مۇتەخەسسىسلەر: «شى جىنپىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنىڭ لايىھەلىگۈچىسى ۋە يوليورۇق بەرگۈچىسى»

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنياز خىتاينىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى مەزگىلىدە مەتبۇئاتقا بەرگەن باياناتلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدە «ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ باش يېتەكچىسىنىڭ شى جىنپىڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي «خەلق تورى» نىڭ مەخسۇس خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2024-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى، خىتاي 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى» ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىققان. خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ما شىڭرۇي، شۆھرەت زاكىر، ئەركىن تۇنياز، شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي قاراپ چىقىشقا قاتناشقان. 7-مارت، ما شىڭرۇي ۋە ئەركىن تۇنياز خىتاينىڭ شىنجاڭ سىياسىتى ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن «ئالەمشۇمۇل» نەتىجىلەر ھەققىدە مۇخبىرلارغا ۋە گېزىت-ژۇرناللاردا بايانات بەرگەن.

مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي خەلقئارا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرلىرى ما شىڭرۇيدىن ئۇنىڭ «پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە ئىستراتېگىيەسىنى قانداق قىلىپ تولۇق، توغرا ۋە ئەتراپلىق يولغا قويغانلىقى» توغرىسىدا سوئال سورىغان.

ما شىڭرۇي مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 18-قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ بىلەن پارتىيە مەركىزى كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى. شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزى پىلانلىدى، ئورۇنلاشتۇردى ۋە ئىلگىرى سۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى خىتاينىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن سوتسىيالىزم ھەققىدىكى ئوي-پىكىرنى چۈشىنىپ، بۇنى پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ۋە يولغا قويۇش بىلەن بىرلەشتۈردى.»

ما شىڭرۇي «شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقىدا قولغا كەلگەن يېڭى نەتىجىلەر» ۋە پۈتۈن «تۆھپىلەر» نىڭ شى جىنپىڭغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىگە ھەمدە «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» گە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ما شىڭرۇينىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىققا شى جىنپىڭنىڭ قانداق «رەھبەرلىك ۋە يېتەكچىلىك» قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقات دىرېكتورى دوكتور ھېنرىك شاجېسكى (Henryk Szadziewski) ما شىڭرۇينىڭ بەرگەن باياناتى ھەققىدە توختىلىپ، ما شىڭرۇينىڭ باياناتىدىن خىتاينىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنىڭ لايىھەلىگۈچىسى ۋە يول يورۇق بەرگۈچىسىنىڭ بىۋاسىتە شى جىنپىڭ ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى: .

«مېنىڭچە، بۇ، ما شىڭرۇينىڭ باياناتىدىن خىتاينىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنىڭ لايىھەلىگۇچىسى ۋە يول يورۇق بەرگۈچىسى مەركىزى ھۆكۈمەتلا ئەمەس، بەلكى ئاساسلىق رول ئوينىغۇچى ۋە يول يورۇق بەرگۈچىسىنىڭ شى جىنپىڭ ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شى جىنپىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭ سىياسىتى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ يەردە سىياسەتكە قارىتا ئالاھىدە ساداقەتمەنلىك بار. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان بىر قاتار مەسىلىلەر بار. خىتاينىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى شى جىنىپىڭنىڭ ئىدىيە ۋە پىكىرلىرى شۇنداقلا جىنپىڭنىڭ سۆزلىگەن سۆزلىرى يېتەكلىگەن. بۇ بايانلاردا ئومۇمىي نىشاننىڭ مۇقىملىق ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيسىز. مېنى ما شىڭرۇينىڭ بەرگەن باياناتىغا قوشۇلامسىز دەپ سورىسىڭىز. مەن مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئۇنىڭغا قۇشۇلىمەن، چۈنكى ئۇنىڭ باياناتى شى جىنپىڭنى ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈلگەن سىياسەتلەرنىڭ مەركىزىگە قويغان. يەنى شى جىنپىڭنى خىتاينىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنىڭ لايىھەلىگۈچىسى ۋە يول يورۇق بەرگۈچىسى دەپ كۆرسەتكەن.»

«خەلق تور» نىڭ 2024-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنياز «خەلق تورى» دا ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ ماقالىدە مۇنداق دېگەن:

«ئۆتكەن بىر يىل شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى پەۋقۇلئاددە بىر يىل بولدى. باش سېكرېتار شى جىنپىڭ شىنجاڭ ۋە شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلدى. شىنجاڭنى يەنە بىر قېتىم زىيارەت قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى. بىز شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە كۆرسەتمىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە يولغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق، توغرا ۋە ئەتراپلىق يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى كۆۋرۈك قىلىپ، تېخىمۇ ياخشى ماسلاشتۇرىمىز.»

