيىنىڭ بىر تاللاشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بەزى مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي ۋە تۈركىيە ئوتتۇرسىدىكى مەبلەغ سېلىش ۋە تىجارەت ساھەسىدىكى تۇرغۇنلۇقنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يىڭى بىر مەزگىلگە كېرىش ئالدىدا ئىكەنلىكىنىڭ بېشارىتى دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.