كورلادىكى ئاچا-سىڭىل مەھكۇملاردىن مەلىكەزات بىلەن پاتىگۈلنىڭ سانجى ئاياللار تۈرمىسىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلىقى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2022.01.20
كورلادىكى ئاچا-سىڭىل مەھكۇملاردىن مەلىكەزات بىلەن پاتىگۈلنىڭ سانجى ئاياللار تۈرمىسىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلىقى دەلىللەندى سانجى ئاياللار تۈرمىسىنىڭ 3 - ۋە 6-ئەترىتىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ئاچا-سىڭىل پاتىگۈل مەمەت(ئوڭدا) بىلەن مەلىكىزات مەمەت.
Oqurmen teminligen

كورلا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر ئائىلىدىكى 5 ئايال ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمنامىسىدە ئاچا-سىڭىللاردىن مەلىكەزات مەمەت، زاھىرە مەمەت ۋە پاتىگۈل مەمەتلەرنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 20 يىل، 15 يىل ۋە 7 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكى، ئائىلىدىكى كېلىن بوستان ئىبراھىمنىڭ بولسا 19 يىللىق كېسىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان. ھۆكۈمنامىدە 78 ياشلىق خەلچەم پازىلنىڭ كېسىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ جازا مۇددىتى تىلغا ئېلىنمىغان ۋە مەھۇملارنىڭ جازا مۇددىتىنى قەيەردە ئۆتەۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، بۇلاردىن مەلىكەزات مەمەت بىلەن پاتگۈل مەمەتنىڭ سانجى ئاياللار تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى تۈرمە خادىملىرى تەرىپىدىن دەلىللەندى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، مەزكۇر ھۆكۈمنامىدا 1984 ‏-يىلى تۇغۇلغان مەلىكەزات مەمەتنىڭ ئاتالمىش «مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش»، «توپلىشىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش» ۋە «قانات ئاستىغا ئېلىش» جىنايەتلىرى بىلەن جەمئىي 20 يىللىق كېسىلگەنلىكى؛ 1969‏-يىلى تۇغۇلغان پاتىگۈل مەمەتنىڭ ئاتالمىش «توپلىشىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش» جىنايىتى بىلەن 7 يىللىق كېسىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان. ھۆكۈمنامىدە مەلىكەزاتنىڭ ئاتالمىش جىنايىتىگە «تەبلىغ ئاڭلىغانلىقى» ۋە «تەبلىغ ئۈچۈن ئۆي تەمىنلىگەنلىكى»، پاتىگۈلنىڭكىگە بولسا «تەبلىغ ئاڭلىغانلىقى» پاكىت قىلىنغان. ھۆكۈمنامىدە يەنە پاتىگۈلنىڭ ئاتالمىش «جىنايىتىنى بالدۇر ۋە تولۇق تاپشۇرغانلىقى» ۋە «جىنايىتىگە قاتتىق پۇشايمان قىلغانلىقى» ئۈچۈن يېنىكلىتىپ جازالانغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ھۆكۈمنامىدە يەنە مەلىكەزاتنىڭ بىر ئائىلە ئايالى ئىكەنلىكى، پاتىگۈلنىڭ بولسا كورلا شەھەر تېكىچى يېزىلىق مال دوختۇرخانىسىنىڭ خادىمى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. شۇڭا بىز ئالدى بىلەن تېكىچى يېزىلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق. ئالاقىدار خادىملار، پاتىگۈل مەمەت ھەققىدە ھەرقانداق بىر مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

كورلا شەھەرلىك تەپتىش مەھكىسىنىڭ ئەيىپنامىسىدە مەزكۇر بەش ئايال توپلىشىپ ئاڭلىغان تەبلىغدىكى «ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكى، شۇنداقلا ناماز ۋە ھىجاپلىنىشنىڭ ئەھمىيىتى» توغرىلىق مەزمۇننىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە ياتىدىغانلىقى، بۇنداق «تەبلىغقە سورۇن ھازىرلاپ بېرىش» نىڭ «ج خ ج جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 290 ‏-ۋە 249 ‏-ماددىسى بويىچە «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» ۋە «توپلىشىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش» جىنايىتىنى شەكىللەندۈرۈىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. بۇ ئەيىبنامىگە پەزىلەت مەمتىمىن ئىسىلىك بىر تەپتىشنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان.

كورلا تەپتىش مەھكىمىسىمۇ مەزكۇر تەپتىش پەزىلەت مەمتىمىن بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپىمىزنى رەت قىلدى. ئەمما خادىملارنىڭ رەت جاۋاپلىرى ئارسىدىن، كورلادىن كېسىلگەن ئايال مەكۇملارنىڭ ئاز دېگەندە بىر قىسىمىنىڭ سانجىدىكى بىر تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. بۇنىڭ بىلەن بىز سانجى ئاياللار تۈرمىسىگە تېلېفون قىلدۇق. ئالاقىدار خادىملاردىن بىرى، مەزكۇر بەش ئايالنىڭ تۈرمەنىڭ قايسى رايونلىرىدا ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، ئۇلارنىڭ كىملىك نومۇرلىرىنى دەپ بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلدى. مەزكۇر خادىم بىز تەمىنلىگەن كىملىك نومۇرىغا ئاساسەن مەلىكەزات مەمەتنىڭ 3-رايوندا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە ئارخىپتىكى مەلۇماتلارغا ئاساسەن، مەلىكىزاتنىڭ بۇ يىل 37 ياش ئىكەنلىكى، جازا مۇددىتىنىڭ 20 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى دەلىللىدى. ئۇ يەنە مەھكۇم پاتىگۈل مەمەتنىڭ بۇ تۈرمىنىڭ 6-رايونىدا جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاش بىلەن بىرلىكتە، يېشىنىڭ 52 ياش ئىكەنلىكى، جازا مۇددىتىنىڭ 7 يىل ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

مەزكۇر سوت ھۆكۈمى ۋە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلارغا ئارتىلغان مەزكۇر ئاتالمىش «جىنايەت» 2013 يىلى، يەنى مەھكۇملار تۇتقۇن قىلىنىشتىن 6 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن ئىشلار ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.