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ما شىڭرۇي ۋە ئەركىن تۇنيازنىڭ باياناتى ھەققىدە كۆز قارشىنى شەرھلەپ مۇنداق دېدى: «ما شىڭرۇي ۋە ئەركىن تۇنيازنىڭ بەرگەن باياناتلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەتلەرگە خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ باشچىلىق قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ما شىڭرۇي ۋە ئەركىن تۇنياز ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە تېخىمۇ يۇقىرى خىزمەتلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن ساداقەتمەنلىك بىلەن شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ ۋە ئۇنى دائىم مەدھىيەلەيدۇ.»

ما شىڭرۇي، 7-مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەممەيلەنگە ئايان. بۇ قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان مۇقەررەر يۈزلىنىش.»

ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچىسى، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى خۇ پېڭ (胡平) رادىيومىز زىيارىتىنى قىلىپ ما شىڭرۇينىڭ ئاخبارات يىغىنىدىكى باياناتىغا ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ ئىسلامنى خىتايلاشتۇرۇش بولسا ئىسلامنى كوممۇنىستلاشتۇرۇش، شى جىنپىڭنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئىسلامنى خىتايلاشتۇرۇش بولسا ئەمەلىيەتتە ئىسلامنى كوممۇنىستلاشتۇرۇش. يەنى ئىسلامغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئىسلام دىنىنى كونترول قىلىش. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىق قىلىۋاتقان ۋە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىسلامنى خىتايلاشتۇرۇش بولسا ئىسلام دىنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئۇنى باستۇرۇش ئۇسۇلى. شى جىنپىڭ ئەلۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى. شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزگەن سىياسىتىنى ماۋ زېدوڭ، دېڭ شياۋپىڭ، جاڭ زېمىن ۋە خۇ جىنتاۋنىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزگەن سىياسىتىگە سېلىشتۇرساق، شى جىنپىڭ باشقىلارغا قارىغاندا بەك ئېغىر باستۇرۇۋاتىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئاپتونومىيەسىنى (ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش ھەققىنى) باستۇرۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ قىلغان زۇلۇمى دېڭ شياۋپىڭ، جاڭ زېمىن ۋە خۇ جىنتاۋدىنمۇ ئېشىپ كەتتى.»

ئۇنداقتا ما شىڭرۇي ۋە ئەركىن تۇنيازنىڭ بېيجىڭدا ئاخباراتلارغا بەرگەن باياناتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي كونتروللۇقنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ داۋام قىلىدىغانلىقى، بەلكى تېخىمۇ قاتتىق ۋە جىددىي تۈردە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى دېيىشكە بۇلامدۇ؟

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ما شىڭرۇي ۋە ئەركىن تۇنيازنىڭ بېيجىڭدا ئاخباراتلارغا بەرگەن باياناتىغا ۋە ھازىرقى ئەھۋاللارغا قاراپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىساد ۋە مۇقىملىقنى باھانە قىلىپ شەرقى تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق ۋە جىددىي تۈردە داۋاملىق يۈرگۈزىدۇ دەپ قارايمەن.»

دوكتور ھېنرىك شاجېسكى ما شىڭرۇي ۋە ئەركىن تۇنيازنىڭ بېيجىڭدا ئاخباراتلارغا بەرگەن باياناتىدىن بەزى ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ ما شىڭرۇي ۋە ئەركىن تۇنيازنىڭ باياناتتا ئىشلەتكەن تىلىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى، لېكىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىدە بىر ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«مەنچە، توندا ئۆزگىرىش بار. يەنى ماشىڭرۇي ۋە ئەركىن تۇنيازنىڭ باياناتتا ئىشلەتكەن تىلى ئۆزگەردى دەپ ئويلايمەن. مېنىڭچە خىتاينىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنىڭ قاتتىق يولغا قويۇلۇشى ئەلۋەتتە ئۆزگەرمىدى. ئەمما ئاھاڭ ئۆزگەردى. دېمەكچىمەنكى، بۇ باشقىچە مەنىدە، ئۇلار بۇرۇن ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرىمىز دەيتتى. ھازىر ئۇلار بىز ئۇيغۇرلارغا ياخشى كۈن بەردۇق، ئۇيغۇرلار خۇشال-خۇرام ياشاۋاتىدۇ ۋە بىزگە رەھمەت ئېيتىشى كېرەك دەيدۇ. ئۇلارنىڭ قوللانغان تىلى يەنە ئۆزگىرىشى مۇمكىن. ئەگەر خەلق ھۆكۈمەت سىياسىتىگە رازى بولماي قارشىلىق بىلدۈرسە ھۆكۈمەتنىڭ پوزىتسىيەسى ۋە ئىشلەتكەن تىلى يەنە ئۆزگىرىدۇ. ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر لاگېرلاردا. ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇۋاتىدۇ. مەنچە، خىتاينىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنىڭ قاتتىق ئىجرا قىلىشىدا بىر ئۆزگىرىش بولمايدۇ. 2017-يىلدىن باشلاپ خىتاينىڭ تاكتىكىسىدا ئۆزگىرىش بولمىدى، ئەمما ئىشلەتكەن تىلنىڭ تونىدا ئۆزگىرىشى بار».